بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن ئىدى:
«تۆشىكىڭگە ياتماقچى بولغىنىڭدا، خۇددى نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالغىن، ئاندىن ئوڭ تەرىپىڭگە يانچىلاپ ياتقىن ۋە مۇنۇ دۇئانى ئوقۇغىن: ((اللهُمَّ أسلَمتُ وجهي إليكَ، وفَوَّضتُ أمري إليكَ، وألجَأتُ ظَهري إليكَ، رَغبةً ورَهبةً إليكَ، لا مَلجَأَ ولا مَنجا مِنكَ إلَّا إليكَ، اللهُمَّ آمَنتُ بكِتابِكَ الذي أنزَلتَ، وبِنَبيِّكَ الذي أرسَلتَ)) ‹ئاللاھۇممە ئەسلەمتۇ نەفسىي ئىلەيكە، ۋە فەۋۋەزتۇ ئەمرىي ئىلەيكە، ۋە ئەلجەتۇ زاھرىي ئىلەيكە، رەغبەتەن ۋە رەھبەتەن ئىلەيكە، لا مەلجەئە ۋە لا مەنجا مىنكە ئىللا ئىلەيكە. ئامەنتۇ بىكىتابىكەللەزى ئەنزەلتە، ۋە نەبىييىكەللەزى ئەرسەلتە›.
(تەرجىمىسى: ئى ئاللاھ! نەپسىمنى ساڭا تەسلىم قىلدىم، ئىشىمنى ساڭا تاپشۇردۇم، دۈمبەمنى (يۆلەنچۈكۈمنى) سېنىڭ ھىمايەڭگە تىيىدىم. (بۇلارنىڭ ھەممىسى) ساڭا بولغان رەغبىتىم ۋە سەندىن بولغان قورقۇنچۇم بىلەندۇر. سەندىن (قېچىپ) پاناھلىنىدىغان ۋە قۇتۇلىدىغان جاي يەنىلا پەقەت سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر. چۈشۈرگەن كىتابىڭغا ۋە ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭگە ئىمان ئېيتتىم).»
بارائ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
«مەن بۇ دۇئانى يادلىۋېلىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىدا قايتۇرۇپ ئوقۇپ بەردىم. ‹ۋە نەبىييىكەللەزى ئەرسەلتە› (سەن ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭگە) دېگەن يەرگە كەلگىنىمدە، ‹ۋە رەسۇلىكەللەزى ئەرسەلتە› (سەن ئەۋەتكەن ئەلچىڭگە) دەپ ئوقۇدۇم (يەنى «نەبى» سۆزىنىڭ ئورنىغا «رەسۇل» سۆزىنى ئىشلەتتىم).
بۇنىڭغا جاۋابەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (كۆكسۈمگە قولى بىلەن ئۇرۇپ) مۇنداق دېدى: «ياق، ‹ۋە نەبىييىكەللەزى ئەرسەلتە› (سەن ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭگە) دەيسەن.» hedisim.com (بۇخارى: 247؛ مۇسلىم: 2710)
