يۈز ۋە قولنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى ھەدىس بەك زەئىپ

يۈز ۋە قولنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى ھەدىس بەك زەئىپ

يۈز ۋە قولنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى ھەدىس سەھىھمۇ؟

مۇجتەھىدلەر تورى |  mujtehid.com

سوئال: «قىز بالا بويىغا يەتسە، ئۇنىڭ يۈزى بىلەن قولىدىن باشقا يېرىنىڭ (نامەھرەم بار يەردە) ئوچۇق بولۇشى دۇرۇس ئەمەس» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ يوق؟

جاۋاب: بۇ ھەقتىكى ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد (4104) ۋەلىدتىن، ئۇ سەئىد ئىبنى بەشىردىن، ئۇ قەتادەدىن، ئۇ خالىد ئىبنى دۇرەيكتىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ: ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا نېپىز كىيىم بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كىرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرۈۋېلىپ «ئى ئەسما! قىز بالا بالاغەتكە يەتسە بۇنىڭ بىلەن بۇنى (نامەھرەمگە) كۆرسىتىشى دۇرۇس ئەمەس» دەپ يۈزى بىلەن قولىغا ئىشارەت قىلىدۇ. (ئەبۇداۋۇد 4104)[عن الْوَلِيدُ عَنْ سَعِيدِ بْنِ بَشِيرٍ عَنْقَتَادَةَ عَنْ خَالِد بْنِ دُرَيْكٍ عَنْ عَائِشَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهَا أَنَّ أَسْمَاءَ بِنْتَ أَبِي بَكْرٍ دَخَلَتْ عَلَى رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَعَلَيْهَا ثِيَابٌ رِقَاقٌ فَأَعْرَضَ عَنْهَا رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَقَالَ : يَا أَسْمَاءُ إِنَّ الْمَرْأَةَ إِذَا بَلَغَتْ الْمَحِيضَ لَمْ تَصْلُحْ أَنْ يُرَى مِنْهَا إِلا هَذَا وَهَذَا- وَأَشَارَ إِلَى وَجْهِهِ وَكَفَّيْهِ.- رواه أبو داوود (4104)]

ئىمام ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىپ ئارقىسىدىن: بۇ ھەدىس مۇرسەل. ھەدىس راۋىيسى خالىد ئىبنى دۇرەيك ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى كۆرمىگەن، دېگەن.

بۇ ھەدىس زەئىپتۇر، دەلىلگە يارىمايدۇ. ھەدىسنىڭ زەئىپلىك سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:

(1) ھەدىسنىڭ ئىسنادى ئۈزۈك (يەنى بۇ ھەدىس مۇنقەتىئ). ئىمام ئەبۇ داۋۇد «بۇ ھەدىس مۇرسەل. ھەدىس راۋىيسى خالىد ئىبنى دۇرەيك ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى كۆرمىگەن» دېگەن.

(2) بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە سەئىد ئىبنى بەشىر ئەل ئەزدى ـــ ئەبۇ ئابدۇرراھمان بار. بەزى ھەدىس ئالىملىرى ئۇنى ئىشەنچىلىك دېگەن بولسىمۇ. ئىمام ئەھمەد، ئىبنى مەئىن، ئىبنى مەدىنىي، نەسائىي، ھاكىم ۋە ئەبۇ داۋۇد قاتارلىق ھەدىس ئىماملىرى ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرنى زەئىپ دېگەن.

مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى نۇمەير ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: ئۇنىڭ ھەدىسى ئىنكار قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ھەدىسلىرى ھېچنېمىگە يارىمايدۇ، ھەدىس رىۋايىتىدە ئىنشەچىلىك ئەمەس. ئۇ قەتادەدىن مۇنكەر رىۋايەتلەرنى نەقىل قىلغان.

ئىمام ئىبنى ھىببان ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچار، رىۋايىتىدە چوڭ خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ.

ئىمام ئىبنى ھەجەر ئۇنى «زەئىپ» دېگەن.

(3) بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە (يۇقارقىدە زەئىپ راۋىيلاردىن باشقا) يەنە قەتادە بولۇپ، ئۇ مۇدەللەستۇر. ئۇ بۇ ھەدىسنى باشقىسىدىن ئاڭلىغانلىقى توغرۇلۇق ئېنىق سۆز قىلمىغان. بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە يەنە ۋەلىد ئىبنى مۇسلىم بار. ئۇ توغرۇلۇق ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: ئۇ ئىشنەنچىلىك، ئەمما ئوخشاشلا مۇدەللەس. ئۇ بۇ ھەدىسنى باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىقىنى ئېنىق بايان قىلمىغان.

ھەدىس سەنەدىدە مانا مۇشۇنداق نەچچىلىگەن ئىللەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەدىس زەئىپ ھەدىستۇر.(انظر فتاوى اللجنة الدائمة ( مجلة البحوث 21/68))

ئائىشە ئانىمىزنىڭ سۆزلىگەنلىكىگە نىسبەت بېرىلگەن يۇقارقى زەئىپ ھەدىس توغرىسىدا ئىمام ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دېگەن: شۇنداقلا بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىدىن سەئىد ئىبنى بەشىر ئەبۇ ئابدۇراھمان بۇسرى ھەققىدە بىردىن كۆپ سەلبىي باھا مەۋجۇت.[ قال ابن القطان : ومع هذا فخالد مجهول الحال ، قال المنذري : وفيه أيضا سعيد بن بشير أبو عبد الرحمن البصري نزيل دمشق مولىبني نضر ، تكلم فيه غير واحد-][نصب الراية في تخريج أحاديث الهداية-412]

شەيخ بىن باز بۇ ھەدىسنى بىر نەچچە جەھەتتىن بەك زەئىپ دەپ باھالىغان.[ وأنه ضعيف جداً من وجوه كثيرة…] شەيخ ئىبنى بازنىڭ «قىز بالا بالاغەتكە يەتسە بۇنىڭ بىلەن بۇنى (نامەھرەمگە) كۆرسىتىشى دۇرۇس ئەمەس» ھەدىسنى زەئىپ دەپ باھالىشى: https://www.binbaz.org.sa/noor/2684

زامانىمىزنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋە مۆتىۋەر مۇھەددىسى ئابدۇلمۇھسىن ئابباد ھافىزەھۇللاھ شەيخ ئىبنى بازنى «كاتتا فەقىھ ۋە مۇھەددىستۇر» دەپ باھالىغان.
مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=1aQcS2d4oOU (بەش مىنۇت، 42 – سېكونتلۇق بۆلىكىدىن باشلاپ ئاڭلاڭ)

ئەسما ئانىمىزدا ۋە باشقا بارچە ئايال ساھابىلەردە نامەھرەملەر ئالدىدا نېپىز كىيىم بىلەن سىرتلاردا يۈرىدىغان ھالەت ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغان ئەمەس.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماستىن، بۇ ھەدىسنى سەھىھ ياكى بۇ ھەقتىكى باشقا رىۋايەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن كۈچلەنگەن دەپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، ئالىملار بۇ ھەدىستىكى ۋەقەلىكنىڭ ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىمام ئىبنى قۇدامە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىگە كەلسەك، (ئۇنى زەئىپ ئەمەستى، سەھىھ ئىدى دەپ تۇرغان تەقدىردىمۇ) بۇ ھەدىستىكىسى ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئىش دەپ چۈشىنىلىدۇ.»

ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، ھەدىستىكى ئەھۋال ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ.»[ كتاب عودة الحجاب (3/336)]

(ھەدىستىكى يۇقارقىدەك نەچچىلىگەن زەئىپلىكتىن سىرت) ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەدىستىكى ئەھۋالنىڭ تولىمۇ غەيرى بىر ئەھۋاللىقىنى تونۇپ يېتىمىز. چۈنكى، ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا تولىمۇ تەقۋا ۋە ئەخلاقلىق ئايال بولۇپ، ئۇ يۇقارقى زەئىپ ھەدىستىكىدەك نېپىز كىيىم بىلەن يۈرىدىغان، ھەم بۇنداق كىيىم بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كىرىدىغان ئايال ئەمەس.
ئايەت ھەدىسكە ئۇيغۇن بولغان توغرا قاراش، ئايال كىشىنىڭ نامەھرەملەر بار يەردە پۈتۈن بەدىنىنى ئورىشىنىڭ ۋاجىبلىقىدۇر. (ئىسلام سوئال-جاۋابلىرى تورىنىڭ 23496-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)

يۈز ۋە قولنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكىگە خاتا ھالدا دەلىل قىلىنىدىغان ھەدىس ئەسما ئانىمىزغا نىسبەت بېرىلگەن زەئىپ ھەدىس بولۇپ، سەھىھ ھەدىستە ئەسما ئانىمىزنىڭ ھەج – ئۆمرىدىمۇ يۈز ياپقانلىقىنى بايان قىلىنغان.

(بۈيۈك ساھابە زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ نەۋرىسى، ئايال تابىئىن ئالىمە) فاتىمە بىتنى مۇنزىر (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: ((كُنَّا نُخَمِّرُ وُجُوهَنَا وَنَحْنُ مُحْرِمَاتٌ، وَنَحْنُ مَعَ أَسْمَاءَ بِنْتِ أَبِي بَكْرٍ الصِّدِّيقِ)) «بىز ئېھراملىق ھالەتتە يۈزىمىزنى ياپاتتۇق. بىز (ئېھراملىق ۋە يۈز ياپقان ھالەتتە) ئەسما بىتنى ئەبۇ بەكرى سىددىقمۇ بىز بىلەن بىللە ئىدۇق.» (مالىك: مۇۋەتتا 224، 724؛ ھاكىم: مۇستەدرەك 1\454؛ سەھىھ ھەدىس) * ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ قىزى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا — فاتىمە بىنتى مۇنزىرنىڭ چوڭ ئانىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇشۇ ئەسەرنى نەقىل قىلغان فاتىمە بىنتى مۇنزىرنىڭ ئېرى ھىشام ئىبنى ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرنىڭمۇ چوڭ ئانىسىدۇر. (شرح الزرقاني على الموطأ ٢/٣٤٩)

(بۈيۈك تابىئىن ئايال ئالىمەسى) فاتىمە بىنتى مۇنزىر چوڭ ئانىسى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ((كُنَّا نُغَطِّيَ وُجُوهَنَا مِنَ الرِّجَالِ، وَكُنَّا نَتَمَشَّطُ قَبْلَ ذَلِكَ فِي الْإِحْرَامِ)) «بىز (ئېھراملىق ھالىتىمىزدە) يات ئەرلەردىن يۈزىمىزنى ياپاتتۇق. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىھراملىق ھالىتىمىزدە چېچىمىزنى تارايتتۇق.» hedisim.om (سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە 4\203؛ ھاكىم: مۇستەدرەك 1668؛ ئىمام ھاكىم بۇ ھەدىسنى «بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان سەھىھ ھەدىس» دېگەن، ئىمام زەھەبىيمۇ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ باھالىغان. ئىمام ئەلبانى بۇ ھەدىسنى « في إرواء الغليل ٤/ ٢١٢» دە سەھىھ دېگەن) | 

* رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان بەزى خانىم – قىزلار رەسۇلۇللاھنىڭ «ھەج – ئۆمرىگە ئىھرام باغلىغان ئايال نىقاپ تاقىمىسۇن، پەلەي كىيمىسۇن» دېگەن سۆزىنى  «ئاياللار ھەج – ئۆمرىدە يۈز ياپمايدىغان ئوخشايدۇ» دەپ چۈشىنىپ قالغان. شۇنداقلا ھەج – ئۆمرىدە چاچ چۈشۈرۈش چەكلىنىدىغان بولغاچقا، بەزى مۇسۇلمان خانىم – قىزلار ھەج ئۆمرىدە چاچ تارىساق، بەزى چاچلىرىمىز بېشىمىزدىن يۇلۇنۇپ چىقىپ كېتىدۇ، نەتىجىدە ھەج – ئۆمرىدە چاچ چۈشۈرۈش چەكلىمىسىگە رىئايە قىلمىغان بولىمىز دەپ ئويلاپ قالغان. نەتىجىدە، ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ شۈبھىنى يوق قىلىش، توغرا يولنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدىكى ساھابە خانىم – قىزلارنىڭ ئىھراملىق ھالەتتە يۈز يېپىشى لازىملىقىنى، چاچ تارىشى دۇرۇسلۇقىنى بىلدۈرۈپ يۇقىرىقىدەك دېگەن.


مۇناسىۋەتلىك تېما:

يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكى توغرۇلۇق ئايەت، ھەدىس ۋە تەپسىردىن دەلىللەر

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ