ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۈچ تۈرلۈك كىشى باردۇر، قىيامەت كۈنى ئاللاھ بۇنداقلارغا گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ ۋە ئۇلارنى (گۇناھتىن) پاكلىمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن دەھشەتلىك ئازاب (دوزاخ) بار» دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئەبۇ زەر «بۇ كىشىلەر ئازابقا ئۇچراپ ھالاك بولدى. (بۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشى) كىم ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: (ئۇلار) «ئىشتاننى (ھوشۇقتىن ساڭگىلىتىپ) ئۇزۇن كىيگۈچى، قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەت قىلغۇچى، مېلىنى يالغان قەسەم بىلەن سېتىشقا ئورۇنغان كىشىدۇر» دېدى. ئىمام مۇسلىمدىن كەلگەن رىۋايەتتە «ئاستىغا كىيگەن كىيىمىنىڭ ئېتىكىنى (پۇچقىقىنى) سۆرەلدۈرۈپ كىيگۈچى» دېيىلگەن. hedisim.com(مۇسلىم 106-نومۇرلۇق ھەدىس؛ رىيازۇس سالىھىن 794)
