قۇرئاندا ھىجاپنىڭ پەرزلىكىنى بىلدۈرىدىغان بەش ئايەت بار

قۇرئاندا ھىجابنىڭ پەرزلىكىنى بىلدۈرىدىغان بەش ئايەت بار — ئەللامە مۇھەممەد ھەسەن دۇرەيئى رەھىمەھۇللاھ

ئىزدەش كەلىمىلىرى: يۈز يېپىش، قۇرئاندا يۈز يېپىش ھەققىدە ئايەت بارمۇ، يۈز يېپىش پەرزمۇ، يۈز ئەۋرەتمۇ؟

مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەشھۇر ئالىم، ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن دۇرەيئى (2022 – يىلى ۋاپات بولغان) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:

يۈز يېپىش مەسىلىسىدە، «قۇرئاندا يۈز ياپىدىغان ھۆكۈم يوق» دېگەنلەر قۇرئانغا زۇلۇم قىلدى ۋە قۇرئانغا نىسبەتەن خاتا يول تۇتتى. ئۇلار قۇرئاننى چوڭقۇر بىلمىگەندىكىن، نېمىشقا (بىلمىگەن ئىشىدا ھۆكۈم قىلىپ «قۇرئاندا يۈز يېپىش يوق») دەيدۇ؟
قۇرئان كەرىمدە نامەھرەملەرنىڭ ئالدىدا يۈزنى ۋە ئاياللارنىڭ پۈتۈن ئەزالىرىنى ياپىدىغان پەردىنىڭ (ھىجابنىڭ) ۋاجىپلىقى بايان قىلىنغان. قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە بەش ئايەت كەلگەن بولۇپ، ھەر بىر ئايەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش مەنىنى (يەنى يۈز يېپىشنى ۋە پۈتۈن بەدەننى يېپىشنى) ئىپادىلەيدۇ:

بىرىنچى ئايەت:
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَرْنَ فِي بُيُوتِكُنَّ وَلَا تَبَرَّجْنَ تَبَرُّجَ الْجَاهِلِيَّةِ الْأُولَىٰ﴾ ﴿ئۆيۈڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك تەبەررۇج قىلماڭلار (زىننەتلىرىڭلارنى ئاشكارىلىماڭلار.)﴾ (سۈرە ئەھزاب، 33-ئايەت) «تەبەررۇج» (تەبەررُج) دېمەك — نامەھرەملەرنىڭ ئالدىدا زىننەتلىرىنى كۆرسىتىش دېمەكتۇر. ئەگەر يۈز زىننەت بولمىسا، ئۇنداقتا يەنە قانداق نەرسە زىننەت بولسۇن؟ بۇ ئىنتايىن غەلىتە ئىش، كىشىلەر ھەقىقەتلەرنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ ياكى بىلمەيۋاتىدۇ.

ئىككىنچى ئايەت:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَاعًا فَاسْأَلُوهُنَّ مِن وَرَاءِ حِجَابٍ ۚ ذَٰلِكُمْ أَطْهَرُ لِقُلُوبِكُمْ وَقُلُوبِهِنَّ﴾ ﴿ئەگەر سىلەر ئاياللاردىن بىرەر نەرسە سورىساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراڭلار! بۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ قەلبلىرىڭلار ئۈچۈنمۇ، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر.﴾ (سۈرە ئەھزاب، 53-ئايەت)
مادامىكى ئاللاھ تائالا دۇنيادىكى ئەڭ پاكىز ئەۋلاد بولغان ساھابىلەرنى مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرى بىلەن پەردە ئارقىسىدىن سۆزلىشىشكە بۇيرۇغان ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغان باشقىلارغا بۇ ھۆكۈم تېخىمۇ زۆرۈر ئەمەسمۇ؟
(رەببانىي ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: ئاياللار يات ئەرلەر بىلەن سۆزلەشكەندە، ئۇلار بىلەن ئېلىم – بېرىم قىلغاندا يۈزى ئوچۇق تۇرۇشىنىڭ جائىز ئەمەسلىكىدە مۇشۇ ئايەت دەلىلدۇر. شۇنداقلا ئايەتتىكى «بۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ قەبلىڭلار ئۈچۈنمۇ، ئۇلارنىڭ قەلبى ئۈچۈنمۇ پاكتۇر» دېگەن جۈملىدىن، بۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بارچە ھۆر مۆمىنە خانىم – قىزلار ئۈچۈن پەرز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى،  ئايەتتە يات ئەرلەرگە ھىجاپ ئارقىسىدا تۇرۇپ مۇخاتاپ بولۇشنىڭ نەتىجىسىنىڭ قەلبنىڭ پاك تۇرۇشى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي پىكىرىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغان بىدئەتچى كىشىلەر، ياكى ئايەتنىڭ باش ئاخىرىنى باغلاشنى بىلمەيدىغان نادان كىشىلەر دېگەندەك «بۇ ئايەت مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىغا — يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىغا خاس» بولسا، قەلبنىڭ پاكلىقىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرىغا خاس، باشقا ئاياللىرىغا خاس ئەمەس بولغان بولۇپ قالىدۇ. باشقا ئاياللار يات ئەرلەرگە مۇخاتاپ بولغاندا ياكى كۆرۈنگەندە يۈز ۋە بەدەننى تولۇق ياپىدىغان كامىل ھىجاپقا ئەھمىيەت بەرمىسىمۇ، قەلبىنى پاك تۇتمىسىمۇ بولىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئايەتتە ھىجاپلىنىش قەلب پاكلىقىغا باغلانغان ئىكەن، ئايەتنىڭ ھۆكمى ھەم رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرىغا، ھەم ئۈممەتنىڭ باشقا بارچە خانىم – قىزلىرىغا ئومۇمىيدۇر. ئۇلارنىڭمۇ ھەم ھىجاپلىنىش، ھەم قەلبىنى پاك تۇتۇش مەجبۇرىيىتى بار. نامەھرەمگە يۈزنى ئاچماسلىق قەلبنىڭ پاك بولۇشىدىكى زۆرۈر شەرتتۇر. ئاللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆكمى مانا بۇدۇر.- تەرجىماندىن)

ئۈچىنچى ئايەت:
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ أَوْ آبَاءِ بُعُولَتِهِنَّ﴾ ﴿ئۇلار (ئاياللار) زىننەتلىرىنى (ياتلارغا) كۆرسەتمىسۇن. پەقەت ئەرلىرىگە، ئاتىلىرىغا… (ۋە باشقا مەھرەملىرىگە كۆرسەتسە بولىدۇ.)﴾ (سۈرە نۇر، 31-ئايەت) ئالىملار بۇ ئايەتتىكى مۇستەسنا قىلىنغانلاردىن (يەنى مەھرەملەردىن) باشقىلارغا زىننەتنى كۆرسىتىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان. ئەگەر كىشىلەر ئۈچۈن بۇ ئايەتنى «تەدەببۇر» (چوڭقۇر پىكىر) قىلىش پۇرسىتى بولسا، بۇنىڭ يۈزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىنتايىن ئېنىق ئايەت ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايتتى.

(يەنى سۈرە نۇرنىڭ 31 – ئايىتىدە زىننەت كەلىمىسى ئۈچ يەردە چىقىدۇ.

باشتا {وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا}«ئوچۇق زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن» دەپ كېلىدۇ. بۇ ھەقتە «ئوچۇق زىننەت يۈز ۋە قولدۇر» دېگەن كىشىلەر، شۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى {وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ} «زىننەتلىرىنى ئاشكارلىمىسۇن، لېكىن ئېرىگە ياكى دادىلىرىغا …. ئاشكارلىكىسا بولىدۇ} دېگەن جۈملىدىكى «زىننەت»نى، يەنى يوشۇرۇن زىننەتنى يەنە «يۈز ۋە قول» دەپ چۈشەندۈرەلەمدۇ؟ ياق ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر يوشۇرۇن زىننەتنىمۇ «يۈز ۋە قول» دەپ چۈشەندۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئۇ چاغدا «ئېرىگە، دادىسىغا، ئوغۇللىرىغا…» يۈز ۋە قولىدىن باشقا يېرىنى ئاچسا بولمايدۇ، دېگەن ھۆكۈم چىقىپ قالىدۇ. ئايەتنىڭ داۋامىدا ئۈچىنچى يەردە يەنە «زىننەت» دەپ چىقىدۇ.
مەزكۇر ئايەتتە بىرىنچى قېتىم تىلغا ئېلىنغان زىننەت ئاشكارە زىننەت بولۇپ، ئۇ توغرا تەبىر بويىچە ئايال كىشىنىڭ سىرتقى كىيىمىدۇر.  ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان كېيىنكى ئىككى زىننەت يوشۇرۇن زىننەت بولۇپ، بۇ يوشۇرۇن زىننەت ئايال كىشىنىڭ يۈزى، قولى ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقايدىغان بىلەك، پاچاق، بويۇن، قۇلاققا ئوخشاش ئەزالىرىدۇر. خاتا ھالدا «يۈز يېپىش ۋاجىپ\ پەرز ئەمەس» دېگەنلەر بۇ ئايەتتىكى ئاشكارا زىننەتنىڭ نېمىلىكىنى ئېنىق بىلەلمەي، ئاشكارا زىننەتكە يوشۇرۇن زىننەتنىڭ تەبىرىنى بېرىپ، بۇ جەھەتتىكى ھەقنى قولدىن بېرىپ قويغان. ئايەتتە چىققان ئۈچ زىننەتتىن نېمىلەرنىڭ مەقسەت قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە سەگەكلىك بىلەن ئىزدەنمەستىنلا مەزھەپ تەرەپبازلىقىغا، ياكى زەئىپ ھەدىسلەرگە ئېسىلىۋېلىپ، ھەقنى تېپىشتا كەتكۈزۈپ قويغان. ئەڭ توغرا نىيەتلىكلىرىمۇ ئايەتنى، ئۇنىڭ تەپسىرىنى ۋە بۇ ھەقتىكى سەھىھ ھەدىسلەرنى ماسلاشتۇرۇپ چۈشىنىشتە يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن ئاجىز كەلگەن. ئەڭ چاتاق يېرى، يۈز يېپىش پەرز ئەمەس دەپ قاتتىق خاتالاشقانلار ھىجاپنىڭ پەرز قىلىنىشىدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئەھۋاللارنى ئىنچىلىكىلىك بىلەن ئايرىپ مۇئامىلە قىلماي، ھىجاپ ئايىتىدىن كېيىن ۋە كۈنىمىزگىچە كۈچكە ئىگە بولغان يۈز يېپىش بۇيرۇقىغا، ھىجاپ ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرىكى يۈزنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى سۆرەپ ئەكىلىپ، زورلاپ دەلىل قىلىشقا تىرىشىپ تارىخنى ئوڭتەي – توڭتەي قىلىپ ھەقتىن تېيىلىپ كەتكەن. خەئسەمىيەلىك ئايال ساھابە ھەققىدە كەلگەن ھەدىستىكى بەزى ئىبارىلەرگە قاراپ ئالدىراپلا «ئۇ ئايالنىڭ يۈزى ئوچۇق ئىدى» دەپ شەخسىي چۈشەنچىسىگە ئەگىشىپ كەتكەن، شۇ ھەقتىكى ھەدىسكە ئۆز چۈشەنچىسى بىلەن مەنە بېرىپ، يۈز يېپىش مەسىلىسىدە ھەقتىن تامامەن چەك ئايرىغان، ئەجەللىك خاتالىققا چوڭقۇر پاتقان.

{وَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِهِنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِن زِينَتِهِنَّ} {زىننەتلىرىدىن يوشۇرۇن تۇرغانلىرىنىڭ بىلنىشىشى ئۈچۈن پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن.} جاھىلىيەتتىكى بۇزۇق ئاياللار يات ئەرلەرنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن پۇتىغا تاقىغان، كىيىمىنىڭ ئاستىدا يوشۇرۇن تۇرىدىغان زىننىتىنىڭ ئاۋاز چىقىرىپ يات ئەرلەرنى جەلپ قىلىشى ئۈچۈن پۇتىنى يەرگە ئۇراتتى، نەتىجىدە پۇتىغا تاقىغان خالخال – بىلەيزۈكلىرىدىن جىرىڭشىغا ئاۋاز چىقاتتى. ئاللاھ دەل مۇشۇ ئاۋازنى توسىۋاتىدۇ. مۇشۇ ئاۋاز ئارقىلىق ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشتىن مۆمىنە ئاياللارنى توسىۋاتىدۇ.  ئايەتنىڭ بۇ جۈملىسىدىكى يوشۇرۇن زىننەت ئايال كىشىنىڭ پۇتىغا تاقىغان خالخال – بىلەيزۈكلىرىنى كۆرسىتىدۇ. قۇرئان قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە. ھازىر پۇتقا بىلەزۈك تاقايدىغان ئىش ئاساسەن يوق. ئۇنداق ئىكەن، ئايال كىشى ئايىقىنىڭ ئىچىگە كەيگەن پايپاق ۋەھاكازالىرىنى يات ئەرگە كۆرسەتسە بولمايدۇ. چۈنكى، پۇتقا تاقىغان خالخال – بىلەيزۈكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشتىن چەكلىگەن ئاللاھ، پۇتنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشتىن چەكلىمەمدۇ، ياكى پۇتقا كىيگەن جەزبىدار پايپاقلاردىن چەكلىمەمدۇ؟ ئايال كىشىنىڭ پۇتىغا تاقىغان زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ئاۋازىنى يات ئەرلەرگە بىلنەشتۈرۈشتىن چەكلىگەن ئاللاھ، ئايال كىشىنىڭ ئاۋازىنى، بولۇپمۇ چىرايلىق، يۇمشاق، جەلىپكار ئاۋازىنى يات ئەردىن چەكلىمەمدۇ؟ زىننەت بۇيۇمىدىن ئىبارەت بىر جانسىز تۆمۈر – تەسەكنىڭ بىر – بىرىگە ئۇرۇلغان ئاۋازىدىن چەكلىگەن ئاللاھ، ئايال كىشىنىڭ ئەڭ گۈزەل جايى بولغان يۈزىنى، قاش – قاپاق، لەۋلىرىنى، يۇمران قوللىرىنى ۋە پۇتلىرىنى يات ئەرگە كۆرسىتشتىن چەكلىمەمدۇ؟ بۇ ئايەت ئەقىل ئىگىلىرىگە ئەنە شۇنداق خىتاپ قىلىۋاتىدۇ. تۆمۈر – تەسەك زىننەت بۇيۇمىدىن چىققان ئاۋازنى يات ئەرنىڭ قۇلىقىغا ئاڭلىتىشتىن چەكلىگەن ئاللاھ، ئايال كىشىنىڭ يۈز كۆزىنى يات ئەرگە كۆرسىتىشىدىن چەكلىمەمدۇ؟

بۇ ئايەتتىكى بىرىنچى زىننەت ئاشكارە زىننەتنى بايان قىلىدۇ، ئاشكارە زىننەت — ئايال كىشى سىرتقا چىققاندا تېىشغا كىيىدىغان كىيىم – كېچەكتۇر.
سۈرە نۇرنىڭ 31 – ئايىتىدىكى «كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان زىننەت»نىڭ كىيىم ئىكەنلىكىنى ئىبنى مەسئۇد ۋە باشقا ساھابە، تابىئىنلار بايان قىلغان. بۇ سەھىھ ھۆكۈم بولۇپ، «كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان زىننەت» نىڭ — يەنى ئاشكارا زىننەتنىڭ كىيىم ئىكەنلىكى سۈرە ئەئرافنىڭ 31 – ئايىتى ئارقىلىق سابىتتۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ: {يَا بَنِي آدَمَ خُذُوا زِينَتَكُمْ عِندَ كُلِّ مَسْجِدٍ} {ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر نامازدا زىننىتىڭلارنى (يەنى كىيىمىڭلارنى) كىيىڭلار} (ئەئراف سۈرىسى، 31-ئايەتتىن)

ئايەتتىكى ئىككىنچى زىننەت – ئايال كىشىنىڭ يۈزىنى، قولىنى ۋە بويۇن باشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، ھىجاپ ئايىتىنىڭ ھېكمىتىنى ۋە باش – ئايىقىنى چۈشەنمىگەنلەر خاتا ھالدا يوشۇرۇن زىننەتتىن ئىبارەت يۈز ۋە قولنى — ئاشكارا زىننەت دەپ داۋا قىلدى.
ئاللاھ بۇ ئايەتتە زىكىر قىلىنغان ئۈچىنچى زىننەتنى ئوچۇق قىلىپ «يوشۇرغان زىننەتلىرى» دەپ ئاتىدى.  بۇ ئايەتتە تۇنجى قېتىم تىلغان ئېلىنغان ئاشكارا زىننەتتىن باشقا  ئىككى زىننەت يوشۇرۇن زىننەتتۇر. كېيىنكى ئىككى يوشۇرۇن زىننەتتىن مەقسەت — ئايال كىشىنىڭ يۈز، قول، قاش، لەۋ، بويۇن، قۇلاق، بۇرۇن، بىلەك، پۇت ۋە پاچاق قاتارلىق زىننەت تاقىلىدىغان ئەزالىرىدۇر.
ئۈچىنچى زىننەتتە ئاللاھ «يوشۇرغان زىننىتىنىڭ بىلىنىشى ئۈچۈن پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن» دېدى. دېمەك، مۆمىنە ئايال كىشىنىڭ پۇتىغا تاقىغان زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ئاۋازىنى يات ئەرگە ئاڭلىتىشتىن توسقان ئاللاھ، ئۇنىڭ يۈزىنى يات ئەرگە كۆرسىتىشتىن ئەلۋەتتە توسىدۇ. ئايەتتىكى ئىككىنچى زىننەتتە ئاللاھ «بۇ زىننىتىنى ئەرلىرىگە، دادىلىرىغا كۆرسەتسە بولىدۇ…» دەۋاتىدۇ. ئەمما يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىنى ئاڭقىرالمىغانلار بۇ ئۈچ زىننەتنى ئايرىپ ۋە باغلاشتۇرۇپ چۈشىنىشتىن ئاجىز كەلگەن. ئۇلار ھىجاپ ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى يۈزنىڭ، قولنىڭ ئوچۇق تۇرغىنى ھەققىدىكى بىر نەچچە ھەدىسلەرگە ئېسىلىۋېلىپ، ئۇنى ھىجاپ ئايىتدىن كېيىنكى دەۋرلەرگىمۇ دەلىل قىلىپ ئوچۇقتىن ئوچۇق خاتالاشتى، نۇرغۇن پىتنە ۋە ھاراملارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى.

سۈرە نۇرنىڭ 31 – ئايىتىدىكى «كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئاشكارا زىننەت»نىڭ «يۈز بىلەن قول» ئەمەس، كىيىم ئىكەنلىكىنى ئىبنى مەسئۇد ۋە باشقا ساھابە، تابىئىنلار بايان قىلغان. بۇ سەھىھ ھۆكۈم بولۇپ، «كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان زىننەت»نىڭ كىيىم ئىكەنلىكى سۈرە ئەئرافنىڭ 31 – ئايىتى ئارقىلىق سابىتتۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ: {يَا بَنِي آدَمَ خُذُوا زِينَتَكُمْ عِندَ كُلِّ مَسْجِدٍ} {ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر نامازدا زىننىتىڭلارنى (يەنى كىيىمىڭلارنى) كىيىڭلار} (ئەئراف سۈرىسى، 31-ئايەتتىن)

بەزىلەر، رەسۇلۇللاھ ئەسما ئانىمىزغا «بالاغەتكە يەتكە ئايال يۈزى بىلەن قولىدىن باشقىسىنى ياتلارغا كۆرسەتسە بولمايدۇ دېگەن»، دېيىشىپ، بۇ ھەقتە كەلگەن ناھايىتى زەئىپ ھەدىسنى دەلىل قىلىۋالىدۇ. ئايەتنى ۋە سەھىھ دەلىللەرنى تاشلاپ، زەئىپ ھەدىسنى دەلىل دەپ ئەگىشىۋېلىش يا جاھىل، ياكى تەرەپباز، نەپسى – خاھىشىغا ئەگىشىدىغان كىشىلەرنىڭلا ئىشىدۇر. بۇ ھەقتىكى ھەدىسنىڭ زەئىپلىكى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنىڭ ئۇلىنىشى ماقالىنىڭ ئاخىرىغا قىستۇرما قىلىندى.

تۆتىنچى ئايەت:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُل لِّأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِن جَلَابِيبِهِنَّ ۚ﴾ ﴿ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، ئۇلار جىلباپلىرى (يەنى چۈمپەردىلىرى) بىلەن پۈتۈن بەدىنىنى ياپسۇن.﴾ (سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەت)

ئايەتتىكى «جەلابىيب» كەلىمىسى «جىلباب» كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈك شەكلى. ئۇنداقتا جىلباب دېگەن نېمە؟ ساھابە ئىبنى مەسئۇد، تابىئىنلاردىن ئۇبەيدە، قەتادە، ھەسەن بەسرى، سەئىد ئىبنى جۇبەير، ئىبراھىم نەخەئىي، ئاتا خۇراسانىي قاتارلىق بۈيۈك زاتلار  «جىلباب — خمارنىڭ (يەنى لېكچەكنىڭ) ئۈستىگە كىيىدىغان (بەدەننى پۈتۈنلەي ئورايدىغان) كىيىمدۇر» دېگەن. (ئىبنى كەسىر تەپسىرىگە قاراڭ)

ئەمما، بىزنىڭ قۇرئاننى چوڭقۇر تەتقىق قىلماي تۇرۇپلا تەرجىمە قىلىشقا ئالدىراپ كېتىدىغان چالا تەرجىمانلىرىمىز بۇ ئايەتتىكى جىلبابنىمۇ، سۈرە نۇرنىڭ 31- ئايىتىدىكى خىمارنىمۇ ئوخشاش مەنىگە بۇرمىلاپ «ياغلىق، رومال» دەپ تەرجىمە قىلىپ، ئايەتنىڭ مەنىسىنى ئوڭتەي – توڭتەي قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئايىتىگە ئۆز رايى، ئۆز خاتا مەزھىپى، ياكى ئۆز شەخسىي چۈشەنچىسى بويىچە خاتا مەنە بەردى. بۇ ھەقتىكى ئېتىرازلاردىن كېيىن، بەزىلىرى بۇ ئايەتتىكى «جىلباب» كەلىمىسىگە «پۈركەنجە» دەپ مەنە بېرىشكە مەجبۇر بولدى. خۇلاسىكالام، ئايەتتىكى «جىلباب» باشقا چىگىۋالىدىغان ياغلىق، ياكى رومال ئەمەس. ئۇ باشنىڭ چوققىسىدىن باشلاپ پۇتقىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان چۈمبەلدۇر. قۇرئاننىڭ مۆتىۋەر تەپسىرلىرىنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇ مەسىلە ئوچۇق بايان قىلىنغان. ئەمما يۈز يېپىش ھەققىدە سۆز قىلغۇچى داموللا، قارىھاجىملىرىمىز مۆتىۋەر تەپسىرلەردىكى بۇ خىل مەنىلەرنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ، ئايەتنىڭ مەنىسىنى ئۆزى تەۋە بولغان مەزھەپكە، ئۆزى كۆتۈرۈپ يۈرگەن شەخسىي چۈشەنچىگە بۇرمىلىۋەتكەن.

بەشىنچى ئايەت:
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالْقَوَاعِدُ مِنَ النِّسَاءِ اللَّاتِي لَا يَرْجُونَ نِكَاحًا فَلَيْسَ عَلَيْهِنَّ جُنَاحٌ أَن يَضَعْنَ ثِيَابَهُنَّ غَيْرَ مُتَبَرِّجَاتٍ بِزِينَةٍ ۖ وَأَن يَسْتَعْفِفْنَ خَيْرٌ لَّهُنَّ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ﴾ ﴿تۇغۇت يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەن، نىكاھلىنىشنى ئۈمىد قىلمايدىغان (يەنى ئەرگە مەيلى تارتمايدىغان دەرىجىدە قېرىغان) ياشانغان ئاياللارنىڭ زىننەتلىرىنى كۆرسەتمەسلىك شەرتى بىلەن سىرتقى كىيىملىرىنى (يەنى جىلبابىنى) سېلىۋىېتىشىدە گۇناھ يوق.﴾ (سۈرە نۇر، 60-ئايەت)

ئەگەر بۇ ياشانغان، قېرى ئاياللار ھەققىدىكى يەڭگىللىتىش ھۆكمى بولسا، ئۇنداقتا بۇ ھۆكۈمنىڭ سىرتىدىكى ئاياللارنىڭ، ياش ئاياللارنىڭ ھۆكمى نېمە بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ زىننەتلىرىنى ياپىدىغانلىقى تېخىمۇ ئېنىق ھۆكۈمدۇر.

(ئايەتتە «زىننەتلىرىنى ئاشكارە قىلماستىن كىيىملىرىنى سېلىۋەتسە بولىدۇ» دەۋاتىدۇ. بۇ ئايەتتە قېرىپ كەتكەن، ئەرلەرگە مەيلى يوق ئانىلار جىلبابىنى سېلىۋەتسە بولىدۇ، يەنى يۈزىنى ياپمىسا بولىدۇ، يۈزىنى ئېچىۋەتسە رۇخسەت دەۋاتىدۇ.
كەينىگە ئۇلاپلاپ «ئىپپەتلىكلىك يولىنى تۇتسا ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى» دەپ، سىرتلاردا، يات ئەرلەر بار يەردە يۈزىنى ئاچمىسا، بۇ تېخىمۇ ياخشى، ئىپپەتلىكلىككە تېخىمۇ ئۇيغۇن دەۋاتىدۇ. -ت)

ھىجاپلىنىش، ئورىنىش، يۈز يېپىش مەسىلىسى  — ئۈممەتنىڭ نۇمۇسىنى، ئىززىتىنى ۋە شەرىپىنى قوغداش مەسىلىسىدۇر. بىر ئادەمنىڭ چىقىپ «قۇرئاندا ھىجاپ يوق، يۈز يېپىش» دېيىشى قۇرئانغا قىلىنغان چوڭ بىر تۆھمەتتۇر. مەنچە ئۇنداق ئادەم قۇرئاننى تېخى ھەقىقىي رەۋىشتە ئوقۇمىغان، ھەتتا قۇرئاننىڭ نەدىن باشلىنىپ نەدە تۈگەيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان (قارا قورساق) ئادەمدۇر.» — ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن دۇرەيئى رەھىمەھۇللاھ.

تېما:
يۈز ۋە قولنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكى ھەققىدىكى ھەدىس دەلىلگە يارىمايدىغان بەك زەئىپ ھەدىستۇر
https://www.hedisim.com/2026/06/28/121-5/

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ