ھەدىس | قىيامەت كۈنى ئادەم بالىسى مۇنۇ بەش نەرسىدىن سورالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ قەدىمى رەببىنىڭ ھوزۇرىدىن يۆتكەلمەيدۇ

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان: ((لاَ تَزُولُ قَدَمَا ابْنِ آدَمَ يَوْمَ الْقِيَامَةِ مِنْ عِنْدِ رَبِّهِ حَتَّى يُسْأَلَ عَنْ خَمْسٍ عَنْ عُمْرِهِ فِيمَا أَفْنَاهُ وَعَنْ شَبَابِهِ فِيمَا أَبْلاَهُ وَمَالِهِ مِنْ أَيْنَ اكْتَسَبَهُ وَفِيمَ أَنْفَقَهُ وَمَاذَا عَمِلَ فِيمَا عَلِمَ)) «قىيامەت كۈنى ئادەم بالىسى مۇنۇ بەش نەرسىدىن سورالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ قەدىمى رەببىنىڭ ھوزۇرىدىن يۆتكەلمەيدۇ: (1) ئۆمرىنى قايسى ئىشقا سەرپ قىلىپ تۈگەتتى؛ (2) ياشلىقىنى قايسى ئىشقا خوراتتى؛ (3) پۇل – مېلىنى قەيەردىن تاپتى؛ (4) ۋە ئۇنى قەيەرگە خەجلىدى؛ (5) ئىلىمىگە قانداق ئەمەل قىلدى.» hedisim.com | [تىرمىزى 2416؛ ئەلبانى «صحيح سنن الترمذي» (1969) دا سەھىھ دېگەن] | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

ئەبۇ بەرزە ئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان: ((لاَ تَزُولُ قَدَمَا عَبْدٍ يَوْمَ الْقِيَامَةِ حَتَّى يُسْأَلَ عَنْ عُمْرِهِ فِيمَا أَفْنَاهُ وَعَنْ عِلْمِهِ فِيمَا فَعَلَ وَعَنْ مَالِهِ مِنْ أَيْنَ اكْتَسَبَهُ وَفِيمَا أَنْفَقَهُ وَعَنْ جِسْمِهِ فِيمَا أَبْلاَهُ)) «قىيامەت كۈنى بەندە — ئۆمرىنى نېمە بىلەن تۈگەتكەنلىكى، ئىلىمى بىلەن نېمە ئىش قىلغانلىقى، مال – مۈلكىنى قەيەردىن تېپىپ قەيەرگە سەرپ قىلغانلىقى ۋە بەدىنىنى نېمە ئىشقا خوراتقانلىقى ھەققىدە سوئال-سوراق قىلىنمىغۇچە، ئۇنىڭ ئىككى قەدىمى (مەشھەرگاھ مەيدانىدىن) يۆتكەلمەيدۇ.» hedisim.com (سۇنەن دارىمى 538؛ تىرمىزى 2417؛ ئىمام تىرمىزى بۇ ھەدىسنى نەقىل قىلىپ بولۇپ «بۇ ھەسەن سەھىھ ھەدىستۇر» دېگەن؛ رىيازۇس سالىھىن 407) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ