(ئائىشە ئانىمىزنىڭ جىيەنى) ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ((يرحم الله نساء المهاجرات الأول ، لما أنزل الله : {وليضربن بخمرهن على جيوبهن} شققن مروطهن فاختمرن به)) «ئاللاھ تائالا تۇنجى مۇھاجىر ئاياللارغا رەھمەت قىلسۇن! ئاللاھ تائالا {وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ}{(كىيىمىنىڭ) ياقىسىنى (ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى كۆرەكلىرىنى) ياپىدىغان ھالەتتە پۈركەنجىلىرى بىلەن ئورانسۇن.} دېگەن ئايەتنى نازىل قىلغان ھامان، ئۇلار كىيىملىرىنىڭ سىرتىغا كىيىدىغان يېپىنچىسىنى (پۇشقاق تەرەپتىن) يىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىرىنى ياپتى.» hedisim.com (بۇخارى 4758 – ھەدىس) (باشتا قەيت قىلغىنىمىزدەك، مۇھەددىسلەر پېشىۋاسى ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇخارىنىڭ شەرھى فەتھۇلبارى (9-439) دا ھىجاب ئايىتىنى شەرىھلەپ مۇنداق دېگەن: «اخْتَمَرْنَ» نىڭ مەنىسى ـــ ‹ئاياللار يۈزىنى ياپتى› دېگەنلىكتۇر.) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
