كائىناتنى ئاللاھتىن باشقا باشقۇرۇپ، كونترول قىلغۇچى بار دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان كىشى كاپىر ھېسابلىنامدۇ؟

كائىناتنى ئاللاھتىن باشقا باشقۇرۇپ، كونترول قىلغۇچى بار دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان كىشى كاپىر ھېسابلىنامدۇ؟

ھەرەم پەتىۋا ئورگىنىنىڭ 9672-نومۇرلۇق پەتىۋاسى

مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

سوئال: كائىناتنى ئاللاھتىن باشقا باشقۇرۇپ، كونترول قىلغۇچى بار دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان كىشى كاپىر ھېسابلىنامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، ئەللامە ئابدۇررازاق ئەفىفىي

جاۋاب:

كائىناتنى ئاللاھتىن باشقا باشقۇرۇپ، كونترول قىلغۇچى بار دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان كىشى كاپىردۇر. بۇنداق بىرىنىڭ كاپىرلىقى ئۇلۇھىيەت تەۋھىدىدە (دۇئا-ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىش، قۇربانلىقنى ئاللاھقىلا قىلىش… قاتارلىق جەھەتلەردە) ئاللاھقا باشقىسىنى شىرك كەلتۈرىدىغان  كاپىرلارنىڭ كاپىرلىقىدىنمۇ ئېغىردۇر.

مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر. ئاللاھ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا دۇرۇد ۋە سالام يوللىسۇن.

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ