ساقال-بۇرۇتى چىقمىغان ئۆسمۈر بالىغا ئەرلەرنىڭ قارىشى جائىزمۇ؟ | ئىمام نەۋەۋى پەتىۋاسى

ساقال-بۇرۇتى چىقمىغان ئۆسمۈر بالىغا ئەرلەرنىڭ قارىشى جائىزمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ

سوئال: ساقال-بۇرۇتى چىقمىغان ئۆسمۈرگە قاراش جائىزمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بىر ئەر كىشى مۇشۇنداق ئۆسمۈرلەرگە ئامراق بولسا، مال-مۈلكىنى شۇلار ئۈچۈن سەرپ قىلسا، ئۇلارنىڭ بىرىگە كۆپ مىقداردا پۇل بېرىشنى ئاددىي چاغلىسا-يۇ، لېكىن بالا-چاقىلىق، موھتاج بىر كەمبەغەلگە بىرەر دىرھەم بېرىشمۇ ئۇنىڭغا ئېغىر كەلسە، ئۇنىڭ شۇ ئۆسمۈرلەر بىلەن جەم بولۇشى ۋە مۇشۇ شەكىلدە مال سەرپ قىلىشى ھاراممۇ؟ ئۇلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولسا گۇناھكار بولامدۇ؟ بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرغان كىشىنىڭ «ئادىللىق»سالاھىيىتى ساقىت بولامدۇ؟ ئالىملاردىن بىرەرسى بۇنىڭغا رۇخسەت قىلغانمۇ؟

جاۋاب: ساقال -بۇرۇت چىقمىغان چىرايلىق ئۆسمۈر بالىغا قاراشنىڭ ئۆزىلا ھارام. مەيلى شەھۋەت بىلەن بولسۇن ياكى شەھۋەتسىز بولسۇن، ئوخشاشلا ھارام ھېسابلىنىدۇ. پەقەت ئېلىم-سېتىم، داۋالاش، تەلىم-تەربىيە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش شەرئىي ھاجەت تۇغۇلغاندا، پەقەت ھاجەت مىقدارىدىلا قاراشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق قاراش ھارامدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿قُلْ لِلْمُؤْمِنِينَ يَغْضُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ ذَلِكَ أَزْكَى لَهُمْ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا يَصْنَعُونَ﴾ ﴿مۆمىنلەرگە ئېيتقىنكى، كۆزلىرىنى پەس قىلسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ساقلىسۇن. بۇ ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن شەك-شۈبىھسىز خەۋەرداردۇر.﴾ (نۇر سۈرىسى، 31 – ئايەت)

ئىمام شافىئىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) ۋە باشقا ئالىملار شەرئىي ھاجەتسىز ھالدا ياش ئۆسمۈر بالىلارغا قاراشنىڭ ھاراملىقىنى ئېنىق تىلغا ئالغان ۋە يۇقىرىقى ئايەتنى دەلىل قىلغان. چۈنكى ئۆسمۈر بالىلار جەلپكارلىقتا ئايال كىشى بىلەن ئوخشاش ئورۇندىدۇر. بەلكى بەزىلىرى نۇرغۇن ئاياللاردىنمۇ چىرايلىقتۇر. يەنە كېلىپ، ئاياللاردا بولمىغان نۇرغۇن يامانلىقلار (پىتنىلەر) ئۇلار سەۋەبلىك يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئۇلارغا يېقىنلىشىش ۋە گۇمانلىق يوللارغا كىرىش ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلارغا قاراشنىڭ مەنئى قىلىنىشى تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر. سەلەف سالىھلارنىڭ ساقال بۇرۇت چىقمىغان ئۆسمۈر يىگىتلەرگە قاراشتىن ئاگاھلاندۇرۇش ھەققىدىكى سۆزلىرى سان-ساناقسىز دەرىجىدە كۆپتۇر. بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان ھۆكۈملەردە، تەقۋادار دەپ تونۇلغان كىشىلەر بىلەن باشقىلارنىڭ قارىشى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقتۇر. (يەنى ھەممەيلەن ئۈچۈن قاراش ھارامدۇر).

ساقال-بۇرۇتى تېخى چىقمىغان ئۆسمۈر بالىلار بىلەن خالىي قېلىش بولسا ئۇنىڭغا قاراشتىنمۇ ئېغىرراق ھارامدۇر. چۈنكى بۇ تېخىمۇ قەبىھتۇر، يامانلىققا تېخىمۇ يېقىندۇر. بۇ مەسىلىدە تەقۋادار دەپ تونۇلغان كىشى بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقتۇر.

ياش ئۆسمۈرلەر بىلەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەكىلدە بىر يەرگە جەم قىلىشقا كەلسەك، بۇ ئىش شۇلارنى قىلغۇچىغىمۇ ۋە شۇ سورۇندا ھازىر بولغۇچىلارغىمۇ ھارامدۇر.

بۇ ئىشلار ئۈچۈن مال سەرپ قىلىش ھارام بولۇپ، ھاراملىقى ئىنتايىن قاتتىقتۇر. كىمكى پۇل – مال ئىنفاق قىلىش باھانىسىدە ياش ئۆسمۈرلەرگە قاراش ۋە سورۇنداش بولۇپ، بىر يەردە تۇرۇش قىلمىشىدا چىڭ تۇرۇۋالسا، بۇنداق كىشى پاسىق بولىدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى رەت قىلىنىدۇ، رىۋايىتى (ھەدىس يەتكۈزۈش سالاھىيىتى) ساقىت بولىدۇ ۋە ۋەلىيلىك (باشقۇرۇش/ئىگە بولۇش) ھوقۇقى باتىل بولىدۇ.

دۆلەت رەھبىرىگە (ئاللاھ ئۇنى ئۆز رازىلىقىغا مۇۋەپپەق قىلسۇن) ۋاجىپ بولغىنى، ئۇلارنى بۇ ئىشتىن توسۇش، ئۇلارغا ئېغىر جازا (تەئزىر) بېرىش ۋە ئۇلارنى بۇنداق قىلمىشلاردىن قاتتىق چەكلەشتۇر.

بۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغان ھەر بىر مۇكەللەف (بالالغقا يەتكەن ۋە ئەقلى ھوشى جايىدا كىشى) گە ۋاجىپ بولغىنى، ئۆز كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلەش ۋە توسۇشتۇر.

كىمكى ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى بىۋاسىتە توسۇشتىن ئاجىز كەلسە-يۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى دۆلەت رەھبىرىگە (مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا) يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتى بولسا، ئۇنى يەتكۈزۈشى شەرتتۇر. ئالىملاردىن ھېچبىرى بۇ ئىشنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەكىلدە جائىزلىقىنى ئېيتمىغان. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. (فتاوى النووي، 183 – بەت؛ بۇ كىتابنى نەشىر قىلغان نەشرىيات ئىسمى:  دَارُ البشائرِ الإسلاميَّة للطبَاعَة وَالنشرَ والتوزيع) | مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ