كۆزنى يوغان ئېچىۋېلىپ يۈز يېپىشنىڭ ھۆكمى؟ | ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىن پەتىۋاسى

كۆزنى يوغان ئېچىۋېلىپ يۈز يېپىشنىڭ ھۆكمى؟

سوئال: ئىسلام شەرىئىتى بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزدا (يەنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا) نۇرغۇن ئاياللار كىيىۋاتقان بۇرقاغا (نىقاب دەپ ئاتىلىۋاتقان، ئىككى كۆزنى ئوچۇق قويۇپ يۈزنى ياپىدىغان يۈز ياپقۇغا) نېمە دەيدۇ؟ بەزى ئاياللار بۇ نىقاب بىلەن يۈزىنىڭ بىر قىسىمىنى ۋە قاشلىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتىدۇ، نەتىجىدە ئايال كىشى بۇ لىباس بىلەن پىتنىگە (كىشىلەرنى جەلپ قىلىشقا) سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ سىلىنى ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىسۇن.

پەتىۋا بەرگۈچى: دۇنياغا مەشھۇر ھەرەم ئۆلىمالىرىدىن ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىن رەھىمەھۇللاھ

مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

جاۋاب: 

شەك-شۈبھىسىزكى، نىقاب – بۇرقادۇر، ئۇنى كىيىش — ئېھرام ھالىتىدىن باشقا چاغلاردا جائىزدۇر. لېكىن يۈز يېپىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نىقابتا كۆز تۆشۈكىنىڭ تار بولۇشى، كۆزدىن پەقەت كۆرەلەيدىغان مىقداردىكى قىسمىنىڭلا ئوچۇق بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. ئەگەر كۆز تۆشۈكى كېڭىيىپ كەتسە ۋە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ھالغا كەلسە، بۇ خىل نىقابنى كىيىش جائىز ئەمەس. (دىققەت: ئۆلىمالارنىڭ «جائىز ئەمەس» دېيىشى «ھارام» دېگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. تور بېتىمىزدە مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس پەتىۋا بار.) شۇنداقلا، يۈزنىڭ بىر قىسىمىنى، مەڭىزنى ۋە قاشلارنى ئاشكارىلاش شەك-شۈبھىسىز ئەۋرەتنى ئاشكارىلىغانلىق ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئايال كىشىنىڭ نىقابنى بۇ خىل شەكىلدە كىيىشى جائىز ئەمەس. ئەگەر نىقابنىڭ كۆز تۆشۈكلىرى كەڭ بولسا، ئايال كىشى بېشىغا نىقابنىڭ ئۈستىدىن يۈزىنى پۈتۈنلەي ياپىدىغان بىر ياپقۇ تاشلىۋېلىشى كېرەك. بۇ ياپقۇ ئايال كىشىنىڭ يولنى كۆرەلىشىنى توسمىغان ھالدا ئۇنىڭ يۈز تېرىسىنى تولۇق يېپىشى لازىم. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. (فتاوى الشيخ ابن جبرين 2\101) | مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەشھۇر شافىي ئۆلىماسى شەمسىددىن رەملى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 1004) مۇنداق دېگەن: «كۆزى ۋە كۆز چانىقىدىن باشقا يېرىنى كۆرسەتمەي ئورانغان نىقابلىق ئايالغا يات ئەر كىشىنىڭ قارىشى ھارام. بۇ ئايال گۈزەل ئايال بولغان تەقدىردە تېخىمۇ شۇنداق. نۇرغۇنلىغان كۆزلەر خەنجەر جۈملىسىدىندۇر.» (خەنجەر ئىنساننى ئۆلتۈرگەندەك، نامەھرەم ئايال كىشىنىڭ نىقاپ ئىچىدىكى كۆزىگە قاراش كىشىنىڭ قەلبىنى، ئىپپىتىنى ۋە دىنىنى ئۆلتۈرىدۇ.) نهاية المحتاج إلى شرح المنهاج(6/188)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ