ھەدىس | دەرەخنىڭ ئاستىدا (ماڭا) بەيئەت بەرگەنلەردىن ھېچكىم دوزاخقا كىرمەيدۇ

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ((لاَ يَدْخُلُ النَّارَ أَحَدٌ مِمَّنْ بَايَعَ تَحْتَ الشَّجَرَةِ)) «دەرەخنىڭ ئاستىدا (ماڭا) بەيئەت بەرگەنلەردىن ھېچكىم دوزاخقا كىرمەيدۇ.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4653، تىرمىزى 3860؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 4802؛ نەسائىي: سۇنەن كۇبرا 10990؛ ئىمام تىرمىزى بۇ ھەدىسنى نەقىل قىلىپ بولۇپ «بۇ ھەسەن سەھىھ ھەدىس» دېگەن؛ ئىمام ئەلبانى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن) | قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: {لَّقَدْ رَضِيَ اللَّهُ عَنِ الْمُؤْمِنِينَ إِذْ يُبَايِعُونَكَ تَحْتَ الشَّجَرَةِ فَعَلِمَ مَا فِي قُلُوبِهِمْ فَأَنزَلَ السَّكِينَةَ عَلَيْهِمْ وَأَثَابَهُمْ فَتْحًا قَرِيبًا} {(ئى پەيغەمبەر!) قەسەمكى، (ھۇدەيبىيەدە سۇمرە دەپ ئاتىلىدىغان) دەرەخنىڭ ئاستىدا (قۇرەيش مۇشرىكلىرىغا قارشى جان-جەھلى بىلەن ئۇرۇشۇش ۋە ئۆلۈمدىن قاچماسلىق شەرتى بىلەن) ساڭا بەيئەت قىلغان (مۇھاجىر ۋە ئەنسار ساھابىلەردىن تەشكىل تاپقان، سانى مىڭ بەش يۈزگە يېقىن) مۆمىنلەردىن ئاللاھ رازى بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى (سەمىمىيەت ۋە ۋاپا)نى بىلىپ، ئۇلارغا خاتىرجەملىك چۈشۈردى ۋە ئۇلارنى يېقىندا قولغا كەلتۈرىدىغان بىر فەتىھ بىلەن (يەنى خەيبەرنىڭ فەتھى بىلەن) مۇكاپاتلىدى.} — فەتىھ سۈرىسى، 18-ئايەت | قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ