ھەدىس | ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرەر قەبرە يېنىغا كەلسە ساقىلى ھۆل بولغۇدەك يىغلايتتى، ئۇنىڭغا: جەننەت ۋە دوزاخنى تىلغا ئالساڭ يىغلىمايسەن؟ بۇنىڭدىن يىغلامسەن؟ دېيىلگەندە، ئۇ مۇنداق دېدى…

ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ ئازادگەردىسى ھانىئ مۇنداق دېگەن: ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرەر قەبرە يېنىغا كەلسە ساقىلى ھۆل بولغۇدەك يىغلايتتى، ئۇنىڭغا: جەننەت ۋە دوزاخنى تىلغا ئالساڭ يىغلىمايسەن؟ بۇنىڭدىن يىغلامسەن؟ دېيىلگەندە، ئۇ مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قەبرە ئاخىرەت مەنزىلىدىن تۇنجى مەنزىل، كىم ئۇنىڭدىن قۇتۇلسا كىيىنكى ئىشلىرى ئۇنىڭدىن ئاسان بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىسا كېيىنكىسى تېخىمۇ تەس بولىدۇ» دېگەن ئىدى. [ئىبنى ماجە»سۈنەن ئىبنى ماجە»ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان – تىرمىزىي»سۈنەن تىرمىزى»ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان – ئىمام ئەھمەد»مۇسنەد»ناملىق ئەسىرىدە نەقىل قىلغان سەھىھ ھەدىس] عن هانئ مولى عثمان قال: كان عثمان إذا وقف على قبر بَكى حتى يَبُلَّ لحيته، فقيل له: تَذْكُر الجنة والنار فلا تَبكي وتبكي مِن هذا؟ فقال: إن رسول الله – صلى الله عليه وسلم- قال: «إنَّ القبرَ أولُ مَنْزِل من منازل الآخرة، فإنْ نجا منه فما بعده أيسر منه، وإنْ لم ينجُ منه فما بعده أشد منه». [حسن.] – [رواه الترمذي وابن ماجه وأحمد.]

فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ