ھەدىس | قاراڭغۇدا مەسجىدلەرگە (پەرز نامازنى ئادا قىلىش ئۈچۈن) كۆپ ماڭغۇچىلارغا قىيامەت كۈنى كامىل نۇرغا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان: ((بَشِّرِ الْمَشَّائِينَ فِي الظُّلَمِ إِلَى الْمَسَاجِدِ بِالنُّورِ التَّامِّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ)) «قاراڭغۇدا مەسجىدلەرگە (پەرز نامازنى ئادا قىلىش ئۈچۈن) كۆپ ماڭغۇچىلارغا قىيامەت كۈنى كامىل نۇرغا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىنhedisim.com (ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە، تىرمىزى، بەيھەقى قاتارلىقلار توپلىغان، ئەلبانى «سەھىھ ئەبۇداۋۇد» تا سەھىھ دېگەن) | قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

  • بۇ ھەدىستە بامدات ۋە خۇپتەن نامازلىرىنى مەسجىدتە ئوقۇش ئۈچۈن دائىم چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۈستۈن پەزىلىتى بايان قىلىنغان.

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائال قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا تُوبُوا إِلَى اللَّهِ تَوْبَةً نَّصُوحًا عَسَىٰ رَبُّكُمْ أَن يُكَفِّرَ عَنكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَيُدْخِلَكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ يَوْمَ لَا يُخْزِي اللَّهُ النَّبِيَّ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ ۖ نُورُهُمْ يَسْعَىٰ بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَبِأَيْمَانِهِمْ يَقُولُونَ رَبَّنَا أَتْمِمْ لَنَا نُورَنَا وَاغْفِرْ لَنَا ۖ إِنَّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ}

{ئى مۆمىنلەر، ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار! ئۈمىدكى رەببىڭلار گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى (دوزاخقا تاشلاپ) رەسۋا قىلمايدۇ. (سىرات كۆۋرۈكىدە) مۆمىنلەرنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە بولىدۇ. مۆمىنلەر (مۇناپىقلارنىڭ نۇرى ئۆچۈپ قالغان چاغدا، ئۆزىنىڭمۇ نۇرى ئۆچۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ): «ئى رەببىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەپ دۇئا قىلىدۇ.}

— تەھرىم سۈرىسىنىڭ، 8 – ئايىتى

(تىرناق ئىچىدىكى تەپسىرىي ئىزاھاتلار ئىمام بەغەۋىيگە ئائىت)

ئىمام بۇخارى نەقىل قىلغان ھەدىستە «مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ناماز بامدات ۋە خۇپتەن نامىزىدۇر» دەپ كەلگەن. دېمەك، قاراڭغۇدا ئوقۇلىدىغان نامازلاردا مەسجىدتە بولۇش كىشىنىڭ ئەجرىنى ئاشۇرۇپ، قىيامەت كۈنى مۇناپىقلاردەك نۇرى ئۆچۈپ قېلىشتىن ساقلايدۇ.

— قۇدرەت بارات تەييارلىدى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ