ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەجدىدە مۇنداق دەيتتى:
((اللَّهُمَّ لَكَ سَجَدْتُ، وَلَكَ أَسْلَمْتُ، وَبِكَ آمَنْتُ، وَأَنْتَ رَبِّي، سَجَدَ وَجْهِي لِلَّذِي خَلَقَهُ وَشَقَّ سَمْعَهُ وَبَصَرَهُ، تَبَارَكَ اللَّهُ أَحْسَنَ الْخَالِقِينَ))
«ئى ئاللاھ! پەقەت ساڭىلا سەجدە قىلدىم، پەقەت ساڭىلا تەسلىم بولدۇم، پەقەت ساڭىلا ئىمان ئېيتتىم. سەن مېنىڭ رەببىم. يۈزۈم ئۆزىنى ياراتقان زاتقا، ئۇنىڭ قۇلاق ۋە كۆزىنى ئاچقان زاتقا سەجدە قىلدى. ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان ئاللاھ بەكمۇ ئۇلۇغدۇر.» hedisim.com مۇسلىم 771 | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى (بۇ ھەدىسنى ھەزىرتى ئەلىيدىن ئىمام مۇسلىم، ئىمام نەسائىي، ئىمام ئىبنى ماجە، ئىمام ئىبنى خۇزەيمە، ئىمام داراقۇتنىي، ئىمام ئابدۇررازاق سەنئانىي قاتارلىقلار نەقىل قىلغان؛ شۇنداقلا ئىمام نەسائىي جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ۋە مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمەدىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن نەقىل قىلغان؛ ئىمام شافىي ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان)
