قۇرئاندىن ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىن يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىگە دەلىللەر
قوشۇمچە ماۋزۇ: يۈز يېپىش پەرزمۇ، سۈننەتمۇ؟
قوشۇمچە ماۋزۇ: ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشىنىڭ ھۆكمى
مۇجتەھىدلەر تورى تەييارلىدى
mujtehid.com
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
جىمى ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ئۇلۇغ كىتابى قۇرئان كەرىمدە ئاياللارنىڭ كىيىنىش، ئورىنىش شەكلىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بەش يەردە بايان قىلىنغان بولۇپ. بىز ئەڭ ئاۋۋال ئاللاھنىڭ مۇشۇ تۆت يەردىكى بۇيرۇقىنى نەقىل قىلىمىز، ئاندىن بۇ ئايەتلەر ھەققىدە توختىلىمىز، ئىنشائاللاھ.
بىرىنچى ئايەت: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
{وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا ۖ وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ} {(ئى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم!) مۆمىنە قىز-ئاياللارغا ئېيتقىنكى، (ھارامدىن ۋە نامەھرەملەردىن) كۆزلىرىنى تارتسۇن؛ ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىسۇن. ئاشكارا زىننەتلىرىدىن باشقىسىنى (نامەھرەملەر بار جايلاردا) ئاچمىسۇن. (كىيىمىنىڭ) ياقىسىنى (ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى كۆرەكلىرىنى) ياپىدىغان ھالەتتە پۈركەنجىلىرى بىلەن ئورانسۇن.} (سۈرە نۇر، 31-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)
ئىككىنچى ئايەت: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: {وَقَرْنَ فِي بُيُوتِكُنَّ وَلَا تَبَرَّجْنَ تَبَرُّجَ الْجَاهِلِيَّةِ الْأُولَىٰ} {ئۆيۈڭلاردا ئولتۇرۇڭلار. (سىرتقا چىقىش توغرا كەلسە1) ئىلگىرىكى جاھىلىيەت ئاياللىرىدەك تەبەررۇج قىلماڭلار. (يەنى گۈزەل ئەزالىرىڭلارنى ۋە تاقىغان زىننەتلىرىڭلارنى يات ئەرلەرگە كۆرسەتمەڭلار.2)} (ئەھزاب سۈرىسى، 33 – ئايەت)
ھەم تەپسىردە، ھەم ھەدىستە، ھەم فىقىھتا ئۈستۈن مەرتىۋە ياراتقان ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئۆز تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن:
جاھىلىيەتتە ئاياللار لېچىكىنى بېشىغا ئارتىۋالاتتى. لېكىن لېچەكلىرىنى قۇلاق، بويۇنلىرىغا تاقىغان مارجان، زىرە قاتارلىقلارنى خەق كۆرمىگۈدەك قىلىپ چىڭ چىگمەيتتى، بېشىنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قوياتتى، بويۇنلىرى كۆرۈنۈپ قالاتتى. بۇ سەۋەبلىك ئايال كىشىنىڭ بويۇنلىرى، ئۇنىڭغا تاقىغان ۋە قۇلاقلىرىغا تاقىغان زىننەتلىرىنىڭ ھەممىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مانا مۇشۇنداق كىيىنىش تەبەررۇج قىلىش ھېسابلىنىدۇ. يەنى يات ئەرلەر كۆرسە بولمايدىغان بويۇن باشلىرىنى يات ئەرلەرگە كۆرسىتىش ھېسابلىنىدۇ. (ئىسلام كەلگەندىن) كېيىن (ھىجاپ ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى) مۆمىنە ئاياللارنىڭ ئارىسىدا مۇشۇ خىل كىيىنىش شەكلى ئومۇملاشتى. (ئىبنى كەسىر تەپسىرى، ئەھزاب سۈرىسىنى 33 – ئايىتىنىڭ تەپسىرى) ئاقىۋەتتە ئاللاھ ھىجاپ ئايىتىنى نازىل قىلىپ بۇ قىلمىشلارنى پۈتۈنلەي چەكلىدى.
ئۈچىنچى ئايەت: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:{يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُل لِّأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِن جَلَابِيبِهِنَّ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَن يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ ۗوَكَانَ اللَّـهُ غَفُورًا رَّحِيمًا} {ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، جىلبابلىرى بىلەن ئۈستى بېشىنى ئورىسۇن. ئۈستى بېشىنى ئوراش ئۇلارنىڭ ھۆر مۆمىنە ئاياللار سۈپىتىدە تونۇلىشىغا، ئازار بېرىلمەسلىكىگە ئەڭ ئۇيغۇندۇر. ئاللاھ غەفۇردۇر – مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە رەھىملىكتۇر.} (ئەھزاب سۈرىسى، 59-ئايەت)
تۆتىنچى ئايەت: ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:{وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَاعًا فَاسْأَلُوهُنَّ مِن وَرَاءِ حِجَابٍ}تەرجىمىسى: {ئەگەر سىلەر ئۇ ئاياللاردىن بىر نەرسە سورىماقچى بولساڭلار، ھىجاب ئارقىسىدىن سوراڭلار.} (سۈرە ئەھزاب 53-ئايەت)
بەشىنچى ئايەت: ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: {وَالْقَوَاعِدُ مِنَ النِّسَاءِ اللَّاتِي لَا يَرْجُونَ نِكَاحًا فَلَيْسَ عَلَيْهِنَّ جُنَاحٌ أَن يَضَعْنَ ثِيَابَهُنَّ غَيْرَ مُتَبَرِّجَاتٍ بِزِينَةٍ ۖ وَأَن يَسْتَعْفِفْنَ خَيْرٌ لَّهُنَّ ۗ وَاللَّـهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ}{ھەيزدىن ۋە بالا تۇغۇشتىن قېلىپ) ياتلىق بولۇشتىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن ياشانغان ئاياللار زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ھالدا كىيىمىنى (يەنى يۈزىنى يېپىپ تۇرىدىغان جىلبابىنى) سېلىۋەتسە، بۇنىڭدا ھېچ گۇناھ يوقتۇر. بىراق، چۈمپەردىسىگە تولۇق ئورىنىپ، ئىپەتلىكلىك يولىنى تۇتۇشى ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئاللاھ ئەسسەمىئدۇر — ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەلئەلىيمدۇر — ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.} (نۇس سۈرىسىنىڭ 60 – ئايىتى)
يۇقىرىقى بەش ئايەت ئاياللارنى كىيىنىشكە، ئورنىشقا بۇيرۇغان. ئەمما، ئايەتتە نەرىنى ئوراش، نەرىنى يېپىش دېگەن مەسىلىلەر كونكېرت بايان قىلىنمىغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتى ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى ۋە قۇرئاننىڭ شەرھلىگۈچىسىدۇر. ھەر قانداق ئايەتنى ئەڭ ئاۋۋال رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ، ساھابىلەرنىڭ تەپسىرلەپ بېرىشى ئارقىلىق چۈشەنگەندىلا ئاندىن ئۇ ئايەتتتىكى مەقسەتنى تولۇق چۈشەنگىلى بولىدۇ. قۇرئان بىلەن سۈننەتنىڭ، ئاللاھ بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىۋاتقان ھەر قانداق شەخس ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئۆز كۆز قارىشىنى تېڭىشتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇ ئېغىر گۇناھى كەبىرىدۇر. مەسىلە يۈز يېپىش ئۈستىدە بولغان ئىكەن، بىز ئاللاھنىڭ يۇقىرىقى ئايەتلىرىدىكى ھۆكۈمنى رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر قانداق ئىجرا قىلدى، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە، ساھابىلەرنىڭ پېئىلىدا ئاياللارنىڭ كىيىنىشى، يۈز يېپىشى توغرىسىدا قانداق ھۆكۈملەر كەلدى، بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىمىز.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:{وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا ۖ وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ} {(ئى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم!) مۆمىنە قىز-ئاياللارغا ئېيتقىنكى، (ھارامدىن ۋە نامەھرەملەردىن) كۆزلىرىنى تارتسۇن؛ ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىسۇن. ئاشكارا زىننەتلىرىدىن باشقىسىنى (نامەھرەملەر بار جايلاردا) ئاچمىسۇن. (كىيىمىنىڭ) ياقىسىنى (ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى كۆرەكلىرىنى) ياپىدىغان ھالەتتە پۈركەنجىلىرى بىلەن ئورانسۇن.} (سۈرە نۇر، 31-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)
ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىلگىرى ئۆتكەن ئاياللارنىڭ ۋە زامانىمىزدىكى ئاياللارنىڭ تۇتۇپ كەلگەن يولى، نامەھرەم بار يەردە يۈزىنى يېپىشتۇر. (فەتھۇلبارى 9424)
غەززالى مۇنداق دېگەن: «ئەرلەر زامانلاردىن بىرى يۈزى ئوچۇق ياشاپ كەلدى. ئاياللار بولسا يۈزىنى يېپىپ سىرتقا چىقىدۇ.» (ئىھيا ئۇلۇمۇددىن، 253)
تۆۋەندىكى ئىككى سەھىھ ھەدىس يۇقىرىقى ئايەتتىكى ئۈستى بېشىنى ئوراش ھۆكمىنى ناھايىتى ئېنىق رەۋىشتە تەپسىرلەپ بەرگەن:
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«ئاللاھ دەسلەپكى مۇھاجىر ئايال ساھابىلەرگە رەھمەت قىلسۇن.{وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ} {(كىيىمىنىڭ) ياقىسىنى (ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى كۆرەكلىرىنى) ياپىدىغان ھالەتتە پۈركەنجىلىرى بىلەن ئورانسۇن.} (24:31) دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا، ئۇلار (ئۆيدىكى) كىيىمىنى يىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن(فاختمرن بھا) يۈزىنى ئورىدى.» (بۇخارى 4758؛ ئەبۇ داۋۇد 4102؛ ئەلبانى «سەھىھ ئەبۇ داۋۇد»تا سەھىھ دېگەن) ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: عَنْ عَائِشَةَ، – رضى الله عنها – أَنَّهَا قَالَتْ يَرْحَمُ اللَّهُ نِسَاءَ الْمُهَاجِرَاتِ الأُوَلَ لَمَّا أَنْزَلَ اللَّهُ { وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ } شَقَقْنَ أَكْنَفَ – قَالَ ابْنُ صَالِحٍ أَكْثَفَ – مُرُوطِهِنَّ فَاخْتَمَرْنَ بِهَا .
ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيردىن مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ:{وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ }«{(كىيىمىنىڭ) ياقىسىنى (ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى كۆرەكلىرىنى) ياپىدىغان ھالەتتە پۈركەنجىلىرى بىلەن ئورانسۇن.} (24:31) ئايىتى نازىل بولغاندا، ئاياللار (ئۆيدىكى) كىيىملىرىنىڭ پۇچقاقلىرىدىن يىرتتى ۋە (فاختمرن بھا) ئۇنىڭ بىلەن يۈزىنى ئورىدى.» (بۇخارى 4759) ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: وَقَالَ أَحْمَدُ بْنُ شَبِيبٍ حَدَّثَنَا أَبِي، عَنْ يُونُسَ، قَالَ ابْنُ شِهَابٍ عَنْ عُرْوَةَ، عَنْ عَائِشَةَ ـ رضى الله عنها ـ قَالَتْ يَرْحَمُ اللَّهُ نِسَاءَ الْمُهَاجِرَاتِ الأُوَلَ، لَمَّا أَنْزَلَ اللَّهُ {وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ} شَقَّقْنَ مُرُوطَهُنَّ فَاخْتَمَرْنَ بِها.
مۇھەددىسلەر پېشىۋاسى ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇخارىنىڭ شەرھى فەتھۇلبارى (9-439) دا ھىجاب ئايىتىنى شەرىھلەپ مۇنداق دېگەن: «اخْتَمَرْنَ» نىڭ مەنىسى ـــ ‹ئاياللار يۈزىنى ياپتى› دېگەنلىكتۇر.
بەكمۇ ئەپسۇسكى، دىنىي يازغۇچىلىرىمىزدىن بىرى يۇقىرىقى ھەدىسنى مۇنداق تەرجىمە قىلغان: ئائىشە رەزىيەلاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تۇنجى مۇھاجىر ئاياللارھقا ئاللاھ رەھمەت قىلغاي، ئاللاھ (ياغلىقلىرىنى ياقىلىرى بىلەن قوشۇپ تاڭسۇن) دېگەن ئايەتنى چۈشۈگەندىن كېيىن، ئۇلار كىيىملىرىنى يىرتىپ ياغلىق قىلىپ يۆگىنىۋالغان ئىدى»[2]. ئەللامە شىنقىتى بۇ ھەدىس ئايال ساھابىلەرنىڭ يۇقىرىقى ئايەتنى يۈزىنى يۆگەش دەپ چۈشەنگەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ، دېگەن. (نەقىل ئاخىرلاشتى)
مۇشۇ خىلدىكى كىشىلەر يۇقىرىقى ھەدىسلەردىكى (اخْتَمَرْنَ) كەلىمىسىنىڭ يۈزىنى يېپىشنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاساسسىز گەپ دەۋالغان. ھالبۇكى، بۇ مۇھەددىس ئىبنى ھەجەرنىڭلا سۆزى بولماستىن، تۆۋەندە بىز زىكىر قىلىدىغان بۇخارىنىڭ ھەدىسىدە ئائىشە ئانىمىزمۇ (فَخَمَّرْتُ وَجْهِي بِجِلْبَابِي) «جىلبابىم بىلەن يۈزۈمنى يېپىۋالدىم» دېگەن جۈملە چىقىدۇ. ئائىشە ئانىمىز بۇ يەردە يۈز يېپىش ئۈچۈن ئېيتقان (فَخَمَّرْتُ) «ياپتىم» كەلىمىسى بىلەن، يۇقىرىقى ھەدىستىكى «اخْتَمَرْنَ» كەلىمىسى «تخمير» كەلىمىسىدىن كەلگەن بولۇپ، «تخمير» — بىر نەرسىنى تولۇق، كامىل ئوراش، تولۇق يۆگەش، مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئەرەپچىدە «خَمَّر الشيءَ» دېيىلسە «بىر نەرسىنى ياپتى \ يۆگىدى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئائىشە ئانىمىزنىڭ (فَخَمَّرْتُ وَجْهِي) دېگەن سۆزى، «يۈزۈمنى ياپتىم، يۈزۈمنى يۆگىدىم» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ، (فَخَمَّرْتُ وَجْهِي بِجِلْبَابِي) دېگىنى «جىلبابىم بىلەن يۈزۈمنى ياپتىم» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ھەدىستىكى بۇ جۈملىنى بۇنىڭدىن باشقا مەنىدە چۈشىنىش مۇمكىنسىز. يۈز يېپىشنى ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ بۇ ھەدىستىكى مۇشۇ جۈملىگە «جىلبابىم بىلەن يۈزۈمنى ياپتىم» دېيىشتىن باشقا مەنا بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ. بەزى كىشىلەر «فَخَمَّرْتُ وَجْهِي بِجِلْبَابِي» جۈملىسىنىڭ «جىلباب بىلەن يۈزۈمنى ياپتىم» دېگەن مەنىدە كېلىدىغانلىقى يا يوشۇرۇش، ۋەياكى بۇرمىلاش ئارقىلىق، ھىجاپ ئايىتى چۈشكەندە مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىنىڭ ۋە ساھابە ئانىلارنىڭ يۈزىنى يېپىپ كامىل ئورانغانلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن بايان قىلىشتىن ھەر دائىم ئۇزاق تۇرىدۇ، شۇنداقلا يۈز يېپىش ھەققىدە سۆز بولغاندا، دائىم يۇقىرىقى ئىككى ھەدىسنى ۋە تۆۋەندە كېلىدىغان ھەدىسنى ئەل – جامائەتتىن يوشۇرىدۇ. ئەگەر ئائىشە ئانىمىزنىڭ سەھىھۇل بۇخارىدا كەلگەن (خَمَّرْتُ وَجْهِي بِجِلْبَابِي) «جىلباب بىلەن يۈزۈمنى ئورىدىم» دېگەن ھەدىسىگە مەنە بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالسا، خاتا مەنە بېرىپ، «ياغلىقىمنى چىگىۋالدىم، لىچىكىمنى كىيىۋالدىم» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئەسلى مەقسەتنى بۇرمىلايدۇ. ئاندىن يۈزنى يېپىشنى بۇيرۇپ چۈشكەن ھىجاپ ئايەتلىرىگىمۇ «ياغلىق چەگسۇن، لىچەك ئارتسۇن» دەپ مەنە بېرىپ، ئاللاھنىڭ سۆزىنى بۇرمىلىۋېتىدۇ. ئاللاھ بۇ خىل كىشىلەرنى ئىسلاھ قىلسۇن.
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى، ساھابىلەرنىڭ ئەڭ ئالىملىرىدىن بولغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دەل مۇشۇ جىلباب كەلمىسىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ نامەھرەمدىن يۈزىنى ياپقانلىقىنى بايان قىلغان. سەھىھ بۇخارىدا ئائىشە ئانىمىزغا بۆھتان چاپلىنىش ۋەقەلىكى بايان قىلىنغان ئۇزۇن ھەدىستە، ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دېگەن: ((فَعَرَفَنِي حِينَ رَآنِي وَكَانَ رَآنِي قَبْلَ الْحِجَابِ فَاسْتَيْقَظْتُ بِاسْتِرْجَاعِهِ حِينَ عَرَفَنِي فَخَمَّرْتُ وَجْهِي بِجِلْبَابِي)) «(سەفۋان) مېنى ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئاۋۋال كۆرگەن بولغاچقا، مېنى تونۇپ <ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن> دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن جىلبابىم بىلەن يۈزۈمنى يېپىۋالدىم.» (سەھىھ بۇخارى 4144-ھەدىس) (بۇ ھەدىسنىڭ مۇناسىۋەتلىك تولۇق بۆلىكى ماقالىمىزنىڭ داۋامىدا نەقىل قىلىنىدۇ.)
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:{وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا ۖ وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ} {(ئى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم!) مۆمىنە قىز-ئاياللارغا ئېيتقىنكى، مۆمىنە ئاياللارغا ئېيتقىنكى، (قاراش ھارام بولغان نەرسىلەردىن ۋە نامەھرەملەردىن) كۆزلىرىنى پەس قىلسۇن. ئاشكارا زىننەتلىرىدىن باشقىسىنى (نامەھرەملەر بار جايلاردا) ئاچمىسۇن. (كىيىمىنىڭ) ياقىسىنى (ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى كۆرەكلىرىنى) ياپىدىغان ھالەتتە پۈركەنجىلىرى بىلەن ئورانسۇن.} (سۈرە نۇر، 31-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)
دىققەت: ئۇيغۇرچە قۇرئان تەرجىمىسىدە يۇقىرىقى ئايەتتىكى {يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ } جۈملىسىنى مۇھەممەد سالىھ داموللام {نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن} دەپ تەرجىمە قىلغان. بۇ زاتنى دوراپ، كۆچۈرۈپ يۈرۈپ قۇرئان «تەرجىمە» قىلىۋالغانلارمۇ، بۇ جۈملىنى مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ تەرجىمىسىدىن ئەينى پېتى «يۇلۇپ چاپلاپ» ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. ھالبۇكى، ئەرەپچىدىن خەۋىرى بار ھەر قانداق ئادەمگە قۇياشتەك ئايدىڭ بولىدىغىنى شۇكى، {يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ} ئايىتىدە «نامەھرەم» كەلىمىسى يوق، «تىكىلىش» كەلىمىسى يوق، ھەتتا «قاراش» كەلىمىسىمۇ يوق. قۇرئاننىڭ مەيلى ھەممىلا ئىنگىلىزچە ياكى تۈركچە تەرجىمىلىرىدە بۇ ئايەت «نامەھرەمگە تىكىلىپ قارىمىسۇن» دەپ تەرجىمە قىلىنمىغان. {يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ} دېگەن بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى {(خانىم – قىزلار) كۆزلىرىنى پەس قىلسۇن} دېگەنلىك بولدۇ. بۇ ئايەتتىكى «يَغْضُضْنَ » كەلىمىسى «غَضَّ» «يَغُضُّ» پېئىلىدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى «تۆۋەن قىلىش، پەسەيتىش» دېگەنلىكتۇر. خۇددى ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتىدە كەلگىنىدەك: {وَاغْضُضْ مِن صَوْتِكَ} {ئاۋازىڭنى پەس (تۆۋەن) قىلغىن.} (لوقمان سۈرىسىنىڭ 19 – ئايىتىدىن) بۇ ئايەتتىكى «اغْضُضْ» كەلىمىسى «پەسەيت، تۆۋەنلەت» مەنىسىنى بېرىدىغان بۇيرۇق پېئىلى بولۇپ، بۇ «غَضَّ» «يَغُضُّ» پېئىلىدىن تۈرلەنگەن.
بىزنىڭ بۇ دىنىي يازغۇچىمىز يۈز يېپىشنىڭ پەرز ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايمەن دەپ، مۇنداق دېگەن:
اللاھ تائالا ئەرلەرنى يات ئاياللارغا تىكىلىپ قارىماسلىققا بۇيرۇپ: ﴿(ئى پەيغەمبەر! مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، جىنسىي ئەزالىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكلىقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر) دېگەن… ئەگەر ئاياللارنىڭ يۈزى يېپىقلىق بولسا، بۇ ئەرلەر نەگە قارايدۇ؟ مەلۇمكى، ئاياللارنىڭ يۈزى ئوچۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەرلەرنى ئۇلارغا تىكىلىپ قاراشتىن توسقان. (دىنىي يازغۇچىمىزنىڭ «ئايالنىڭ يۈزى ئەۋرەتمۇ؟» ناملىق يازمىسىدىن ئلېىنغان نەقىل تۈگىدى)
بىز بۇ قۇرلارنى ئوقۇغاندا «سۇبھانەللاھ» دەپ ياقا چىشلىمەي تۇرالمايمىز. ئۆزىنىڭ شەخسىي رايىنى، خاتا كۆز قارىشىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئايىتىنى بۇ قەدەر مۇغەمبەرلىك بىلەن بۇرمىلاشقا جۈرئەت قىلىشنىڭ ئارقىسدىكى نەيرەڭۋازلىقتىن، ساختىپەزلىكتىن ھەيران قالماي تۇرالمايمىز. يۈز يېپىشنىڭ پەرز ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايمەن دەپ ئايەتتە يوق سۆزلەرنى ئۇنىڭغا قوشۇۋېلىش، ئارقىسىدىن ئۆزى قوشۇۋالغان شۇ سۆزلەرنى ئايەت دەپ كۆرسىتىپ تۇرۇپ «ئەگەر ئاياللارنىڭ يۈزى يېپىقلىق بولسا، بۇ ئەرلەر نەگە قارايدۇ؟ مەلۇمكى، ئاياللارنىڭ يۈزى ئوچۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەرلەرنى ئۇلارغا تىكىلىپ قاراشتىن توسقان» دەپ سۆز ئويۇنى ئويناش ئاللاھتىن ھەقىقىي قورقىدىغان، قىيامەتتە ئاللاھقا ھېساب بېرىشكە شەكسىز ئىشىنىدىغان ھەر قانداق بىر مۆمىننىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. بىز پەقەت «ئاللاھ دىنىي تېكىستلەرنى بۇنداق ئۆزگەرتىپ، بۇرمىلايدىغانلارنى ئىسلاھ قىلسۇن» دېيىش بىلەنلا كۇپايىلىنىمىز.
مەقسەتكە كەلسەك، سۈرە نۇرنىڭ 31- ئايىتى ھەققىدە توختىلىۋاتقان ئىدۇق.
ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنى تەپسىرلەپ مۇنداق دېگەن:
{وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ } {مۆمىنە ئاياللارغا ئېيتقىنكى، (قاراش ھارام بولغان نەرسىلەردىن ۋە نامەھرەملەردىن) كۆزلىرىنى پەس قىلسۇن.} يەنى ئاللاھ تائالا مۆمىنە ئاياللارنىڭ ئۆز ئەرلىرىدىن باشقا ئەرلەرگە قارىشىنى ھارام قىلدى. شۇ سەۋەبتىن، [نۇرغۇن ئالىملار] ئايال كىشىنىڭ نامەھرەم ئەرلەرگە مەيلى شەھۋەت بىلەن بولسۇن، مەيلى شەھۋەتسىز بولسۇن، ئەسلا قارىشى جائىز ئەمەس (ھارام)، دەپ ھۆكۈم بەرگەن.
ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىسنى دەلىل قىلغان:
(أن أم سلمة حدثته : أنها كانت عند رسول الله صلى الله عليه وسلم وميمونة ، قالت : فبينما نحن عنده أقبل ابن أم مكتوم ، فدخل عليه ، وذلك بعدما أمرنا بالحجاب ، فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم : » احتجبا منه « فقلت : يا رسول الله ، أليس هو أعمى لا يبصرنا ولا يعرفنا؟ فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم : » أو عمياوان أنتما؟ ألستما تبصرانه «)
ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ۋە مەيمۇنە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا ئىدۇق. بىز رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىكى چېغىمىزدا، (ئەما ساھابە) ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم يېتىپ كەلدى. بۇ ۋەقە بىزنىڭ ھىجاپلىنىشىمىز (ئاللاھ تەرىپىدىن) بۇيرۇلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنىڭدىن (يەنى ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇمدىن) ھىجاپلىنىڭلار» دېدى. مەن: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇ بىر ئەما تۇرسا، بىزنى كۆرمىسە ۋە بىزنى تونىمىسا (نېمىشقا ھىجابلىنىمىز)؟» دېسەم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنداقتا سىلەر ئىككىڭلارمۇ ئەمامۇ؟ سىلەر ئۇنى كۆرمەمسىلەر؟» دەپ جاۋاب بەردى. ئىمام تىرمىزى: «بۇ ھەسەن سەھىھ ھەدىستۇر» دېدى.
ئاندىن ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: {ولا يبدين زينتهن إلا ما ظهر منها} {ئاشكارا زىننەتلىرىدىن باشقىسىنى (نامەھرەملەر بار جايلاردا) ئاچمىسۇن.} يەنى نامەھرەم ئەرلەرگە زىننەتلىرىدىن ھېچقانداق نەرسىنى كۆرسەتمىسۇن، پەقەت يوشۇرۇش مۇمكىن بولمىغان زىننەتلىرىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ يەردىكى <ئاشكارا زىننەت> چۈمبەل ۋە كىيىملىرىدۇر.» يەنى ئەرەب ئاياللىرى ئادەتتە كىيىدىغان، كىيىملىرىنىڭ سىرتىنى پۈتۈنلەي قاپلاپ تۇرىدىغان چۈمپەردىلەر ۋە كىيىمنىڭ ئەڭ ئاستى تەرەپلىرىدىن كۆرۈنۈپ قالىدىغان (پۇشقاق) قىسىملىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇلارنى ئاشكارىلاشتا ئايال كىشىگە گۇناھ يوق، چۈنكى بۇلارنى يوشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئىبنى ئۆمەر، ئاتا، ئىكرىمە، سەئىد ئىبنى جۇبەير، ئەبۇششەئسا، زەھھاك، ئىبراھىم ئەننەخەئى ۋە باشقىلاردىنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بايانلار، يەنى «ئاشكارا زىننەت – كىيىمدۇر» دېگەن بايانلار رىۋايەت قىلىنغان. (ئىبنى كەسىر تەپسىرىدىن ئېلىنغان نەقىل ئاخىرلاشتى)
بۇ سەھىھ ھۆكۈم بولۇپ، «كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان زىننەت» نىڭ — يەنى ئاشكارا زىننەتنىڭ كىيىم ئىكەنلىكى سۈرە ئەئرافنىڭ 31 – ئايىتى ئارقىلىق سابىتتۇر. ئىبنى مەسئۇد بۇ ئايەتتىكى «ئاشكارا زىننەت» نىڭ كىيىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا، مۇنۇ ئايەتنى دەلىل قىلغان. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ: {يَا بَنِي آدَمَ خُذُوا زِينَتَكُمْ عِندَ كُلِّ مَسْجِدٍ} {ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر نامازدا زىننىتىڭلارنى (يەنى كىيىمىڭلارنى) كىيىڭلار} (ئەئراف سۈرىسى، 31-ئايەتتىن)
ئىمام سۇيۇتى (ۋاپاتى: ھ 864) رەھىمەھۇللاھ ئۆز تەپسىرىدە {وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا} {(ئايال كىشى) زىننىتىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغىنىدىن باشقىسىنى ئاشكارىلىمىسۇن} ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەقتىكى ئىككىنچى ھۆكۈم بويىچە، ئەر كىشى پىتنىدىن قورقسۇن قورقمىسۇن، يات ئايالغا قارىشى ھارام. چۈنكى، ئەر كىشىنىڭ يات ئايالغا قارىشى پىتنىگە چۈشۈرۈش ئېھتىمالى مەۋجۇتتۇر. پىتنىگە پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن، بۇ تاللىنىدىغان توغرا ھۆكۈمدۇر. (تفسير الجلالين 462)
ئىمام ئىبنى كەسىر يۇقىرىقى بايانلىرىنىڭ داۋامىدا «ئاشكارا زىننەت» نى «يۈز، قول ۋە ئۈزۈك» دېگەن زاتلارنىڭمۇ بولغانلىقىنى نەقىل قىلىپ بولۇپ، «بۇنداق دېيىش (يەنى ئاشكارا زىننەت قول، يۈز، ئۈزۈك دېيىش) ئايال كىشى (نامەھرەمگە) كۆرسىتىشتىن مەنئىي قىلغان زىننەتنىڭ بايانى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن. ئەللامە مۇھەممەد ئەمىن شىنقىتىي ۋە باشقا بىر بۆلۈك مەشھۇر مۇپەسسىرلەرمۇ «ئاشكارا زىننەت»نى «يۈز، قول ۋە ئۈزۈك» دەپ تەپسىرلىگەن ساھابە، تابىئىنلارنىڭ مەقسىتى «نامەھرەمگە ئەمەس، مەھرەملىرىگە ۋە ئاياللارغا قول، يۈز ۋە ئۈزۈكلىرىنى كۆرسەتسە بولىدۇ» دېگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ، دەپ تەپسىرلىگەن. ئۇلار بۇنداق دېيىشتە سۈرە نۇرنىڭ 31- ئايىتىدىن ئىلگىرىكى كۆپچىلىك ئايەتلەرنىڭ ئۆي ئىچىدىكى ئەدەپلەرنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى كۆزدەپ تۇتۇپ، مۇشۇ ئايەتتىكى «ئاشكارا زىننەت» نىمۇ ئايال كىشىنىڭ ئۆز ئۆيىگە كىرگەنلەرگە كۆرسىتىشىگە دۇرۇس بولغان يەرلىرىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قاراپ، بۇ يۈز، قول، ئۈزۈكلىرىنى دادا، ئاكا، تاغا قاتارلىق… مەھرەملىرىگە كۆرسەتسە بولىدۇ، دېمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. يەنى، ئاشكارا زىننەتنى «يۈز، قول ۋە ئۈزۈك» دېگەن ساھابە ئىبنى ئابباس قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلار «ئاشكارە زىننەت» تىن مەقسەت، ئۆي ئىچىدىكى ئاشكارە زىننەت بولۇپ، بۇ ئاشكارە زىننەتلىرىنى دادا، ئاكا – ئىنى، تاغا قاتارلىق ئايال كىشى ئۆز بەدىنىنىڭ كۆپ قىسىمىنى يوشۇرىدىغان كىشىلەرگە كۆرسەتسە بولىدۇ، دەپ قارىغانلىقى مەزكۇر ئايەتتىن ئىلگىرىكى بىر تۈركۈم ئايەتلەرگە باغلاپ چۈشەندۈرگەن بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. چۈنكى، «ئاشكارە زىننەت يۈز، قول ۋە ئۈزۈك» دېگەن ساھابە ئىبنى ئابباستىن، ئۇنىڭ ئارقىسدىكىلا {وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ} {(كىيىمىنىڭ) ياقىسىنى (ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى كۆرەكلىرىنى) ياپىدىغان ھالەتتە پۈركەنجىلىرى بىلەن ئورانسۇن} ئايىتىنىڭ قانداق شەكىلدە ئورىنىشنى كۆرسىتىدىغانلىقى سورالغاندا، يۈزىنى يېپىپ ئورىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويغان. بۇنداق بولغاندا، ھەزىرتى ئىبنى ئابباس «ئاياللار ئۆيىدە مەھرەملىرىگە يۈزى، قولى، ئۈزۈكلىرىنى كۆرسەتسە بولىدۇ، ئەمما سىرتقا چىقماقچى بولسا {(كىيىمىنىڭ) ياقىسىنى (ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى كۆرەكلىرىنى) ياپىدىغان ھالەتتە پۈركەنجىلىرى بىلەن ئورانسۇن}دىن مەقسەت، سىرتقا يۈزىنى يېپىپ چىقسۇن» دېمەكچى بولغان بولىدۇ. بولمىسا، بۇنداق بىر ئالىم ساھابىنىڭ ھىجاپ ھەققىدىكى ئايەتنىڭ تۇنجى جۈملىسىنى «يۈز ۋە قول نامەھرەمگە ئەۋرەت ئەمەس» دەپ چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكىلا جۈملىنى «ئورىنىش يۈزنى يېپىشتۇر» دەپ چۈشەندۈرۈشى ئىمكانسىزدۇر.
ئىمام ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىنىڭ داۋامىدا مۇنداق بايان قىلغان:
«ئابدۇللاھ (ئىبنى مەسئۇد) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ «زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن» دېگەن سۆزى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ‹(ئاشكارىلاش مەنئى قىلىنغان) زىننەت — زىرە، بىلەزۈك، خالخال ۋە مارجاندۇر.› يەنە بىر رىۋايەتتە ئۇ مۇنداق دېگەن: ‹زىننەت ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى، پەقەت ئېرىلا كۆرەلەيدىغان زىننەت بولۇپ، ئۇ ئۈزۈك ۋە بىلەزۈكتۇر. يەنە بىرى، نامەھرەملەر كۆرىدىغان زىننەت بولۇپ، ئۇ كىيىمنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىدۇر.» (تەپسىر ئىبنى كەسىردىن ئېلىنغان نەقىل ئاخىرلاشتى.)
ئىمام ئىبنى كەسىر ئەسما ئانىمىزدىن كەلگەن، رەسۇلۇللاھ «ئايال كىشى بالاغەتكە يەتسە ماۋۇ يەر بىلەن ماۋۇ يېرىنى كۆرسەتسە بولمايدۇ» دەپ يۈز بىلەن قولغان ئىشارەت قىلدى دېگەن رىۋايەتنىڭ دەلىلگە يارىمايدىغان زەئىپ ھەدىسلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن بولۇپ، مۇشۇ ھەدىسنىڭ بەك زەئىپلىكى ماقالىمىزنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىلىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿رۇماللىرىنى ياقىلىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ ياپسۇن﴾ دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى شۇكى: ئاياللار بېشىغا ئارتقان رۇماللىرىنىڭ (مىقنەئە) چېتىنى كۆكرەكلىرىگە چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئاستىدىكى كۆكرەك ۋە بويۇن قىسىملىرىنى يوشۇرۇشى كېرەك. بۇ ئارقىلىق ئۇلار جاھىلىيەت (نادانلىق) دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ كىيىنىش شەكلىگە خىلاپلىق قىلغان (يەنى ئۇلارغا ئوخشىمىغان) بولىدۇ. چۈنكى جاھىلىيەت ئاياللىرى بۇنداق قىلمايتتى، بەلكى ئۇلار كۆكرەكلىرىنى ھېچقانداق نەرسە بىلەن ياپماي، ئەرلەر ئارىسىدىن ئاشكارە ئۆتۈپ كېتەتتى؛ بەزىدە ئۇلار بويۇنلىرىنى، چاچلىرىنىڭ كوكۇللىرىنى ۋە قۇلىقىدىكى زىرىلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ قوياتتى.
ئىمام ئىبنى كەسىر ئايەتنىڭ داۋامىنى مۇنداق تەپسىرلەيدۇ:
ئاللاھ تائالانىڭ: {وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ} {(كىيىمىنىڭ) ياقىسىنى (ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى كۆرەكلىرىنى) ياپىدىغان ھالەتتە پۈركەنجىلىرى بىلەن ئورانسۇن} دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى شۇكى: ئاياللار بېشىغا ئارتقان لېچىكىنى كۆكرەكلىرىگە چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئاستىدىكى كۆكرەك ۋە بويۇن قىسىملىرىنى يوشۇرۇشى كېرەك. بۇ ئارقىلىق ئۇلار جاھىلىيەت (نادانلىق) دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ كىيىنىش شەكلىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى جاھىلىيەت ئاياللىرى بۇنداق قىلمايتتى، بەلكى ئۇلار كۆكرەكلىرىنى كىيىمىنىڭ ئۈستىدىن ھېچقانداق نەرسە بىلەن ياپماي، (كۆكرەك شەكلى كىيىمىنىڭ سىرتىدىن بىلنەشكەن ھالەتتە) ئەرلەر ئارىسىدىن ئۆتۈپ كېتەتتى؛ بەزىدە ئۇلار بويۇنلىرىنى، چېچىنىڭ بىر قىسىمىنى ۋە قۇلىقىدىكى زىرىلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ يۈرەتتى. {وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ} {(كىيىمىنىڭ) ياقىسىنى (ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى كۆرەكلىرىنى) ياپىدىغان ھالەتتە پۈركەنجىلىرى بىلەن ئورانسۇن.} ئايەتتىكى «خۇمۇر» (الخمر) كەلىمىسى «خىمار» نىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، ئۇ بىر نەرسىنى يوشۇرىدىغان، يەنى باش چۈمكىلىدىغان نەرسىدۇر.
سەئىد ئىبنى جۇبەير مۇنداق دەيدۇ: {وليضربن} دېگىنى — لېچىكىنى ياقا ۋە كۆكرەكلىرىنىڭ ئۈستىگە تارتىپ چىڭ ئورىسۇن دېگەنلىكتۇر. شۇنداق بولغاندا، ئۇ يەرلەردىن ھېچقانداق نەرسە كۆرۈنمەيدۇ.»
ئىمام بۇخارى بۇ ھەقتە مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: (ئائىشە ئانىمىزنىڭ جىيەنى) ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ((يرحم الله نساء المهاجرات الأول ، لما أنزل الله : {وليضربن بخمرهن على جيوبهن} شققن مروطهن فاختمرن به)) «ئاللاھ تائالا تۇنجى مۇھاجىر ئاياللارغا رەھمەت قىلسۇن! ئاللاھ تائالا {وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ} {(كىيىمىنىڭ) ياقىسىنى (ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى كۆرەكلىرىنى) ياپىدىغان ھالەتتە پۈركەنجىلىرى بىلەن ئورانسۇن.} دېگەن ئايەتنى نازىل قىلغان ھامان، ئۇلار كىيىملىرىنىڭ سىرتىغا كىيىدىغان يېپىنچىسىنى (پۇشقاق تەرەپتىن) يىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىرىنى ياپتى.» (بۇخارى 4758 – ھەدىس) (باشتا قەيت قىلغىنىمىزدەك، مۇھەددىسلەر پېشىۋاسى ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇخارىنىڭ شەرھى فەتھۇلبارى (9-439) دا ھىجاب ئايىتىنى شەرىھلەپ مۇنداق دېگەن: «اخْتَمَرْنَ» نىڭ مەنىسى ـــ ‹ئاياللار يۈزىنى ياپتى› دېگەنلىكتۇر.)
ئىمام بۇخارى يەنە مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: سەفىييە بىنتى شەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئائىشە ئانىمىزنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: ((لما نزلت هذه الآية : ( وليضربن بخمرهن على جيوبهن ) : أخذن أزرهن فشققنها من قبل الحواشي ، فاختمرن بها)) «مۇشۇ ئايەت نازىل بولغاندا: {وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ} {(كىيىمىنىڭ) ياقىسىنى (ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى كۆرەكلىرىنى) ياپىدىغان ھالەتتە پۈركەنجىلىرى بىلەن ئورانسۇن.} ئۇلار كىيىمىنى ئېلىپ، ئۇنى گىرۋەكلىرىدىن يىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن يۈزىنى ياپقان ئىدى.» (سەھىھۇل بۇخارى)
ئىمام بۇخارى بىلەن سەپداش ھەدىس ئىمامى ئىبنى ئەبى ھاتىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق نەقى قىلغان: ئابدۇللاھ ئىبنى ئوسمان ئىبنى خۇسەيم سەفىييە بىنتى شەيبەدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىدا ئىدۇق، بىز قۇرەيش ئاياللىرى ۋە ئۇلارنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە پاراڭلاشتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: ((إن لنساء قريش لفضلا وإني – والله – وما رأيت أفضل من نساء الأنصار أشد تصديقا بكتاب الله ، ولا إيمانا بالتنزيل . لقد أنزلت سورة النور : ( وليضربن بخمرهن على جيوبهن ) ، انقلب إليهن رجالهن يتلون عليهن ما أنزل الله إليهم فيها ، ويتلو الرجل على امرأته وابنته وأخته ، وعلى كل ذي قرابة ، فما منهن امرأة إلا قامت إلى مرطها المرحل فاعتجرت به ، تصديقا وإيمانا بما أنزل الله من كتابه ، فأصبحن وراء رسول الله صلى الله عليه وسلم الصبح معتجرات ، كأن على رءوسهن الغربان)) ‹قۇرەيش ئاياللىرىنىڭ ھەقىقەتەن پەزىلىتى بار، ئەمما ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئاللاھنىڭ كىتابىنى تەستىقلاشتا ۋە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئىمان ئېيتىشتا ئەنسار ئاياللىرىدىنمۇ ئارتۇق بىرەرسىنى كۆرمىدىم. سۈرە نۇردىكى{وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ} {(كىيىمىنىڭ) ياقىسىنى (ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى كۆرەكلىرىنى) ياپىدىغان ھالەتتە پۈركەنجىلىرى بىلەن ئورانسۇن} دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا، ئەرلىرى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىشتى. ئەر كىشى ئۆز ئايالىغا، قىزىغا، ئاچا-سىڭلىسىغا ۋە بارلىق يېقىن تۇغقانلىرىغا بۇ ئايەتنى ئوقۇپ بەردى. ئەنسارى ساھابە ئاياللارنىڭ ئىچىدە ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتكە بولغان ئىمانى ۋە تەستىقى يۈزىسىدىن، دەرھال ئۆزىنىڭ پۈركەنجىسىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يۈز – كۆزىنى ئورىمىغان بىرەرمۇ ئايال قالمىدى. ئەتىسى بامدات نامىزىدا، ئۇلار باشلىرىغا قاغىلار قونۇۋالغاندەك (يەنى قاپقارا چۈمپەردىلەرگە ئورانغان ھالدا) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئارقىسىدا نامازغا تۇرۇشتى.»
بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇدمۇ بىر قانچە يول بىلەن سەفىييە بىنتى شەيبەدىن رىۋايەت قىلغان.
ئىمام ئىمام ئىبنى جەرىر مۇنداق دەيدۇ: يۇنۇس بىزگە سۆزلەپ بەردى، ئىبنى ۋەھب بىزگە خەۋەر بەردى، قۇررا ئىبنى ئابدۇراھمان ئۇنىڭغا خەۋەر بەردى، ئۇ ئىبنى شىھابتىن، ئۇ ئۇرۋەدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا تۇنجى مۇھاجىر ئاياللارغا رەھمەت قىلسۇن! ئاللاھ تائالا ﴿رۇماللىرىنى ياقىلىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ ياپسۇن﴾ دېگەن ئايەتنى نازىل قىلغاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ قېلىن چەكمەنلىرىنى (مۇرۇت) يىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئورۇنۇۋالغان ئىدى». ئەبۇ داۋۇدمۇ بۇ ھەدىسنى ئىبنى ۋەھب رىۋايىتى بىلەن كەلتۈرگەن. (ئىمام ئىبنى كەسىرنىڭ تەپسىرىدىن ئېلىنغان نەقىللەر ئاخىرلاشتى)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:{يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُل لِّأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِن جَلَابِيبِهِنَّ ۚذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَن يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ ۗوَكَانَ اللَّـهُ غَفُورًا رَّحِيمًا} {ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، جىلبابلىرى بىلەن ئۈستى بېشىنى ئورىسۇن. ئۈستى بېشىنى ئوراش ئۇلارنىڭ (ھۆر مۆمىنە ئاياللار سۈپىتىدە) تونۇلىشىغا، ئازار بېرىلمەسلىكىگە ئەڭ ئۇيغۇندۇر. ئاللاھ غەفۇردۇر – مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە رەھىملىكتۇر.} (سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەت)
تۆۋەندە بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىنى بايان قىلىمىز:
يۇقىرىقى ھايەت «ھىجاب ئايىتى» دەپ ئاتىلىدىغان مەشھۇر ئايەت بولۇپ، ئايەتتە «جلابيب» كەلىمىسى تىلغان ئېلىنغان بولۇپ، بۇ «جىلباب» كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈك شەكلىدۇر. (تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر قۇرتۇبى)
ئىسلامنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئاياللار نامەھرەم ئەرلەردىن يۈزىنى ۋە قولىنى ياپمايتتى. ھىجاپ ئايىتى (ھىجرەتنىڭ ئۈچىنچى يىلى) نازىل بولغاندىن كېيىن، يات ئەرلەردىن يۈز ۋە قولنى ياپماسلىق چەكلىنىدىغان بولدى. ھىجاپ ئايىتى نازىل بولۇشى بىلەن (ھۆر) مۆمىنە ئاياللارنىڭ (نامەھرەم بولغانلىكى) ھەر قانداق مۇھىتتا يۈزىنى، قولىنى (ۋە بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى) يېپىشى پەرز قىلىندى. (ئەللامە ئىبنى باز پەتىۋالىرى، 5\46)
تابىئىننىڭ يەتتە مەشھۇر فەقىھ ئالىمىدىن بىرى بولغان ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئابدۇراھمان (ۋاپاتى: ھ. 94) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشىنىڭ بارچە ئەزاسى (نامەھرەم ئەرلەرگە نىسبەتەن) ئەۋرەتتۇر. ھەتتا، تىرنىقىمۇ شۇنداق.» mujtehid.com (ابن عبد البر: التمهيد 4\327)
ئىمام سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ ئۆز تەپسىرىدە سۈرە ئەھزابنىڭ، 59-ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە {يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ} {جىلبابلىرى بىلەن ئورانسۇن} ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان جىلبابقا ئېنىقلىما بېرىپ مۇنداق دېگەن: (وهي الملاءة التي تشتمل بها المرأة، أي يرخين بعضها على الوجوه إذا خرجن لحاجتهن إلا عينا واحدة) جىلباب — ئايال كىشىنى پۈتۈنلەي ئوراپ تۇرىدىغان ئورىغۇچى كىيىمدۇر. يەنى، ئاياللار ھاجىتى سەۋەبلىك سىرتقا چىققاندا، ئۇ ئورانچىسىنىڭ بىر قىسىمى بىلەن بىر كۆزىنى ئوچۇق قويغان ھالدا يۈزىنى ئورايدۇ. (تفسير الجلالين 560)
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: جىلباب — ئاياللار بېشىدىن باشلاپ، كىيىمىنىڭ ئۈستىگە كىيىدىغان، ئاياللارنىڭ بېشىنى، يۈزىنى ۋە بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى ئوراپ تۇرىدىغان كىيىمدۇر. خىمار بولسا، پەقەت باشنىلا يېپىپ تۇرىدىغان (لېچەك تۈرىدىكى) كىيىمدۇر. يۇقىرىقى ئايەتتە بۇيرۇلغىنىدەك، ئاياللار كىيىمىنىڭ ئۈستىگە جىلباب كىيىپ، ئۇنىڭ بىلەن بېشىنى، يۈزىنى ۋە بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى ياپىدۇ. (ئىبنى باز پەتىۋالىرى، 5-جىلد، 46-بەت)
ئىمام ئىبنى كەسىر مۇنداق دېگەن: «جىلباب — خىمارنىڭ (لېچەكنىڭ) ئۈستىدىن كىيىلىدىغان (پۈتۈن بەدەننى ئوراپ تۇرىدىغان) سىرتقى كىيىمدۇر (يەنى چۈمبەلدۇر).» (تەپسىر ئىبنى كەسىر، نۇر سۈرىسى، 31 – ئايەت تەپسىرىدىن)
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەت ئارقىلىق مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىنى ھاجىتى ئۈچۈن ئۆيلىرىدىن چىققاندا جىلباپلىرى بىلەن بېشىنىڭ ئۈستى بىلەن قوشۇپ يۈزلىرىنى يېپىشقا بۇيرۇدى، ئايال كىشى بۇ شەكىلدە يۈزىنى يېپىپ (يولنى كۆرەلىشى ئۈچۈن) بىر كۆزىنى ئوچۇق قويىدۇ. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/٣١٥٤)
چوڭ تابىئىنلاردىن سەئىد ئىبنى جۇبەير رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: {يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ} {جىلبابلىرى بىلەن ئورانسۇن} ئايىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: يەنى ئاياللار جىلبابلىرى بىلەن پۈركەنسۇن. جىلباب — لېچەكنىڭ ئۈستىگە ئارتىلىدىغان چۈمبەلدۇر. مۇسۇلمان ئايالنىڭ لېچەكلىرىنى ئۈستىگە چۈمبەل ئارتىپ ئۈستى بېشىنى، يۈز-كۆزىنى ۋە كۆكرەكلىرىنى (بىلنەشمەيدىغان شەكىلدە) يېپىپ ئۆرتۈنمەي تۇرۇپ يات ئەرگە كۆرۈنۈشى ھالال ئەمەس. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/٣١٥٥)
تابىئىنلارنىڭ ئەڭ چوڭ تەپسىرشۇناس ئالىمى سۇددى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەدىنىنىڭ پاسىقلىرى (بۇلار مۇناپىقلاردۇر) قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن ئاياللارنى كۆزلەپ مەدىنىنىڭ كوچىلىرىغا چىقاتتى. مەدىنىلىكلەرنىڭ ئۆيلىرى تار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاياللىرى كەچ بولغاندا (جاڭگاللارغا بېرىپ) ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن سىرتقا ئۆيىدىن كوچىغا چىقاتتى. پاسىقلارنىڭ كۈتكۈنى دەل مۇشۇ ئىدى. ئەگەر پاسىقلار كوچىغا چىققان ئايالنىڭ جىلباب بىلەن چۈمكەلگەن ئاياللىقىنى بايقىسا «بۇ ھۆر ئايالكەن» دېيىشىپ، بۇنداق ئايالدىن قولىنى تارتاتتى. ئەگەر جىلباب كىيمەستىن چىققان ئايالنى كۆرسە «بۇ دېدەك ئىكەن» دېيىشىپ، ئۇنىڭغا ئېتىلاتتى. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/٣١٥٥) يەنە باشقا بايانلاردا، دېدەك ئاياللارغا چاقچاق قىلىپ، ھاجىتىنى قاندۇرۇپ قويسا پۇل بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇناتتى، دېيىلگەن.
(مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازادگەردىسى، ئىشەنچىلىك ھەدىس راۋىيسى، سەلەپ مۇھەددىسلىرىنىڭ ئۇستازلىرىدىن) يۇنۇس ئىبنى يەزىد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىز زۇھرىيدىن توي قىلغان ياكى توي قىلمىغان دېدەك ئايال لېچەك كىيەمدۇ؟ دەپ سورىساق، زۇھرىي مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۇ توي قىلغان دېدەك بولسا، لېچەك كىيىدۇ، لېكىن جىلباب كەيمەيدۇ، چۈنكى دېدەك ئايالنىڭ جىلباپ كىيىپ ھۆر ئاياللارغا ئوخشىۋېلىشى چەكلىنىدۇ. زۇھرىي مۇشۇنداق دەپ بولۇپ مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى ﴿يأيها النَّبِيّ قُلْ لِأَزْوَاجِك وَبَنَاتك وَنِسَاء الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ ذَلِكَ أَدْنَى أَنْ يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ وَكَانَ اللَّه غَفُورًارَحِيمًا﴾. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/٣١٥٤) * يۇنۇس ئىبنى يەزىد ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئىمام ئەۋزائى قاتارلىق سەلەپ ئىماملىرىنىڭ ئۇستازلىرىدىن ئىدى.
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى، ساھابىلەرنىڭ ئەڭ ئالىملىرىدىن بولغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دەل مۇشۇ جىلباب كەلمىسىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ نامەھرەمدىن يۈزىنى ياپقانلىقىنى بايان قىلغان. سەھىھ بۇخارىدا ئائىشە ئانىمىزغا بۆھتان چاپلىنىش ۋەقەلىكى بايان قىلىنغان ئۇزۇن ھەدىستە، ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دېگەن: ((فَعَرَفَنِي حِينَ رَآنِي وَكَانَ رَآنِي قَبْلَ الْحِجَابِ فَاسْتَيْقَظْتُ بِاسْتِرْجَاعِهِ حِينَ عَرَفَنِي فَخَمَّرْتُ وَجْهِي بِجِلْبَابِي)) «(سەفۋان) مېنى ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئاۋۋال كۆرگەن بولغاچقا، مېنى تونۇپ <ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن> دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن جىلبابىم بىلەن يۈزۈمنى يېپىۋالدىم.» (سەھىھ بۇخارى 4144-ھەدىس) (بۇ ھەدىسنىڭ مۇناسىۋەتلىك تولۇق بۆلۈكى تۆۋەندە 4-نومۇرلۇق ھەدىسىمىزدە بايان قىلىنىدۇ.) ئىمام ئىبنى بازنىڭ جىلبابنىڭ قانداق كىيىم ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى يۇقىرىدا بىز نەقىل قىلغان سۆزىنىڭ توغرىلىقىغا ئائىشە ئانىمىزنىڭ بۇ ھەدىسى روشەن دەلىلدۇر.
بۇ ۋەجىدىن، مۇپەسسىر ئابدۇرراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ ئايەتتىكى {يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبِهِنَّ} {جىلبابلىرى بىلەن ئۈستى-بېشىنى ئورىسۇن} ئايىتىنى {جىلبابلىرى بىلەن يۈزلىرىنى ۋە كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن} دەپ تەپسىر قىلغان. (تەپسىر سەئدى، 33-سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەتنىڭ تەپسىرى)
جىلبابنى «ياغلىق، رومال، لېچەك» دەپ تەبىر بېرىپ، ئاندىن بۇ تەبىر بېرىلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈزىنى يېپىشقا ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى ئىشارە قىلىپ، ئايەتنىڭ مەنىسىنى ئەسلى ئورنىدىن تولغاپ، بۇرمىلىغۇچىلارغا ئائىشە ئانىمىزنىڭ يۇقىرىقى ھەدىسى ناھايىتى ياخشى ۋە كۈچلۈك رەددىيە بولالايدۇ.
ئىمام ئەبۇ داۋۇد «سۇنەن ئەبۇ داۋۇد» ناملىق ئەسىرىدە مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: «‹…جىلبابلىرى بىلەن بەدىنىنى ئورىسۇن…›(سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) ئايىتى نازىل بولغاندا، ئەنسارىيلارنىڭ خانىم-قىزلىرى بەئەينى بېشىدا قاغا باردەك ھالەتتە ئورىنىپ چىقىشتى.»(سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 4101-ھەدىس؛ ئەلبانى ۋە باشقىلار سەھىھ دېگەن) ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: عَنْ أُمِّ سَلَمَةَ، قَالَتْ لَمَّا نَزَلَتْ { يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلاَبِيبِهِنَّ } خَرَجَ نِسَاءُ الأَنْصَارِ كَأَنَّ عَلَى رُءُوسِهِنَّ الْغِرْبَانُ مِنَ الأَكْسِيَةِ .
«سۇنەن ئەۋبۇ داۋۇدنىڭ شەرھى ئەۋنىل مەئبۇد» دېگەن ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ پۈركەنجىلىرىنىڭ قاغىغا ئوخشىتىلىشىدىكى سەۋەب، پۈركەنجىلىرىنىڭ رەڭگىنىڭ قارا بولغانلىقىدىندۇر.»
(قوشۇمچە ماۋزۇ: ئاياللارنىڭ قارا رەڭدە ئورىنىشىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى)
ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىستىن ساھابە خانىم-قىزلارنىڭ قارا رەڭلىك كىيىم كىيگەنلىكى بىلىنىدۇ. (پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى 17\110)
ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق دېگەن: مۇسۇلمان ئايالنىڭ لىباسىنىڭ قارا رەڭدە بولۇشى شەرت ئەمەس. مۇسۇلمان خانىم-قىزلارغا ماس بولمىغان رەڭدە بولماسلىق، يات ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماسلىقى ۋە پىتنىگە سەۋەب بولماسلىقى شەرتى بىلەن، خالىغان رەڭدىكى كىيىمنى كىيسە بولىدۇ. كۈنىمىزدە كۆپلىگەن مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ قارا رەڭلىك كىيىمنى تاللاپ كىيىشىدىكى سەۋەب، قارا رەڭدە كىيىشنىڭ شەرت بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ خىل كىيىملەرنىڭ زىننەتلەردىن يىراق بولغانلىقىدىندۇر. ساھابە خانىم-قىزلارنىڭ قاراڭ رەڭلىك كىيىم كىيگەنلىكى بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەر مەۋجۇتتۇر. (پەتىۋا كومېتىتى بۇ سۆزىگە يۇقاردا بىز بايان قىلغان، ئەبۇ داۋۇدنىڭ 4101-ھەدىسىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن.) (پەتىۋ كومېتىتى پەتىۋالىرى 17\109)
شەيخ مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ئايال كىشىنىڭ ھىجابىنىڭ رەڭگىنىڭ قارا رەڭلىك بولۇشى شەرت ئەمەس. بىراق، (بەدەننى) يېپىشتا قارا رەڭ ئەڭ ياخشىدۇر.(ئىسلام-سوئال جاۋابلىرى پەتىۋا تورىنىڭ 898-نومۇرلۇق پەتىۋاسىنىڭ بىر قىسىمى)
ئىمام بۇخارى «سەھىھۇل بۇخارى» ناملىق ئەسىرىنىڭ تەپسىر بۆلۈمىدە، ئائىشە ئانىمىزغا بۆھتان چاپلىنىش ۋەقەسى توغرىسىدىكى ھەدىسنى ئائىشە ئانىمىزدىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ھەدىسنىڭ باش قىسىمىدا ئائىشە ئانىمىزنىڭ تىلىدىن «ھىجاب ئايىتى نازىل بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە سەپەرگە چىقتىم» دەپ كەلگەن. ئائىشە ئانىمىز بۇ ئۇزۇن ھەدىسنىڭ بىر بۆلىكىدە مۇنداق دېگەن:
«… قوشۇن قوزغالغاندىن كېيىن مۇنچىقىمنى تاپتىم ۋە ئەسكەرلەر چۈشكۈن قىلغان جايغان قايتىپ كەلدىم. بىراق، ئەمدىلىكتە بۇ يەردە ھېچكىم قالمىغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى ئۆزۈم قوشۇن بىلەن چۈشكەن ئورۇنغا قاراپ ماڭدىم. قوشۇن مېنى ئالماستىن كېتىپ قالغىنىنى بىلىپ قايتىپ كېلىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۇيقۇم كېلىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. سەفۋان ئىبنى مۇئەتتەل سۇلەمى ـــ كېيىن ئەززەۋكانى دەپ ئاتالغان ـــ ئادەتتە قوشۇننىڭ ئارقىسىدىن كېلەتتى. سەفۋان كېچىچە يول يۈرۈپتۇ، تاڭ سەھەردە مەن بار جايغا يېتىپ كەپتۇ. ئۇخلاۋاتقان بىرىنىڭ قارىسىنى يىراقتىن كۆرۈپتۇ. ئاندىن، يېقىنلاپ كېلىپ مېنى كۆرۈپ تونۇپتۇ. ئۇنىڭ مېنى كۆرۈپ تونۇيالىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى مېنى كۆرگەن ئىدى. ئۇ مېنى تونۇپ «ئىننە لىللاھى ۋەئىننە ئىلەيھى راجىئۇن» دېيىشى بىلەن مەن ئويغىنىپ كېتىپ،(فخمرت وجهي بجلبابي) جىلبابىم بىلەن يۈزۈمنى يېپىۋالدىم. ئاللاھقا قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ مەن بىلەن بىر ئېغىزمۇ پاراڭلاشمىدى. مەن (شۇ ۋاقىتتىن تاكى قوشۇنغا يېتىشكۈچە) ئۇنىڭدىن ‹ئىننە لىللاھى ۋەئىننە ئىلەيھى راجىئۇن› دېگىنىدىن باشقا گەپنى ئاڭلىمىدىم. سەفۋان تۆگىنى چۆكتۈرۈپ، تۆگىنىڭ ئالدى پۇتىغا دەسسەپ تۇردى. مەن تۆگىگە مىندىم. (ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ رىۋايىتىدە:‹سەفۋان ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرىدى. ئاندىن، تۆگىسىنى ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇردى.›) (ئائىشە ئانىمىز سۆزىنى داۋام قىلىپ شۇنداق دەيدۇ:) سەفۋان ئالدىمدا تۆگىنى يېتىلەپ ماڭدى. چىقچى چۈش بولغاندا، كۈننىڭ ھارارىتى سەۋەبلىك ئارام ئالغىلى چۈشكەن قوشۇنغا يېتىشتۇق. مانا مۇشۇ چاغدا ھالاك بولغانلار ھالال بولدى. بەتنامنىڭ باشچىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي، ئىبنى سەلۇل ئىدى…»(سەھىھۇل بۇخارى 4750-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ بىر قىسىمى؛ بۇخارى 3910؛ مۇسلىم 2770)
ئىمام ئىبنى باز ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشنىڭ پەرزلىكى يۇقىرىقى ھەدىسنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن پەتىۋاسىدا، بۇ ھەدىسنى نەقىل قىلىپ بولۇپ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم نەقىل قىلغان بولۇپ، ھەدىستىن ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى ئاياللارنىڭ يۈزى ئوچۇقلۇقى، ھىجاب ئايىتى نازىل بولغاندىن كېيىن يۈزىنى ياپقانلىقى بىلىنىدۇ. مانا بۇ توغرا ھۆكۈمدۇر. (ئىبنى باز-نۇرۇن ئەلەد دەرب پەتىۋالىرى-مەنبە: https://binbaz.org.sa/fatwas/18418/حكم-كشف-المراة-للوجه-والكفين-لغير-المحارم)
مۇھەددىس، فەقىھ، ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ سەھىھۇل بۇخارىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق تەپسىرى ھېسابلانغان «فەتھۇلبارى»دا بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن:
بۇ ھادىسە (يەنى ئائىشە ئانىمىزغا بۆھتان چاپلىنىش ۋەقەسى) ئاللاھ تائالانىڭ ھىجاب بۇيرۇقىدىن كېيىن يۈز بەرگەن. «ھىجابلىنىش»(ئورىنىش) تىن مەقسەد ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىشىدۇر. ھىجاب ئايىتىدىن ئىلگىرى ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ قېلىشىدىن ساقلانمايتتى.
ئىمام ئىبنى ھەجەر يەنە مۇنداق دېگەن: ئاياللار ھىجابنىڭ ئىچىدە بولغان تەقدىردە، ئەرلەر ئۇلارغا خىزمەت قىلسا بولىدۇ.(بۇنى دېيىشتە ئائىشە ئانىمىزنىڭ تۆت ئەتراپى پۈتۈنلەي لاتا بىلەن قورشالغان چىمىدلىق ئىچىدە تۆگە ئۈستىدە سەپەر قىلغانلىقىنى، بىر تۈركۈم ساھابىلەرنىڭ چىمىلدىقنى كۆتۈرۈپ تۆگە ئۈستىگە قويۇپ، ئائىشە ئانىمىزنىڭ خىزمىتىنى قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتماقتا.)
ئىمام ئىبنى ھەجەر يەنە مۇندا مۇنداق دېگەن: نامەھرەم بىرى ئۆزىگە قارىغان (قاراش ئېھتىماللىقى بولغان) ئەھۋالدا ئايال كىشى يۈزىنى يېپىشى كېرەك.
ئىبنى ھەجەر يەنە بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: ھىجاب ئايىتى ئەبۇ ئۇبەيدە ۋە بىر بۆلۈك مۇپەسسىرلەرنىڭ نەزىرىدە ھىجىرىيەنىڭ ئۈچىنچى يىلى، زۇلقەئدە ئېيىدا نازىل بولغان.
سەھىھ مۇسلىمدا مۇنۇ ھەدىس مەۋجۇت: (ھەدىسنىڭ يۈز يېپىشقا ئوچۇق ئىشارە قىلىدىغان قىسىمى بايان قىلىندى) خەيبەر فەتھىدىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەفىيە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) نى نىكاھلاپ ئالدى. كىشىلەر توي زىياپىتىدىن كېيىن «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇ چوكاننى نىكاھلاپ ئالغانمىدۇ ياكى دېدىكى قىلغانمىدۇ؟ ئەگەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭ يۈزىنى ياپسا، نىكاھلاپ ئالغان بولىدۇ. يۈزىنى ياپمىسا، دېدىكى قىلغان بولىدۇ» دېيىشتى.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلاغقا مىنىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ يۈزىنى ياپتى، ئۇ چوكان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئارقىسىغا مىنگەشتى. كىشىلەر بۇنىڭدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۇ چوكاننى نىكاھلاپ ئالغانلىقىنى ئۇقتى. مەدىنىگە يېقىنلاشقاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تۆگىنى چاپتۇردى، بىزمۇ ھەم چاپتۇردۇق. توساتتىن تۆگە تېيىلىپ كېتىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئايالى بىلەن بىرگە تۆگىدىن يىقىلغانىدى، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئايالىنىڭ يۈزىنى ياپتى. ئاياللار بۇ ئىشنى كۆرۈپ «ئاللاھ بۇ يەھۇدىي خوتۇننى (بىزدىن) يىراق قىلغاي!» دېيىتشى. (مۇسلىم 1365-نومۇرلۇق ھەدىس؛ بۇ ھەدىسنىڭ باش قىسىمى بۇخارى 2235-نومۇرلۇق ھەدىستىمۇ بايان قىلىنغان)
تابىئىن ئالىم ئەلى ئىبنى ئەبۇ تەلھە رەھىمەھۇللاھ ساھابە ئىبنى ئابباسنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىنى، ئەگەر ئۇلار بىرەر ئىش ئۈچۈن ئۆيلىرىدىن چىقسا، بىر كۆزىنى ئوچۇق قالدۇرۇپ باشلىرىنىڭ ئۈستىدىن يۈزلىرىنى پۈركەنجە بىلەن ئورۇۋېلىشقا بۇيرۇدى.
مۇھەممەد ئىبنى سىيرىن مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇبەيدە ئىبنى سەلماندىن ئاللاھنىڭ «پۈركەنجە بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن» دېگەن ئايىتى ھەققىدە سورىغان ئىدىم، ئۇ سول كۆزىنى ئوچۇق قويۇپ يۈزىنى ۋە بېشىنى ئوراپ تۇرۇپ كۆرسىتىپ بەردى. (ئىبنى كەسىر،5-71)
ئاياللارنىڭ يۈزى ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئىشارەتلەيدىغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ھىجاب ئايىتىدىن بۇرۇنقى ۋەقەلىكلەرنى بىلدۈرىدۇ. بەزى كىشىلەر ھىجاپ ئايىتىدە يۈز يېپىش توغرىلىق سۆز يوق، بۇ ھەقتىكى ئايەتلەردە «يۈز» دېگەن مەنانى بېرىدىغان كەلىمىمۇ يوق، دەپ ئۆز نەپسى-خاھىشىنى شەرىئەت قىلىپ كۆرسىتىپ، توغرىغا چىقارماقچى بولىدۇ. بۇنداقلار ھېچقاچان ئاللاھ ئاياللارنى ئورۇنىشقا بۇيرۇپ ئايەت نازىل قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ئايەتنى قانداق شەكىلدە ئىجرا قىلدى دەپ ئويلاپمۇ باقمايدۇ، ئىزدىنىپمۇ باقمايدۇ. دىنىي ئەسەر يازغۇچىلاردىن يۈز يېپىشقا شۇ دەرىجىدە ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلار باركى، بۇنداقلار يۈز يېپىش توغرىسىدا كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەرنى ئامال بار يوشۇرۇشقا تىرىشىپ، يۈزنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدىغان بەك زەئىپ، دەلىلگە يارىمايدىغان بىر رىۋايەتنى ھەممە يەردە كۆتۈرۈۋېلىشىدۇ. (بۇنىڭ تەپسىلاتى ماقالىمىزنىڭ داۋامىدا كېلىدۇ.)
يۇقىرىدا بىز بايان قىلغان دەلىللەردىن شۇن نەرسە ئېنىقكى، ئاللاھ ئاياللارنى ھىجاپقا بۇيرۇغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاياللىرىنىڭ يۈزىنى ياپقۇزدى، ساھابە ئانىلىرىمىزمۇ يۈزىنى تولۇق ئوراپ سىرتقا چىقتى. بۇ ھۆكۈم باشقا ھۆكۈملەرگە ئوخشاشلا قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە ھۆكۈمدۇر. ئاللاھنىڭ ياكى ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقى شۇ بۇيرۇقنىڭ قارشىسىدا دەلىل بولمىغۇچە، پەرزلىكنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ ئورۇنىشقا بۇيرۇدى، رەسۇلۇللاھ بۇ بۇيرۇقنى ئاياللارغا ئىجرا قىلدى ۋە ئاياللار يۈزىنى يېپىپ، تولۇق ھىجابلاندى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى، بىز بۇ ماقالىمىزدە بۇ بۇيرۇقنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىشى سۈپىتىدە كەلتۈرگەن ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى يۈز يېپىش بۇيرۇقىنىڭ پەرز بۇيرۇق ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
ياشانغان ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشى پەرز ئەمەس
گەرچە ياشانغان، ئەرگە مەيلى يوق، ئەرلەرنىڭمۇ مەيلى تارتمايدىغان قېرى ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئېچىشىنى تۆۋەندىكى ئايەت ئارقىلىق دۇرۇس قىلغان بولسىمۇ، ئاللاھ بۇ خىل قېرى ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشىنى ئىپپەتەلىكلىك يولىنى تۇتقانلىق يۈزىسىدىن ياخشى ئەھۋال دەپ بايان قىلغان.
ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: {وَالْقَوَاعِدُ مِنَ النِّسَاءِ اللَّاتِي لَا يَرْجُونَ نِكَاحًا فَلَيْسَ عَلَيْهِنَّ جُنَاحٌ أَن يَضَعْنَ ثِيَابَهُنَّ غَيْرَ مُتَبَرِّجَاتٍ بِزِينَةٍ ۖ وَأَن يَسْتَعْفِفْنَ خَيْرٌ لَّهُنَّ ۗ وَاللَّـهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ}{ھەيزدىن ۋە بالا تۇغۇشتىن قېلىپ) ياتلىق بولۇشتىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن ياشانغان ئاياللار زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ھالدا كىيىمىنى (يەنى يۈزىنى يېپىپ تۇرىدىغان جىلبابىنى) سېلىۋەتسە، بۇنىڭدا ھېچ گۇناھ يوقتۇر. بىراق، چۈمپەردىسىگە تولۇق ئورىنىپ، ئىپەتلىكلىك يولىنى تۇتۇشى ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئاللاھ ئەسسەمىئدۇر — ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەلئەلىيمدۇر — ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.} (نۇس سۈرىسىنىڭ 60 – ئايىتى)
ئىمام ئىبنۇل ئەرەبى مۇنداق دېگەن: بۇ ئايەتتە بالا تۇغۇش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئاياللار باشقا ئاياللاردىن پەرقلەندۈرۈلۈپ تىلغا ئېلىنغان. چۈنكى، بۇنداق ئاياللارغا مەيل تارتمايدۇ. (ئىمام ئىبنۇل ئەرەبى، ئەھكامۇل قۇرئان 3\419)
ئەللامە ئابدۇرراھمان سەئدى مۇنداق دېگەن:«…پۈركەنجە كىيمەستىن يۈرسە، بۇنىڭغا ھېچ گۇناھ يوقتۇر.» ئايەتتىكى «كىيىم»دىن مەقسەد جىلباب، ھىمارغا ئوخشاش ئايال كىشىنىڭ باشتىن ئاياق پۈتۈنلەي ئورىنىدىغان كىيىمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئاياللار قېرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا مەيل تارتمايدۇ. بۇ خىل ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئېچىشى دۇرۇس، چۈنكى، يۈزىنى ئېچىشىدا پىتنە كۆرۈلمەيدۇ. (تەپسىر سەئدى، 24-سۈرە، 60-ئايەتنىڭ تەپسىرىنىڭ بىرقىسىمى)
ئاللاھ نامەھرەم ئالدىدا يۈزىنى ئېچىشىنى دۇرۇس قىلغان ئىككىلا ئاياللار تائىپىسى بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى مانا مۇشۇ ئايەتتە تىلغان ئېلىنغان قېرىپ كەتكەن ئاياللاردۇر. يەنە بىرى دېدەك-چۆرىلەردۇر. ئۆمەر رەزىيەللاھۇنىڭ يۈزىنى يېپىۋالغان دېدەكنى «نېمىشقا ھۆر ئايالغا ئوخشىۋالىسەن» دەپ قامچا بىلەن ساۋىدىغانلىقىنى سەھىھتۇر.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: (( رَأَى عُمَرُ أَمَةً لَنَا مُتَقَنِّعَةً ، فَضَرَبَهَا ، وَقَالَ : لَا تَشَبَّهِي بِالْحَرَائِرِ)) «ئۆمەر بىزنىڭ بىر دېدىكىمىزنىڭ ئۈستى بېشىنى چۈمكىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، (ئەدەپلەش يۈزىسىدىن) ئۇردى ۋە <ھۆر ئاياللارغا ئوخشىۋالما>» دېدى. (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە، 6081)
ئاياللار ھەج – ئۆمرە جەريانىدا يۈزىنى ئېچىۋېتەمدۇ؟
ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەجگە ئېھرام باغلىغان ئايال نىقاب ۋە پەلەي كەيمىسۇن.»(بۇخارى 1838؛ ئەبۇ داۋۇد 1826؛ مالىك-ھەج؛ سەھىھ نەسائىي 2672؛ سەھىھ تىرمىزى 833؛ ئەلبانى-سەھىھ جامىئ 6680؛) لا تَتَنَقَّبِ المُحْرِمَةُ، ولَا تَلْبَسِ القُفَّازَيْنِ (بخاري) عَنِ ابْنِ عُمَرَ، عَنِ النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم قَالَ « الْمُحْرِمَةُ لاَ تَنْتَقِبُ وَلاَ تَلْبَسُ الْقُفَّازَيْنِ » . «ولاَ تنتقِبُ المرأةُ الحرامُ ولاَ تلبسُ القفَّازينِ» (صحيح النسائي)
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەجگە ئېھرام باغلىغان ئايالنىڭ يۈزىگە نىقاب تاقىشىنىڭ، قولىغا پەلەي كىيىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى سەھىھ ھەدىستە ئىسپاتلانغان.
يۇقارقى ھەدىستىن ھەجگە ئېھرام باغلىمىغان-نورمال ھالەتتىكى ئاياللارنىڭ ئادەتتە نىقاب ۋە پەلەي كىيىدىغانلىقى (رەسۇلۇللاھنىڭ تىلى بىلەن) ئوچۇق مەلۇملۇق، بۇنىڭدىن (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدىلا) ئاياللارنىڭ ئادەتتە نىقاب ۋە پەلەي كىيىدىغانلىقى ئومۇملاشقانلىقى ئېنىق. بۇ ھەدىستىن يەنە، ئۇلارنىڭ يۈزى ۋە قولىنى ياپىدىغانلىقى بىلنىشىگلىك. (ئىمام ئىبنى تەيمىييە «مەجمۇئۇل پەتىۋا» 15-جىلد، 371-، 372-بەتلەر)
بۇ ھەدىس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىپ، قولىغا پەلەي كىيىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا، ئاياللار ھەجدە نامەھرەملەر ئالدىدا يۈزىنى ئېچىۋېتەمدۇ؟ ياق، ئوخشاشلا ياپىدۇ.
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە ئېھرامدىكى چېغىمىزدا يولۇچىلار يېنىمىزدىن ئۆتەتتى. ئۇلار يېقىنلاپ كەلگەندە بىز جىلبابىمىزنى چۈشۈرۈپ يۈزىمىزنى يېپىۋالاتتۇق. ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەندە يۈزىمىزنى ئاچاتتۇق. (ئەبۇ داۋۇد 1833؛ ئىبنى ماجە 2935؛ ئىبنى خۇزەيمە ‹سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە› 4-203 تە سەھىھ دېگەن، ئەلبانى ‹جىلبابۇل مەرئەتىل مۇسلىمە› دە سەھىھ دېگەن) ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: كان الرُّكْبانُ يَمُرُّونَ بِنا ونحنُ معَ رسولِ اللهِ صلَّى اللهُ عليه وسلَّمَ مُحْرِماتٌ ، فإذا حاذَوا بنا أسْدَلَتْ إحدانا جِلْبابَها مِنْ رأسِها علَى وجهِها ، فإذا جاوَزونا كشَفْنَاهُ .
(بۈيۈك تابىئىن ئايال ئالىمەسى) فاتىمە بىنتى مۇنزىر چوڭ ئانىسى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ((كُنَّا نُغَطِّيَ وُجُوهَنَا مِنَ الرِّجَالِ، وَكُنَّا نَتَمَشَّطُ قَبْلَ ذَلِكَ فِي الْإِحْرَامِ)) «بىز (ئېھراملىق ھالىتىمىزدە) يات ئەرلەردىن يۈزىمىزنى ياپاتتۇق. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىھراملىق ھالىتىمىزدە چېچىمىزنى تارايتتۇق.» hedisim.om (سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە 4\203؛ ھاكىم: مۇستەدرەك 1668؛ ئىمام ھاكىم بۇ ھەدىسنى «بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان سەھىھ ھەدىس» دېگەن، ئىمام زەھەبىيمۇ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ باھالىغان. ئىمام ئەلبانى بۇ ھەدىسنى « في إرواء الغليل ٤/ ٢١٢» دە سەھىھ دېگەن)
* رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان بەزى خانىم – قىزلار رەسۇلۇللاھنىڭ «ھەج – ئۆمرىگە ئىھرام باغلىغان ئايال نىقاپ تاقىمىسۇن، پەلەي كىيمىسۇن» دېگەن سۆزىنى «ئاياللار ھەج – ئۆمرىدە يۈز ياپمايدىغان ئوخشايدۇ» دەپ چۈشىنىپ قالغان. شۇنداقلا ھەج – ئۆمرىدە چاچ چۈشۈرۈش چەكلىنىدىغان بولغاچقا، بەزى مۇسۇلمان خانىم – قىزلار ھەج ئۆمرىدە چاچ تارىساق، بەزى چاچلىرىمىز بېشىمىزدىن يۇلۇنۇپ چىقىپ كېتىدۇ، نەتىجىدە ھەج – ئۆمرىدە چاچ چۈشۈرۈش چەكلىمىسىگە رىئايە قىلمىغان بولىمىز دەپ ئويلاپ قالغان. نەتىجىدە، ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ شۈبھىنى يوق قىلىش، توغرا يولنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدىكى ساھابە خانىم – قىزلارنىڭ ئىھراملىق ھالەتتە يۈز يېپىشى لازىملىقىنى، چاچ تارىشى دۇرۇسلۇقىنى بىلدۈرۈپ يۇقىرىقىدەك دېگەن.
ئىمام شافىئىي «ئەلئۇم» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن، شۇنداقلا بۇ شافىي مەزھىبى ئالىملىرىنىڭمۇ ھۆكمىدۇر: «ئايال كىشىنىڭ (سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا) كېچىسى مېڭىشى مۇستەھەبتۇر. چۈنكى كېچىسى (بۇ ئىبادەتنى قىلىش) ئاياللارنى يات ئەرلەردىن تېخىمۇ يوشۇرىدۇ، ئەزالىرىنىڭ يات ئەرلەرگە كۆرۈنمەسلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ كېچسى سەئىي قىلىشى ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن پىتنىدىن تېخىمۇ ئۇزاق بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئايال كىشىنىڭ كۈندۈزى تاۋاپ قىلىشىمۇ جائىز. لېكىن، ھەج – ئۆمرە قىلغۇچى ئايال يۈزنى يېپىپ تۇرىدىغان رەخت قاتارلىقلارنى، يۈز تېرىسىگە چاپلىۋالمىغان ھالدا (بېشىنىڭ ئۈستىدىن ساڭگىلىتىش ئارقىلىق) يۈزىنى ياپىدۇ.» mujtehid.com ( المجموع شرح المهذب 8\75)
ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ۋە زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ نەۋرىسى، تابىئىن ئالىمە فاتىمە بىتنى مۇنزىر مۇنداق نەقىل قىلغان:
(زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ نەۋرىسى، ئايال تابىئىن ئالىمە) فاتىمە بىتنى مۇنزىر (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: ((كُنَّا نُخَمِّرُ وُجُوهَنَا وَنَحْنُ مُحْرِمَاتٌ، وَنَحْنُ مَعَ أَسْمَاءَ بِنْتِ أَبِي بَكْرٍ الصِّدِّيقِ)) «بىز ئېھراملىق ھالەتتە يۈزىمىزنى ياپاتتۇق. بىز (ئېھراملىق ۋە يۈز ياپقان ھالەتتە) ئەسما بىتنى ئەبۇ بەكرى سىددىق بىلەن بىللە ئىدۇق.» (مالىك: مۇۋەتتا 224، 724؛ ھاكىم: مۇستەدرەك 1\454؛) * ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ قىزى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا — فاتىمە بىنتى مۇنزىرنىڭ چوڭ ئانىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇشۇ ئەسەرنى نەقىل قىلغان فاتىمە بىنتى مۇنزىرنىڭ ئېرى ھىشام ئىبنى ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرنىڭمۇ چوڭ ئانىسىدۇر. (شرح الزرقاني على الموطأ ٢/٣٤٩) مۇۋەتتا مالىكنىڭ زەرقانى شەرھىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئىھراملىق ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ يۈزىگە ئەرلەرنىڭ قاراش پىتنىسى مەۋجۇتلۇقىنى بىلسە ياكى (يۈزىنى ئەرلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنى) تەخمىن قىلسا، يۈزىنى يېپىۋېلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دېگەن: ئەھلى ئىلىم ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ يۈزىگە قارىشىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن يۈزىگە كىيىمىنى سارقىتىپ يۈزىنى توسىۋالىدۇ. (شرح الزرقاني على الموطأ ٢/٣٤٩) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ئايال يۈزىنى نىقاب بىلەن، قولىنى پەلەي بىلەن ياپمايدۇ. ئىمام ئىبنى تەيمىييە قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئېيتقىنىدەك، رومىلى بىلەن يۈزىنى، كىيىمىنىڭ يېڭى قاتارلىقلار بىلەن قولىنى نامەھرەمدىن ياپىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى ئەۋرەتتۇر، ئەگەر ئۇ سىرتقا چىقسا شەيتان ئۇنىڭغا كۆز تىكىدۇ.» (تىرمىزى 1173؛ ئىبنى خۇزەيمە 3-93؛ ئىبنى ھىببان 2-412؛ تەبرانى ‹ئەلكەبىر› 10115؛ تەبرانى ‹ئەلئەۋسەت› 8096؛ بەززار؛ ئىبنى ئەدىي ‹ئەل كامىل› 3-423؛ سۇيۇتى‹جامىئۇسسەغىر› دە سەھىھ دېگەن) ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: وعن عبد الله عن النبي صلى الله عليه وسلم قال : » المرأة عورة فإذا خرجت استشرفها الشيطان » . رواه الترمذي ( 1173 ) .وقال الألباني في » صحيح الترمذي » ( 936 ) : صحيح .
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دېگەن: «ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشىدا ئايال كىشىنىڭ ھەممە يېرى ئەۋرەتتۇر، ھەتتا تىرنىقىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئىمام مالىكنىڭمۇ كۆز قارىشىمۇ مۇشۇنداق.»(مەجمۇئۇل فەتۋا ئىبنى تەيمىييە، 22-جىلد، 110-بەت)
ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:﴿وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَاعًا فَاسْأَلُوهُنَّ مِن وَرَاءِ حِجَابٍ﴾تەرجىمىسى: {ئەگەر سىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ (ئالماقچى) بولساڭلار، ھىجاب ئارقىسىدىن سوراڭلار.} [سۈرە ئەھزاب 53-ئايەت].
ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ھاجەت بولۇپ بىر نەرسە سوراش زۆرۈر بولسا ياكى بىرەر مەسىلە توغرىسىدا پەتىۋا سوراش كېرەك بولسا، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ سوراش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى، بۇ ھۆكۈمگە بارلىق مۇسۇلمان ئاياللار كىرىپ كېتىدۇ. شەرىئەتنىڭ ئەسلى قائىدىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمدىمۇ ئايال كىشىنىڭ ھەممە يىرى ئەۋرەت ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك؛ ئاياللارنىڭ بەدىنى ياكى ئاۋازى قاتارلىقلارنى، شەرئى ئېھتىياج ياكى جىددىي زۆرۈرىيەت بولمىغۇچە ئېچىىشى، ئاڭلىتىشى دۇرۇس بولمايدۇ. [تەپسىر قۇرتۇبى، 14 – جىلد، 227 – بەت)
ئىمام ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دېگەن:«…ئاياللار ئىھراملىق ھالەتتە بېشىنى ۋە چاچلىرىنى ياپىدۇ، يۈزىنى ياپمايدۇ. پەقەتلا، يات ئەرلەرنىڭ قارىشىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن باش كىيىمىنىڭ بىر قىسىمى بىلەن يۈزىنى ياپىدۇ.» (فەتھۇل بارى 4-57،58)پەتھۇلبارى 2-537-867-ھەدىس
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «بىرىڭلار بىرەر ئايالغا ئۆيلەنمەكچى بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىنى جەلپ قىلىدىغان تەرەپلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولغان تەقدىردە، ئۇنى كۆرۈشكە تىرىشسۇن!» دېدى. مەن بىر قىزنى نىكاھىمغا ئالماقچى بولدۇم ۋە يۇشۇرىۋېلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ۋە نىكاھىمغا ئېلىشقا تۈرۈتكە بولغان تەرەپلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن (ئۇنى) نىكاھمىغا ئالدىم. (ئەبۇ داۋۇد:2082؛ ئەلبانى ‹ھەسەن› دېگەن؛ جەمئۇلفەۋائىد 4104-نومۇرلۇق ھەدىس)
بۇ ھەدىستىنمۇ ئوخشاشلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە قىز ئاياللارنىڭ يۈزىنى ياپىدىغانلىقى ئېنىقلىشىدۇ. چۈنكى، ئەگەر قىز ئاياللار يۈزىنى ياپمايدىغان بولسا، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزى ئالماقچى بولغان قىزنى مۆكۈپ تۇرۇپ كۆرۈۋېلىشىغا ئورۇن قالمىغان، بەلكى ئوچۇق ئاشكارا كۆرگەن بولاتتى.
ئادەتتە يۈزىنى ياپىدىغان مۇئمىنە قىز ئاياللار نامەھرەملەر بولۇشى ئېھتىمالى يوق جايلاردا يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئالماقچى بولغان قىزمۇ نامەھرەم يوق دەپ قاراپ يۈزىنى ئېچىۋېتىپ يۈرگەن بىر ھالەتتە مۆكۈپ تۇرۇپ چاندۇرماستىن ئۇ قىزنى كۆرۈۋالغان. نامەھرەم بار جايدىمۇ يۈزىنى ئېچىۋېتىدىغان بولسا، يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ كۆرۈۋېلىشقا ھاجەت قالمىغان بولاتتى.
بەزى كىشىلەر ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرىكى يۈز ۋە قولنىڭ ئوچۇقلۇقىنى بىلدۈرىدىغان بەزى ھەدىسلەرنى كەلتۈرۈپ يۈز يېپىش پەرز ئەمەس، سۈننەت دېيىشىدۇ.
ھەججەتۇل ۋىدادىكى خەئسەمىيەلىك ئايالغا فەزل ئىبنى ئابباسنىڭ قارىغانلىقىنى دەلىل قىلىشىپ، يۈزى ئوچۇق بولمىسا نەرىگە قارايدۇ، نېمىشقا چىرايلىق ئايال دەيدۇ، دەپ ئۆزىنىڭ شەخسىي چۈشەنچىسىنى دەلىل قىلىۋالىدۇ. ھالبۇكى ئاشۇ ھەدىستىمۇ ئايال كىشىنىڭ يۈزى ئوچۇق ئىدى، دەيدىغان بىر ئېغىزمۇ سۆز يوق. ھىجاپ ئايىتى چۈشكەندىن كېيىن ئاياللارنىڭ دەرھال يۈزىنى ياپقانلىقى ھەققىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر يۇقىرىدا زىكىر قىلىندى. ئەمما، يۈز يېپىش سۈننەت دېگەنلەر ھىجاپ ئايىتى نازىل بولغاندىن كېيىن ساھابە ئانىلىرىمىزنىڭ يۈزىنى ياپقانلىقى توغرىسىدىكى ئوچۇق سەھىھ ھەدىسلەرنى، ئۇ ھەدىسلەردىكى «يۈزۈمنى ياپتىم»، «يۈزىمىزنى ياپتۇق» دېگەن ئوچۇق كەلىمىلەرگە ئەھمىيەت بەرمەي، ھەججەتۇل ۋىدادا رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ سوئال سورىغان خەئسەمىيەلىك ئايالنىڭ «يۈزى ئوچۇق ئىدى» دەيدىغان ئېنىق بايان يوق تۇرسىمۇ، فەزل قارىغان ئاشۇ ئايالنىڭ يۈزى ئوچۇق ئىدى، دەپ ھەدىسكە ئۆز رەيىنى قوشۇۋېلىپ تۇرۇپ، خاتا ھۆكۈم چىقارغان ۋە كۆپ پىتنىلەرگە سەۋەب بولغان.
ھىجرەتنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ـــ ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى ـــ ئاياللارنىڭ يۈزىنى ياپمايدىغانلىقىغا، ئەرلەرنىڭ ئۇلارغا قارايدىغانلىقىغا دەلىل:
ئىبراھىم ئىبنى سەئد دادىسىدىن، ئۇ چوڭ دادىسىدىن مۇنداق ھەدىس بايان قىلىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەدىنىگە كەلگەندە ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف بىلەن سەئد ئىبنى رابىئەنى قېرىنداش قىلىپ قويدى. سەئىد ئىبنى رەبىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «مەن ئەنسارىلار ئارىسىدا ئەڭ مالدار ئادەممەن. مېلىمنى ئىككىگە بۆلۈپ (يېرىمىنى ساڭا بېرىمەن)؛ ئىككى ئايالىم بار. قارىغىن، قايسىسىنى بەك ياقتۇرساڭ ماڭا دېگەن، مەن ئۇنى تالاق قىلاي. ئىددىتى توشقاندا ئۇنى نىكاھلاپ ئالساڭ بولىدۇ» دېدى.
ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف «ئاللاھ ئائىلەڭگىمۇ، مېلىڭغىمۇ بەرىكەت بەرسۇن. بازىرىڭلار نەدە؟» دېدى.
ئۇنىڭغا بەى قەينۇقانىڭ بازىرىنى كۆرسىتىپ قويدى. ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف بازاردىن بىر ئاز پىشلاق ۋە ياغ بىلەن قايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن بازارغا ئەتىگە بېرىشنى داۋاملاشتۇردى. كۈنلەردىن بىرىدە ئۇچىسىدا زەفران ئىزى بولغان ھالەتتە (رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا) كەلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «نېمە ئىش بولدى؟» دېۋىدى، ئابدۇرراھمان «ئۆيلەندىم» دېدى. رەسۇلۇللاھ «ئايالىڭغا قانچىلىك مەھر ھەققى بەردىڭ» دەپ سورىۋىدى، ئابدۇرراھمان «بىر چېكەتكىچىلىك كېلىدىغان ئالتۇن» (ياكى چېكەتكە ئېغىرلىقىچىلىك كېلىدىغان ئالتۇن) دېدى.(راۋىي ئىبراھىم ھەدىس بايان قىلغان بۇ جەھەتتە ئىككىلىنىپ قالدى.) (بۇخارى 3780) [فەتھۇلبارى: سەئد ئىبنى رەبىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوھۇد كۈنى شەھىد بولدى.]
ھەدىستە، سەئىد ئىبنى رەبىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «… ئىككى ئايالىم بار. قارىغىن، قايسىسىنى بەك ياقتۇرساڭ ماڭا دېگىن، مەن ئۇنى تالاق قىلاي. ئىددىتى توشقاندا ئۇنى نىكاھلاپ ئالساڭ بولىدۇ» دېگەن ئابدۇرراھمان ئەۋفكە ئايالىغا قاراشنى تەۋسىيە قىلغان. ھەم، قاراشتىكى مەقسەدنىڭ ياقتۇرۇش ئۈچۈن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ھەدىستىكى بۇ ۋەقەلىك رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە يېڭى ھىجرەت قىلغان چاغ ئىدى. بۇ دەۋردە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھېچبىرى يۈزىنى ياپمايتتى. بۇ ھەدىس ھىجرەتتىن ئىلگىرى ئاياللارنىڭ يۈزىنى ياپمايدىغانلىقىغا ئېنىق دەلىل بولىدىۇ. ئۈستىدىكى باشقا ھەدىسلەر بولسا ھىجاب ئايىتى نازىل بولغاندىن كېيىن ھۆر مۆمىنە ئاياللارنىڭ بىردەك يۈزىنى ياپقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.. بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھىجاب ئايىتىدىن كېيىن تولۇق ھىجابلىنىش، يۈزنى قوشۇپ يېپىش پەرز بولغان. ھىجاب ئايىتى ھىجرەتنىڭ ئۈچىنچى يىلى نازىل بولغان.
ئايال كىشىنىڭ يۈزى ئوچۇقلىقىنى ئېنىق كۆرسەتكەن ھەر قانداق سەھىھ ھەدىس ھىجاب ئايىتىدىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ۋەقەلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.
