شەۋۋال ئېيىدا تۇتۇلغان ئالتە كۈنلۈك روزىنى قايسى ۋاقىتتا تۇتۇش ئەڭ ئەۋزەل؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن

شەۋۋال ئېيىدا تۇتۇلغان ئالتە كۈنلۈك روزىنى قايسى ۋاقىتتا تۇتۇش ئەڭ ئەۋزەل؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلدى

   440-سۇئال: شەۋۋال ئېيىدا تۇتۇلغان ئالتە كۈنلۈك روزىنى قايسى ۋاقىتتا تۇتۇش ئەڭ ئەۋزەل؟

   جاۋاب: ئالىملارنىڭ بىلدۈرگىنىدەك شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى روزا ھېيىتتىن كېيىنلا تۇتۇش ۋە ئارقا-ئارقىدىن ئۇلاپ تۇتۇش تېخىمۇ پەزىلەتلىك. چۈنكى ھەدىستە دېيىلگىنىدەك «كېيىن، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن» بۇيرۇقىنى ئورۇنداشقا تېخىمۇ مۇۋاپىق. بۇ شەرئىي دەلىللەر تەشۋىق قىلغان شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتۇش، مەدھىيىلەنگەن ياخشىلىققا ئېرىشىش ماقامى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۆمىن كىشىنىڭ كامىل ئىمانىنى كۆرسىتىدىغان بىر قەتئىيلىكتۇر. شۇنداق ئىكەن پۇرسەتلەرنى قاچۇرپ قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى كىشى كېيىن بېشىغا نېمە ئىش كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇنى دەيمەنكى:

پۈتۈن ئىشلىردا توغرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان ۋاقىتتا بەندىنىڭ قىلىشى كېرەك بولغىنى ئۇ ئەمىلىنى تېزدىن قىلىشى ۋە پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتىشىدۇر. (ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ «ئىسلامنىڭ ئەركانلىرىغا ئائىت پەتىۋالار» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ