تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى كېلەركى رامىزانغا قەدەر تۇتمىغان كىشىنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
439-سۇئال: تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى كېلەركى رامىزانغا قەدەر تۇتمىغان كىشىنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟
جاۋاب: ئاللاھ تائالا مۇنداق بۇيرىغان:« سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن. كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا، تۇتالمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ،تەسلىكنى ئەمەس.(سۈرە بەقەرە185-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) شەرئى ئۆزۈر سەۋەپلىك روزا تۇتلمىغان كىشى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنداش ئۈچۈن روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇنۇڭغا بۇ روزىنى شۇ يىل ئىچىدە قازاسىنى قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. كېلەركى زامىزانغا قەدەر كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئائىشە رەزىيەللەھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:«بەزىدە تۇتالمىغان رامىزان روزىلىرىمنىڭ قازاسىنى تۇتۇۋېلىشقا قادىر بولالمايتىم. پەقەت شائبان ئېيىدىلا تۇتۇۋالالايتىم.» (بۇخارى 441) ئائىشە رەزىيەللەھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بولغان ئېھتىياجلىرى سەۋەپلىك رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى شەئبان ئېيىغا قەدەر تۇتالمايتى.«مەن بۇ قازا روزىنى تۇتۇشقا قادىر بولالمايتىم، پەقەت شەئبان ئېيىدىلا تۇتۇۋالالايتىم» دېگەن بۇ سۆزى كېلەركى رامىزان كېلىشتىن ئىلگىرى رامىزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتۇشقا دەلىلدۇر. پەقەت كېيىنكى رامىزاندىن قالغان قازا روزىنى كەينىگە كېچىكتۈرگەن ۋاقىتتا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىشى، تەۋبە قىلىشى ۋە قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىشى تېزدىن شۇ كۈندىن ئېتىبارەن روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك. چۈنكى قازا روزىنى كېچىكتۈرۈش سەۋەپلىك ئۇ گەدەندىن ساقىت بولۇپ كەتمەيدۇ. رامىزان روزىسىنىڭ قازاسى يىل ئاتلاپ كەتسە كىشى قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ تەۋبە قىلغاندىن ئېتىبارەن دەرھال ئۇ روزىسىنى تۇتۇشى ۋاجىپ بولىدۇ. مۇۋاپىقىيەت ئاللاھتىندۇر. (ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ «ئىسلامنىڭ ئەركانلىرىغا ئائىت پەتىۋالار» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى)
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى