رامزان روزىسىنى تۇتالماستىن ۋاپات بولۇپ كەتكۈچىنىڭ روزىسى ھەققىدىكى پەتىۋا
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
ھەدىس خەىنىسى تورى تەرجىمە قىلدى
438-سوئال: رامىزان روزىسىنى تۇتالمىغان ۋە رامىزان ئېيى چىقىپ تۆت كۈندىن كېيىن ۋاپات بولغان كېسەلنىڭ تۇتالمىغان روزىلىرىنى ئۇنىڭ نامىدا قازاسىنى قىلىش كېرەك بولامدۇ؟
جاۋاب: ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كېسەللىك كۈتۈلمىگەن بىر شەكىلدە كەلگەن كېسەللىكلەردىن بىرى بولۇپ تاكى ئۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر داۋاملاشقان تەقدىردە يېقىنلىرى ئۇنىڭ نامىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن قازاسىنى قىلمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ:«سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا، تۇتالمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ،تەسلىكنى ئەمەس.(سۈرە بەقەرە185-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) بۇ كېسەل كىشىنىڭ تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنى
ڭ قازاسىنى باشقا كۈنلەردە قىلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇنۇڭغا ئىمكانىيىتى بولماستىن ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، قازا روزىسىنى تۇتۇش ئۇنىڭ بوينىدىن ساقىت بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى كېسەل بولغانلىقى ئۈچۈن قازا روزىسىنى تۇتۇش ئۇنۇڭغا ۋاجىپ بولغان ۋاقىتقا ئۇلىشالمىغان. بۇ كىشى بەئەينى شەئبان ئېيىدا ۋاپات بولغان كىشىگە ئوخشاشتۇر. شەئبان ئېيىدا ۋاپات بولغان كىشىگە كەلمەكچى بولغان رامىزاننىڭ روزىسى پەرىز ئەمەس. بىراق، كېسەللىك ياخشىلىنىشتىن ئۈمۈد ئۈزۈلگەن كېسەللىكلەر تۈرىدىن بولغان چاغدا، كېسەل كىشىنىڭ تۇتالمىغان ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن پېقىرغا تويغۇدەك تائام بېرىشى پەرىز بولىدۇ. (ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ «ئىسلامنىڭ ئەركانلىرى ھەققىدىكى پەتىۋالار» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى)