55. سۈرە رەھماننىڭ چۈشىنىشلىك تەرجىمە تەپسىرى

سۈرە رەھمان

مەككىدە نازىل بولغان، 78 ئايەت

فۇرقان دەۋەت مەركىزى

سۈرە رەھمان مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ «مۇھەممەدكە قۇرئاننى بىر ئىنسان ئۆگىتىدۇ» دەپ تۆھمەت قىلىشىدىن كېيىن نازىل بولغان. — تەپسىر بەغەۋى

بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ

الرَّحْمَٰنُ

1. ئەرراھمان (رەھمان — ئاللاھنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىسىملىرىدىن بىرىدۇر.)

عَلَّمَ الْقُرْآنَ

2. (پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە1 ۋە ئۆزى تاللىغان بەندىلىرىگە2) قۇرئاننى (ھەم لەۋزى، ھەم مەنالىرى بىلەن قوشۇپ3) ئۆگەتتى.

خَلَقَ الْإِنسَانَ

3. ئىنساننى (ئەڭ گۈزەل شەكىلدە، ئەزالىرىنى مۇكەممەل، ئورگانلىرىنى بېجىرىم ھالەتتە1) ياراتتى،

عَلَّمَهُ الْبَيَانَ

4. ئىنسانغا باياننى (يەنى كاللىسىدىكى پىكىر چۈشەنچىلىرىنى يېزىش ۋە سۆزلەش ئارقىلىق ئىپادىلەشنى1) ئۆگەتتى.

الشَّمْسُ وَالْقَمَرُ بِحُسْبَانٍ

5. قۇياش بىلەن ئاي (مېھرىبان ئاللاھنىڭ بەلگىلىگىنى بويىچە1) مۇئەييەن ھېسابقا بىنائەن ھەرىكەت قىلىدۇ. (ئىككىلىسى ئۆزىگە بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئاشمايدۇ، يۆنىلىشىدىن قېيىپ كەتمەيدۇ.2 ھەر ئىككىسى بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغىنى بويىچە كائىناتتا ئايلىنىپ تۇرىدۇ.3)

وَالنَّجْمُ وَالشَّجَرُ يَسْجُدَانِ

6. (ئاسماندىكى1) يۇلتۇزلارمۇ، (يەردىكى2) دەل-دەرەخلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەرمۇ ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ. (دەل-دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سەجدە قىلىشى— بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە بەلگىلەنگەن ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشتا ئاللاھقا ئىتائەت بىلەن بويۇن  ئېگىشىدۇر.3)

* بەزى مەشھۇر سەلەپ مۇپەسسىرلىرى «دەل-دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قۇياش چىققاندا قۇياشقا يۈزلىنىپ، ئۆزىگە سايە چۈشكەنگە قەدەر قۇياشقا ماسلىشىشىمۇ ئاللاھقا سەجدە قىلىشى ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.4

وَالسَّمَاءَ رَفَعَهَا وَوَضَعَ الْمِيزَانَ

7. ئاللاھ ئاسمانلارنى يۈكسەك قېلىپ ياراتتى، مىزاننى (يەنى ھەر ئىش ۋە نەرسىدە ئۆلچەمنى، تارازىنى؛ شۇنداقلا ئادالەتنى روياپقا چىقىرىدىغان ھەقىقەت پىرىنسىپلىرىنى1) بەرپا قىلدى.

أَلَّا تَطْغَوْا فِي الْمِيزَانِ

8. (ئى ئىنسانلار!1) ئادالەتتىن2 چەتنىمەڭلار3. (بىر-بىرىڭلارغا ئادالەتلىك بولۇڭلار.4)

وَأَقِيمُوا الْوَزْنَ بِالْقِسْطِ وَلَا تُخْسِرُوا الْمِيزَانَ

9. (ئالغاندا ۋە بەرگەندە) ئۆلچەم-تارازىنى ئادالەت بىلەن توغرا ئۆلچەڭلار، (باشقىلار ئۈچۈن ئۆلچىگەن ۋە تارازىغا تارتقان چېغىڭلاردا1) تارازىدا (ۋە ئۆلچەمدە) كەم ئۆلچىمەڭلار.

وَالْأَرْضَ وَضَعَهَا لِلْأَنَامِ

10. (ئاسماننى بەندىلەرنىڭ راھەت ياشىشى، شاماللارنىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئېگىز ياراتقان1) ئاللاھ زېمىننى (زېمىندا ياشايدىغان جىمى2) جان ئىگىلىرى (نىڭ مەنپەئەتى) ئۈچۈن پەس قىلدى.

فِيهَا فَاكِهَةٌ وَالنَّخْلُ ذَاتُ الْأَكْمَامِ

11. زېمىندا مېۋىلىك دەرەخلەر ۋە ساپاق-ساپاق خورمىلارنى چىقىرىدىغان خورما دەرەخلىرى بار.

وَالْحَبُّ ذُو الْعَصْفِ وَالرَّيْحَانُ

12. (زېمىندا يەنە) غولى بار زىرائەتلەر، خۇشپۇراق گۈل-گىياھلار بار.

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

13. (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

خَلَقَ الْإِنسَانَ مِن صَلْصَالٍ كَالْفَخَّارِ

14. ئاللاھ ئىنساننى ساپالدەك قۇرىغان لايدىن ياراتتى.

وَخَلَقَ الْجَانَّ مِن مَّارِجٍ مِّن نَّارٍ

15. جىنلارنى (يەنى جىنلارنىڭ ئەجدادى ئىبلىسنى1) تۈتۈنسىز ئوت يالقۇنىدىن ياراتتى.

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ 

16. (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

رَبُّ الْمَشْرِقَيْنِ وَرَبُّ الْمَغْرِبَيْنِ

17. ئاللاھ ئىككى شەرقنىڭ ۋە ئىككى غەرپنىڭ رەببىدۇر. (يەنى قۇياش بىلەن ئاينىڭ يازدىكى ۋە قىشتىكى چىقىدىغان يېرى بىلەن يازدىكى ۋە قىشتىكى پاتىدىغان يېرىنىڭ رەببىدۇر.1)

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

18. (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

مَرَجَ الْبَحْرَيْنِ يَلْتَقِيَانِ

19. ئاللاھ ئىككى دېڭىزنى (يەنى تاتلىق سۇ بىلەن تۇزلۇق سۇنى1) بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغان قىلىپ ئاققۇزدى، 

(تاتلىق سۇ — دەريا ئۆستەڭلەرنىڭ سۈيىدۇر. تۇزلۇق سۇ — دېڭىزنىڭ سۈيىدۇر.2)

بَيْنَهُمَا بَرْزَخٌ لَّا يَبْغِيَانِ

20. (قارىماققا بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقان بۇ ئىككى دېڭىز ئارىسىدا ئارىلىشىپ كېتىشىنى چەكلەيدىغان توسۇق يوق.1 ئەمەلىيەتتە) ئىككى دېڭىز سۈيى ئارىسىدا توسۇق بار بولۇپ، (بۇ سەۋەبلىك) ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ.

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

21. ئۇنداق ئىكەن، (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

يَخْرُجُ مِنْهُمَا اللُّؤْلُؤُ وَالْمَرْجَانُ

22. ئۇ ئىككى دېڭىزدىن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن) ئۈنچە ۋە مارجانلار چىقىدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: يامغۇر ياغقاندا قۇلۇلىلەر دېڭىزدا ئېغزىنى ئېچىپ تۇرىدۇ. قۇلۇنىڭ ئاغزىغا چۈشكەن ھەر بىر تامچە يامغۇر سۈيى ئۈنچە-مەرۋايىت بولىدۇ.1 

بۇ خىل زىننەت ئەشيالىرى ئىنسانلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن بىرىدۇر، شۇڭا ئاللاھ مۇنداق دېگەن2:

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

23. ئۇنداق ئىكەن، (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

وَلَهُ الْجَوَارِ الْمُنشَآتُ فِي الْبَحْرِ كَالْأَعْلَامِ

24. دېڭىزدا ئۈزۈپ كېتىۋاتقان تاغدەك ئېگىز1 كېمىلەر ئاللاھنىڭدۇر. (يەنى ئاللاھنىڭ ئىلىكىدىدۇر ۋە ئاللاھنىڭ دەريا-دېڭىز سۇلىرىنى دېڭىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنى لەيلىتىدىغان خۇسۇسىيەتتە يارىتىشى ئىنسانلارغا قىلغان بۈيۈك نېمەتلىرىدىندۇر. ئىنسانلار كېمىلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە لازىملىق تۈرلۈك لازىمەتلىكلەرنى بىر يۇرتتىن باشقا بىر يۇرتقا ئاسانلا توشۇپ ئاپىرالايدۇ. بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلارمۇ دېڭىز ترانسپورتى تىجارىتى ئارقىلىق كىرىمگە ئېرىشىدۇ.2)

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

25. ئۇنداق ئىكەن، (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

كُلُّ مَنْ عَلَيْهَا فَانٍ

26. (ئىي ئىنسانلار! لېكىن شۇنى بىلىڭلار ۋە ئۇنۇتماڭلاركى1 يۇقىرىدا بىز ساناپ ئۆتكەن زېمىندىكى نېمەتلەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا) زېمىندىكى بارچە مەخلۇقات ۋە مەۋجۇدات يوق بولىدۇ.

وَيَبْقَىٰ وَجْهُ رَبِّكَ ذُو الْجَلَالِ وَالْإِكْرَامِ 

27. پەقەتلا ئۇلۇغلۇقى ۋە كاتتىلىقى (ھەممىگە) ئايان؛ ئۇلۇغلىنىشقا ۋە ھۆرمەت كۆرسىتىلىشكە ئەڭ لايىق بولغان ئاللاھنىڭ يۈزى مەڭگۈ قالىدۇ.1

بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتقا ئوخشىمايدىغان يۈزى بارلىقى ئىسپاتلانغاندۇر. ئاللاھنىڭ يۈز سۈپىتى بۇرمىلىنىپ باشقا مەنە بېرىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ مەيلى يۈز سۈپىتىنىڭ ياكى باشقا سۈپەتلىرىنىڭ قانداقلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ.2 مۆمىنلەرنىڭ جەننەتتە ئاللاھنىڭ گۈزەل يۈزىنى كۆرىدىغانلىقى ساھابە-تابىئىن باشچىلىقىدىكى ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىنىڭ ئىجمائىدۇر.

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

28. ئۇنداق ئىكەن، (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

يَسْأَلُهُ مَن فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ كُلَّ يَوْمٍ هُوَ فِي شَأْنٍ

29. ئاسمانلاردىكى زېمىنىدىكى جىمى مەخلۇقات ۋە مەۋجۇدات (ھەر زامان ئاللاھقا موھتاجدۇر1، ھاجەتلىرىنى مەيلى سۆز، مەيلى ھالەتلىرى ئارقىلىق2) ئاللاھتىن تىلەيدۇ. ئاللاھ ھەر كۈنى بىر ئىشتىدۇر. 

(ئاللاھ ھەر كۈنى دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئەسىرنى قۇتقۇزىدۇ، كېسەلگە شىپا بېرىدۇ، بوۋاقلارنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىدۇ، بەزى ئىنسانلارنى ئەزىز قىلىپ، بەزى ئىنسانلارنى خار قىلىدۇ، بەزىسىگە مەغلۇبىيەت بېرىپ، بەزىسىنى غەلبىگە ئېرىشتۈرىدۇ. بەزىلەرنى ساقايتىپ، بەزىلەرنى كېسەل قىلىدۇ. ئاسمان زېمىندىكى تۈرلۈك تۈمەن ئىش-ھادىسىلەرنى كونترول قىلىپ، باشقۇرۇپ تۇرىدۇ.3)

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

30. ئۇنداق ئىكەن، (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

سَنَفْرُغُ لَكُمْ أَيُّهَ الثَّقَلَانِ

31. ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! يېقىندا (يەنى قىيامەت كۈنى) سىلەردىن ھېساب ئېلىشقا يۈزلىنىمىز.

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

32. ئۇنداق ئىكەن، (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ وَالْإِنسِ إِنِ اسْتَطَعْتُمْ أَن تَنفُذُوا مِنْ أَقْطَارِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ فَانفُذُوا ۚ لَا تَنفُذُونَ إِلَّا بِسُلْطَانٍ

33. ئىي جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائىتى! (قىيامەت كۈنى سىلەردىن ھېساب ئېلىشقا يۈزلەنگىنىمىزدە، ئاللاھنىڭ شىددەتلىك جازاسىغا ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن1) ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ چېگرىلىرىدىن چىقىپ (قېچىپ2) كېتىشكە كۈچۈڭلار يەتسە، شۇنداق قىلىڭلار. لېكىن سىلەر (ئاللاھتەك تەڭداشسىز كۈچ ۋە3) سەلتەنەتكە ئىگە بولمىغۇچە بۇنداق قىلىشقا قادىر بولالمايسىلەر. (سىلەر ئاللاھنىڭ ھاكىمىيىتىدىن ۋە تەقدىرىدىن قاچالمايسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى تامامەن قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.4)

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

34. ئۇنداق ئىكەن، (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

يُرْسَلُ عَلَيْكُمَا شُوَاظٌ مِّن نَّارٍ وَنُحَاسٌ فَلَا تَنتَصِرَانِ

35. (قىيامەت كۈنى قاچماقچى بولساڭلار قاتتىق قول پەرىشتىلىرىمىز تەرىپىدىن1) سىلەرگە (قارشى) ئوت يالقۇنى ۋە ئېرىتىلگەن مىس ھازىر قىلىنىدۇ2. (قېچىشىڭلارغا ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىغا قارشى) سىلەرگە ياردەممۇ بېرىلمەيدۇ.

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

36. ئۇنداق ئىكەن، (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

فَإِذَا انشَقَّتِ السَّمَاءُ فَكَانَتْ وَرْدَةً كَالدِّهَانِ

37. (قىيامەت كۈنى) ئاسمان يېرىلىدۇ، ئاسمان (دوزاخ ئوتىنىڭ دەھشەتلىك قىززىقى سەۋەبلىك، ئەسلىدىكى كۆك رەڭگىنى يوقىتىپ1) قىزىل گۈل رەڭگىدە بولۇپ قالىدۇ.

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

38. ئۇنداق ئىكەن، (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

فَيَوْمَئِذٍ لَّا يُسْأَلُ عَن ذَنبِهِ إِنسٌ وَلَا جَانٌّ

39. قىيامەت كۈنى ئىنسانلاردىنمۇ، جىنلاردىنمۇ (دۇنيادا قىلغان) گۇناھلىرى سورالمايدۇ. 

(يەنى پەرىشتىلەر ئاسىي، كاپىرلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن سوراپ يۈرمەيدۇ. چۈنكى، كېيىنكى ئايەتتە دېيىلگىنىدەك، ئۇلار چىرايىدىن تونۇلىدۇ. كاپىرلارنىڭ چىرايى قارا، كۆزلىرى كۆك ھالەتتە بولىدۇ.1 پەرىشتىلەر گۇناھلىرىنى بىلىش ئۈچۈن سورىمايدۇ. سورىسا ئازارلاش ۋە تەنە قىلىش ئۈچۈن سورايدۇ.2)

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

40. ئۇنداق ئىكەن، (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

يُعْرَفُ الْمُجْرِمُونَ بِسِيمَاهُمْ فَيُؤْخَذُ بِالنَّوَاصِي وَالْأَقْدَامِ

41. گۇناھكارلار يۈزلىرىدىن (يەنى يۈزلىرىنىڭ قارا، كۆزلىرىنىڭ كۆك بولۇشىدىن1) تونۇلىدۇ. (بېلى قاتلىنىپ2) پېشانىسى پۇتلىرى بىلەن جەم قىلىنىپ3 (زەنجىر بىلەن4) باغلىنىدۇ (يەنى دولىسىدىن زەنجىر ئۆتكۈزۈلۈپ پۇتلىرى بىلەن قوشۇپ باغلىنىدۇ ۋە بۇ ھالەتتە دوزاخقا تاشلىنىدۇ.5)

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

42. ئۇنداق ئىكەن، (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

هَٰذِهِ جَهَنَّمُ الَّتِي يُكَذِّبُ بِهَا الْمُجْرِمُونَ

43. (ئۇلارنى رەسۋا قىلىش، تەنە قىلىش، خار قىلىش يۈزىسىدىن1) «مانا بۇ گۇناھكارلار يالغانغا چىقارغان دوزاختۇر» دېيىلىدۇ.

يَطُوفُونَ بَيْنَهَا وَبَيْنَ حَمِيمٍ آنٍ

44. ئۇلار بىرىدە دوزاخ ئوتىدا كۆيدۈرۈلۈپ، بىرىدە چىدىغۇسىز قايناق سۇغا تاشلىنىپ جازالىنىدۇ.1

* بۇ قايناق سۇ ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقاندىن باشلاپ قايناۋاتقان سۇ بولۇپ، ھارارىتى چىدىغۇسىز دەرىجىدە يۇقىرى. دوزاخنىڭ قاتتىق قول پەرىشتىلىرى دوزاخ ئەھلىنى تۇتۇپ مۇشۇ يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇغا يۈزىچىلەپ ئاتىدۇ، نەتىجىدە گۆشلىرى ئېرىپ، سۆڭىكى بىلەن كۆزىلا قېلىپ قالىدۇ.2

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

45. (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

وَلِمَنْ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِۦ جَنَّتَانِ

46. رەببىنىڭ ھوزۇرىدا ھېساب بېرىش ئۈچۈن تۇرۇشتىن قورققان (بۇ سەۋەبلىك، دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتنىڭ ئالدىغا قويىۋالماستىن، ئاخىرەتنىڭ دۇنيادىن خەيرلىك ۋە مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئاللاھ ۋە رەسۇلى پەرز قىلغان ئىبادەتلەرنى تاشلاپ قويماي كامىل ئورۇندىغان، تۈرلۈك ھاراملاردىن يانغان1) كىشى ئۈچۈن (قىيامەت كۈنى2) ئىككى جەننەت بار.

بۇ ئىككى جەننەت — ئەدن جەننىتى بىلەن نەئىيم جەننىتىدۇر.3

بۇ كىشى — ئاللاھنىڭ ئۆزىنى كۆزىتىپ تۇرغانلىقىنى ھەر دائىم ئېسىدە تۇتۇپ، مەيلى مەخپىي، مەيلى ئاشكارا ھالەتتە بولسۇن پەقەت ئاللاھتىن قورققانلىقى ئۈچۈنلا ھارامدىن ئۇزاق تۇرغان؛ قىلغان ياخشى ئەمىلىنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا قىلىپ، ئەمىلىنى ئاللاھقىلا بىلدۈرگەن، بۇ ۋەجىدىن قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمىغان كىشىدۇر.4

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

47. (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

ذَوَاتَآ أَفْنَانٍۢ

48. (بۇ ئىككى جەننەت) دەرەخلىرىنىڭ (ھېچبىر كۆز كۆرمىگەن، ھېچبىر قۇلاق ئاڭلىمىغان، ھېچبىر ئىنسان خىيال قىلىپ باقمىغان، كۆرۈنۈشى ئىنتايىن گۈزەل، تەمى بەكمۇ لەززەتلىك مېۋىلەر بىلەن تولغان، بۈك-باراقسان1) شاخلىرى بار.

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

49. (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

فِيهِمَا عَيْنَانِ تَجْرِيَانِ

50. بۇ ئىككى جەننەتتە ئېقىپ تۇرىدىغان ئىككى بۇلاق بار. (بۇلاقلاردىن بىرىنىڭ ئىسمى تەسنىم، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى سەلسەبىلدۇر.1)

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

51. (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

فِيهِمَا مِن كُلِّ فَاكِهَةٍ زَوْجَانِ

52. ئىككى جەننەتتە تۈرلۈك مېۋىلەردىن ئىككى جۈپتتىن بار.

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

53. (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

مُتَّكِئِينَ عَلَىٰ فُرُشٍ بَطَائِنُهَا مِنْ إِسْتَبْرَقٍ ۚ وَجَنَى الْجَنَّتَيْنِ دَانٍ

54. (بۇ ئىككى جەننەت ئاھالىسى) ئالتۇن يىپتىن توقۇلغان قېلىن يىپەك رەختتىن1 تەييارلانغان  ئەستىرى بار سېلىنچىلاردا يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ (ۋە ئوڭدا ياتىدۇ2.) جەننەتنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزۈپ ئېلىشى ئاساندۇر. (جەننەت ئەھلى جەننەت مېۋىلىرىنى قايسى ھالەتتە بولسا شۇ ھالەتتە ئۈزۈپ ئالالايدۇ. مەيلى ئۆرە تۇرغان، مەيلى ئولتۇرغان، مەيلى ياتقان ھالەتتە ئۈزۈپ ئالالايدۇ.3)

 سېلىنچا-تۆشەكلەرنىڭ ئەستىرى بۇنچىۋالا ئۈستۈن بولسا، تاش قىسىمى \ يۈز قىسىمى قانچىلىك ئېسىلدۇ-ھە!4

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

55. ئۇنداق ئىكەن، (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

فِيهِنَّ قَاصِرَاتُ الطَّرْفِ لَمْ يَطْمِثْهُنَّ إِنسٌ قَبْلَهُمْ وَلَا جَانٌّ

56. بۇ تۆشەكلەردە1 (ئېرىگە بولغان كامىل مۇھەببىتى ۋە چوڭقۇر سۆيگۈسى سەۋەبلىك2) ئېرىدىن باشقىغا قارىمايدىغان، ئىلگىرى ھېچبىر ئىنسان ياكى جىن يېقىن كېلىپ باقمىغان (جەننەتتە يارىتىلغان2) ھۆرلەر بار.

ھۆرلەر — گۈزەللىكتە تەڭداشسىز، بەدىنىنىڭ ئاقلىقى ئەڭ ئۈستۈن سەۋىيەدە، كۆزلىرى چوڭ، كۆزىنىڭ ئېقى بەك ئاق، كۆزىنىڭ قارچۇغى بەك قارا، خۇمار كۆزلۈك جەننەت ئاياللىرىدۇر.3 

جەننەت ھۆرلىرى جەننەتتىكى ئېرىگە شۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، جەننەتتە سەندىنمۇ گۈزەل باشقا بىر نېمەت كۆرمىدىم. مەن جەننەتتە سەندىن بەك ياخشى كۆرىدىغان باشقا ھېچبىر نېمەت يوق. سېنى ماڭا بەرگەن ئاللاھقا، مېنى ساڭا بەرگەن ئاللاھقا ھەمدۇ سانا بولسۇن.»4

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

57. ئۇنداق ئىكەن، (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

كَأَنَّهُنَّ الْيَاقُوتُ وَالْمَرْجَانُ

58. بۇ ھۆرلەر (سۈزۈكلۈكتە1) ياقۇتتەك، (ئاقلىقتا2) مارجاندەك (تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەلدۇر.)

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

59. ئۇنداق ئىكەن، (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

هَلْ جَزَاءُ الْإِحْسَانِ إِلَّا الْإِحْسَانُ

60. (دۇنيادا قىلىنغان) ياخشىلىقنىڭ جاۋابى (يەنى مۇكاپاتى) پەقەتلا ياخشىلىق ئەمەسمۇ؟ (يەنى، دۇنيادا سالىھ ئەمەل قىلغان مۆمىنگە ئاخىرەتتە <مانا مۇشۇنداق> ياخشى مۇكاپاتلار بار ئەمەسمۇ؟1)

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

61. ئۇنداق ئىكەن، (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

وَمِن دُونِهِمَا جَنَّتَانِ

62. يۇقىرىقى ئىككى جەننەتتىن تۆۋەنراق يەنە ئىككى جەننەت بار.

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

63. ئۇنداق ئىكەن، (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

مُدْهَامَّتَانِ

64. بۇ ئىككى جەننەت (مەنزىرىسى) قېنىق يېشىل رەڭدىدۇر.

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

65. ئۇنداق ئىكەن، (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

فِيهِمَا عَيْنَانِ نَضَّاخَتَانِ

66. بۇ ئىككى جەننەتتە توختاپ قالماي ئېقىپ تۇرىدىغان ئىككى بۇلاق بار.

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

67. ئۇنداق ئىكەن، (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىقدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

فِيهِمَا فَاكِهَةٌ وَنَخْلٌ وَرُمَّانٌ

68. بۇ ئىككى جەننەتتە مېۋىلەر، خورمىلار ۋە ئانارلار بار.

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

69. ئۇنداق ئىكەن، (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

فِيهِنَّ خَيْرَاتٌ حِسَانٌ

70. بۇ جەننەتلەردە (يەنى يۇقىرىقى تۆت جەننەتتە) جامالى گۈزەل، خۇيى گۈزەل ئاياللار بار.1

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

71. (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

حُورٌ مَّقْصُورَاتٌ فِي الْخِيَامِ

72. (بۇ جەننەتلەردە ئىچى كاۋاك ئۈنچىدىن ياسالغان، كەڭلىكى ئاتمىش مىل كېلىدىغان ھەشەمەتلىك1) چېدىرلارغا يوشۇرۇنغان (چېدىرلىرىدىن ئايرىلمايدىغان2) ھۆرلەر بار.

جەننەتنىڭ بۇ چېدىرلىرى جەننەت قەسىرلىرىگە يانداشتۇرۇلۇپ بىنا قىلىنغاندۇر. جەننەت چېدىرلىرىنىڭ ھەر بىرىنىڭ كەڭلىكى تۆت فەرسەخ، ئۇزۇنلۇقى تۆت فەرسەخ بولۇپ، تۆت مىڭ ئىشىكى بار3.

ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس نەقىل قىلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«مۆمىننىڭ جەننەتتە ئىچى كاۋاك ئۈنچىدىن بىر چېدىرى بار، چېدىرنىڭ كەڭلىكى ئاتمىش مىلدۇر. بۇ چېدىردا مۆمىننىڭ ئاياللىرى بار. مۆمىن بۇ چېدىرغا ئاياللىرىنى يوقلاپ بېرىپ كېلىپ تۇرىدۇ. مۆمىننىڭ جەننەتتىكى ئاياللىرى بىر-بىرىنى كۆرمەيدۇ.» | hedisim.com | (سەھىھۇل بۇخارى: راھمان سۈرىسى تەپسىرى، 2-باب؛ سەھىھۇل مۇسلىم: جەننەتنىڭ سۈپىتى بابى 53؛ تىرمىزى: جەننەت؛ مۇسنەد ئەھمەد 4\400) | فۇرقان دەۋەت مەركىزى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إنَّ أزواجَ أهلِ الجنةِ ليغُنِّين أزواجَهنَّ بأحسنِ أصواتٍ ما سمعها أحدٌ قطُّ)) «جەننەت ئەھلىنىڭ ئاياللىرى ئەرلىرىگە ھېچ كىم ئاڭلاپ باقمىغان گۈزەل نەغمىلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ.»(سۇيۇتى-جامىئۇسسەغىر 2199؛ ئەلبانى سەھىھ جامىئ 1561؛ سەھىھ)

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

73. ئۇنداق ئىكەن، (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

لَمْ يَطْمِثْهُنَّ إِنسٌ قَبْلَهُمْ وَلَا جَانٌّ

74. بۇ ھۆرلەرگە جەننەتتىكى ئېرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ھېچبىر ئىنسان ۋە جىن يېقىن كېلىپ باقمىغان.

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

75. (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

مُتَّكِئِينَ عَلَىٰ رَفْرَفٍ خُضْرٍ وَعَبْقَرِيٍّ حِسَانٍ

76. ئۇلار يېشىل ياستۇقلارغا ۋە ئېسىل سېلىنچىلارغا يۆلىنىدۇ1 (ۋە جەننەت نېمەتلىرىدىن ھوزۇرلىنىدۇ.)

فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

77. ئۇنداق ئىكەن، (ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار) سىلەر رەببىڭلار ئاللاھنىڭ (سىلەر ئۈچۈن بار قىلغان يۇقىرىقىقىدەك1) نېمەتلىرىدىن قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

تَبَارَكَ اسْمُ رَبِّكَ ذِي الْجَلَالِ وَالْإِكْرَامِ

78. ئۇلۇغلۇقتا تەڭداشسىز، (مۆمىن دوستلىرىغا1) ياخشىلىق قىلىشتا ۋە نېمەت ئاتا قىلىشتا چەكسىز سېخىي رەببىڭنىڭ ئىسمى بەك ئۇلۇغدۇر!

نەقىل مەنبەلىرى:

2-ئايەت: 1. تفسير البغوي 2.3.تفسير السعدي

3-ئايەت: 1. زاد المسير، تفسير السعدي، تفسير البغوي، المختصر في تفسير

4-ئايەت: 1. تفسير السعدي، زاد المسير، تفسير البغوي

5-ئايەت: 1. تفسير السعدي 2. تفسير البغوي 3. تفسير السعدي

6-ئايەت: 1. تفسير ابن كثير، تفسير السعدي 2. 3.تفسير السعدي 4. زاد المسير

7-ئايەت: 1. تفسير السعدي

8-ئايەت: 1. المختصر في تفسير 2. تفسير ابن كثير 3. 4. تفسير البغوي

9-ئايەت: 1. المختصر في تفسير

10-ئايەت: 1. زاد المسير، تفسير ابن كثير 2. زاد المسير

13-ئايەت: 1. زاد المسير

15-ئايەت: 1. المختصر في تفسير

19-ئايەت: 1. تفسير ابن كثير، تفسير الميسر 2. تفسير ابن كثير

20-ئايەت: 1. تفسير الميسر

22-ئايەت: 1.2. تفسير ابن كثير

24-ئايەت: 1.2. تفسير ابن كثير

26-ئايەت: 1. تفسير ابن كثير

27-ئايەت: 1. زاد المسير 2. تفسير الميسر

29-ئايەت: 1.2.3. تفسير ابن كثير، تفسير السعدي

33-ئايەت: 1.2.3. زاد المسير،  تفسير السعدي، تفسير ابن كثير 4. تفسير ابن كثير

35-ئايەت: 1.2. تفسير ابن كثير

37-ئايەت: 1. تفسير ابن كثير

39-ئايەت: 1. تفسير ابن كثير،  زاد المسير،  تفسير الميسر

41-ئايەت: 1.2.3.4.5. تفسير ابن كثير

43-ئايەت: 1. تفسير ابن كثير

44-ئايەت: 1.2. تفسير ابن كثير

46-ئايەت: 1. تفسير ابن كثير 2. المختصر في تفسير 3.4. تفسير البغوي

47-ئايەت: 1. تفسير ابن كثير

48-ئايەت: 1. تفسير ابن كثير

49-ئايەت: 1. تفسير ابن كثير

54-ئايەت: 1.2.3. تفسير ابن كثير 4. تفسير ابن كثير، زاد المسير، تفسير السعدي

56-ئايەت: 1.3. تفسير ابن كثير، زاد المسير 2. تفسير السعدي 3. زاد المسير 4. زاد المسير، تفسير ابن كثير

58-ئايەت: 1.2. تفسير ابن كثير

60-ئايەت: 1. تفسير ابن كثير

70-ئايەت: 1. تفسير ابن كثير، تفسير البغوي

71-ئايەت: 1. تفسير ابن كثير، تفسير البغوي، صحيح البخاري 2. زاد المسير

73-ئايەت: 1.2. تفسير ابن كثير، زاد المسير 3. زاد المسير

76-ئايەت: تفسير ابن كثير، زاد المسير، تفسير البغوي

78-ئايەت: 1.تفسير الميسر

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ