35-سۈرە فاتىر
مەككىدە نازىل بولغان، 45 ئايەت
فۇرقان دەۋەت مەركىزى
الْحَمْدُ لِلَّهِ فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ جَاعِلِ الْمَلَائِكَةِ رُسُلًا أُولِي أَجْنِحَةٍ مَّثْنَىٰ وَثُلَاثَ وَرُبَاعَ ۚ يَزِيدُ فِي الْخَلْقِ مَا يَشَاءُ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
1. مۇكەممەل ماختاشلارنىڭ تامامى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېچقانداق ئۆرنەككە تايانماستىن ياراتقان؛ (بەزى1) پەرىشتىلەرنى ئىككى قاناتلىق، (بەزى پەرىشتىلەرنى2) ئۈچ قاناتلىق، (يەنە بەزى پەرىشتىلەرنى3) تۆت قاناتلىق (قىلىپ ۋە پەرىشتىلەرنى پەيغەمبەرلەرگە ۋە باشقا ئىشلارغا ئەۋەتىلىدىغان4) ئەلچىلەر قىلىپ ياراتقان ئاللاھقا خاستۇر. (پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ ئەمرىنى پەيغەمبەرلەرگە يەتكۈزۈش ياكى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بىرەر ئىش-ھادىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن قاناتلىرى بىلەن ئۇچىدۇ.5) ئاللاھ (مەخلۇقاتلارنى) يارىتىشتا خالىغىنىنى (يەنى خالىغان مەخلۇقاتتىكى مەلۇم ئالاھىدىلىكلەرنى) ئارتۇق قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممە ئىشقا قادىردۇر.
«ئاللاھ يارىتىشتا خالىغىنىنى ئارتۇق قىلىدۇ» — يەنى ئۆزى ياراتقان مەخلۇقاتلىرىدىن بەزىلىرىدە بەزىرىلىرىدە بولمىغان تۈرلۈك ئالاھىدىلىكلەرنى بار قىلىپ يارىتىدۇ. بەزى مەخلۇقاتلىرىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى ئارتۇق، بەزىسىنىڭ ئاۋازى گۈزەل، بەزىسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ
سانى ئارتۇق، بەزىسىنىڭ بولسا قاناتلىرى تېخىمۇ كۆپ، بەزىسىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى تېخىمۇ ئۈستۈن بولىدۇ.6
[1.2.3.4. زاد المسير؛ 5. تفسير السعدي، تفسير الميسر 6. زاد المسير، تفسير السعدي]
مَّا يَفْتَحِ اللَّهُ لِلنَّاسِ مِن رَّحْمَةٍ فَلَا مُمْسِكَ لَهَا ۖ وَمَا يُمْسِكْ فَلَا مُرْسِلَ لَهُ مِن بَعْدِهِ ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
2. ئاللاھ ئۆز رەھمىتىدىن (يەنى رىزق، ياخشىلىق، يامغۇر، ئىلىم، تەن ساقلىقى ۋە شۇ قاتاردىكى نېمەتلەردىن1) ئىنسانلارغا ئاچقان ھەر قانداق نەرسىنى (ئۇ ئىنسانغا يېتىشتىن) توسۇپ قالالىغۇچى يوقتۇر. ئاللاھ (ئۆزىنىڭ تۈرلۈك رەھمەتلىرىدىن) تۇتۇپ قالغان نەرسىنى — ئاللاھ ئۇنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن — قويۇپ بەرگۈچى يوقتۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھەكىيمدۇر.
ئەلئەزىز — ھېچكىم زىيان سالالمايدىغان، ھېچقانداق ئىشقا ئاجىز كېلىپ قالمايدىغان، ئەسلا يېڭىلمەيدىغان، چەكسىز كۈچ ۋە قۇدرەتكە ئىگە بولغۇچى؛ ھەممە نەرسىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالغۇچى چەكسىز قۇدرەتلىك ئاللاھ. [بەغەۋى، قۇرتۇبى، ئابدۇراھمان سەئدى]
ئەلھەكىيم — بارچە ئىشنى ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە قىلغۇچى ئاللاھ.[قۇرتۇبى] [1. زادۇل مەسىير، تفسير الميسر]
يَا أَيُّهَا النَّاسُ اذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ ۚ هَلْ مِنْ خَالِقٍ غَيْرُ اللَّهِ يَرْزُقُكُم مِّنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ ۚ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
3. ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نىمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار. ئاللاھتىن باشقا سىلەرنى (يامغۇر ياغدۇرۇش ئارقىلىق1) ئاسماندىن ۋە (زىرائەتلەرنى، مېۋە-چىۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق2) زېمىندىن رىزقلاندۇرىدىغان خالىق بارمۇ؟ ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھ يوقتۇر. بۇنداق تۇرۇقلۇق، قانداقمۇ (ياراتقان ۋە رىزق بېرىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنى تەرك ئېتىپ، يارىتىلغان ۋە رىزق بېرىلىدىغانلارغا ئىبادەت قىلىشقا3) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟ [1.2. زاد المسير 3. تفسير السعدي]
وَإِن يُكَذِّبُوكَ فَقَدْ كُذِّبَتْ رُسُلٌ مِّن قَبْلِكَ ۚ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ
4. (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار (يەنى قۇرەيش مۇشرىكلىرى1) سېنى يالغانغا چىقىرىۋاتقان بولسا (كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما. بىلگىنكى، قەۋمى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنىغان پەيغەمبەر يالغۇز سەنلا ئەمەس،) سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ (قەۋمى تەرىپىدىن) يالغانغا چىقىرىلغان ئىدى. بارچە ئىشلار (ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشى ۋە ھېساب سورىشى ئۈچۈن2) ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ. (بۇ ۋەجىدىن، ئى پەيغەمبەر، قەۋمىڭنىڭ تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنىشىڭغا سەبىر قىلغىن. بۇنىڭ ھېسابىمۇ ئەلۋەتتە سورىلىدۇ. سېنىڭ ئەجرىڭ ئەسلا بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ. ھەق يولىدا تارتقان مۇشەققەتلىرىڭ ئاخىرەتتە ئەسلا مۇكاپاتسىز قالمايدۇ.) [1.2. تفسير الميسر]
يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ ۖ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا ۖ وَلَا يَغُرَّنَّكُم بِاللَّهِ الْغَرُورُ
5. ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ۋەدىسى (ئۆلگەن بارچە كىشىنىڭ قىيامەت قايىم بولغاندا تىرىلىشى، ياخشىلارغا مۇكاپات، يامانلارغا جازا بېرىش ھەققىدىكى ۋەدىسى1) ھەقتۇر، بۇنىڭدا ھېچبىر شۈبھە يوق. ئۇنداق ئىكەن دۇنيا ھاياتى (كىشىنىڭ نەپسىگە خوش ياقىدىغان جازىبەلىرى ئارقىلىق2) سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن. (قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى سالىھ ئەمەللەر ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا كۈچەڭلار.3) ئۇ ئالدامچى (شەيتان) سىلەرنى (گۇناھلارغا قىززىقتۇرۇپ، گۇناھتىن يانماسلىقىڭلار ئۈچۈن) ئاللاھ (نىڭ ئەپۇ-مەرھمىتى كەڭرى دەپ ۋەسۋەسە قىلىش) بىلەن ئالداپ كەتمىسۇن.
[1. تفسير السعدي، تفسير الميسر 2.3. تفسير السعدي]
إِنَّ الشَّيْطَانَ لَكُمْ عَدُوٌّ فَاتَّخِذُوهُ عَدُوًّا ۚ إِنَّمَا يَدْعُو حِزْبَهُ لِيَكُونُوا مِنْ أَصْحَابِ السَّعِيرِ
6. چۈنكى شەيتان سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلاردۇر. (شەيتان سىلەرگە دائىما قىلتاق قۇرىدۇ.1 سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى، ئۆزى بىلەن بىرلىكتە دوزاخقا كىرىشىڭلارنى ئارزۇلايدۇ.2) شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرمۇ شەيتاننى دۈشمەن تۇتۇڭلار. شەيتان ئۆز تەرەپتارلىرىنى پەقەت لاۋۇلداپ تۇرغان دوزاخ ئوتىنىڭ ئەھلى بولۇشى ئۈچۈن (كۇفۇرغا5) چاقىرىدۇ.
«شەيتاننى دۈشمەن تۇتۇڭلار» – يەنى شەيتانغا ئىتائەت قىلىشتىن ئۇزاق تۇرۇڭلار.3 شەيتاننىڭ سىلەرگە ھەر زامان دۈشمەنلىك قىلىدىغانلىقىنى دائىم ئېسىڭلاردا تۇتۇپ، شەيتانغا قارشى تەدبىرلىك بولۇڭلار ۋە شەيتانغا قارشى جىھاد قىلىڭلار.4
[1.4. تفسير السعدي 2.3.5.زاد المسير]
الَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ ۖ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَهُم مَّغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ كَبِيرٌ
7. (شەيتانغا ئىتائەت قىلىپ، پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ۋە قۇرئاندىكى خەۋەرلەرنى قىسمەن ياكى تامامەن ئىنكار قىلىدىغان، ئاللاھقا ئىتائەت ۋە ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتقان1) كاپىرلارغا شىددەتلىك جازا بار. (شەيتاننى دۈشمەن تۇتۇپ2، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە) ئىمان ئېيتىپ (ئېيتقان ئىمانىنىڭ تەقەززاسى بويىچە3) سالىھ ئەمەل قىلغانلارغا بولسا مەغفىرەت بار ۋە بۈيۈك مۇكاپات (يەنى جەننەت4) بار.
[1.2.3. تفسير السعدي 4. تفسير الميسر]
سالىھ ئەمەل — ئاللاھنىڭ رازىلىقىلا كۆزلەنگەن، ھېچقانداق دۇنياۋى غەرەز ئارىلاشمىغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈننەتكە ئۇيغۇن بولغان بارچە ساۋابلىق ئىش-ئەمەللەردۇر.
مەغفىرەت بار — ئىمان ئېيتىپ سالىھ ئەمەل قىلىدىغان مۆمىنلەرنىڭ گۇناھلىرى ئاللاھ تەرىپىدىن يوشۇرۇلىدۇ، قىيامەت كۈنى يۈزىگە سېلىنمايدۇ ۋە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. (تفسير الميسر)
أَفَمَن زُيِّنَ لَهُ سُوءُ عَمَلِهِ فَرَآهُ حَسَنًا ۖ فَإِنَّ اللَّهَ يُضِلُّ مَن يَشَاءُ وَيَهْدِي مَن يَشَاءُ ۖ فَلَا تَذْهَبْ نَفْسُكَ عَلَيْهِمْ حَسَرَاتٍ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِمَا يَصْنَعُونَ
8. يامان قىلمىشىلىرى (شەيتان تەرىپىدىن1) زىننەتلىنىپ، ئاشۇ يامان قىلمىشىلىرى ئۆزىگە چىرايلىق كۆرسىتىلگەن (بۇ ۋەجىدىن ھەقنى باتىل دەپ بىلىپ، باتىلنى ھەق دەپ تونۇيدىغان2) كىشى (ئىمان ئېيتىپ سالىھ ئەمەللەرنى قىلىدىغان كىشى بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟) ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، ئۆزى خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلار (نىڭ ئىماندىن ۋە توغرا يولدىن يۈز ئۆرۈشى3) ئۈچۈن ھەسرەتلىنىپ، ئۆزىنىڭ ھالاك قىلما! چۈنكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى بەك ياخشى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ئىمام بەغەۋى مۇنداق دېگەن: مەنىسى، يامان قىلمىشلىرى ئۆزىگە چىرايلىق كۆرسىتىلگەن، بۇ سەۋەبلىك ئاللاھ ئازغۇنلۇققا مۇپتىلا قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن ھەسرەت چېكىپ، ئۆزۈڭنى قىينىمىغىن. (تفسير البغوي)
[1. تفسير السعدي، تفسير الميسر 2. تفسير السعدي 3. زاد المسير]
وَاللَّهُ الَّذِي أَرْسَلَ الرِّيَاحَ فَتُثِيرُ سَحَابًا فَسُقْنَاهُ إِلَىٰ بَلَدٍ مَّيِّتٍ فَأَحْيَيْنَا بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ كَذَٰلِكَ النُّشُورُ
9. ئاللاھ شۇنداق زاتتۇركى، شامالنى ئەۋەتىپ بۇلۇتنى قوزغايدۇ. ئاندىن بۇلۇتنى ئۆلگەن زېمىنغا ھەيدەپ، ئۇنىڭ بىلەن (يەنى بۇلۇتتىن ياغقان يامغۇر بىلەن) ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىمىز. ئۆلگەنلەرنىڭ (قىيامەت كۈنى) تىرىلىشىمۇ مانا مۇشۇنداقتۇر. (يەنى ئاللاھ قۇرۇپ، گىياھ ئۈندۈرەلمەس ھالغا كېلىپ ئۆلگەن زېمىننى يامغۇر ئارقىلىق تىرىلدۈرگەندەك، قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنىمۇ ئەنە شۇنداق يامغۇر ياغدۇرۇپ تىرىلدۈرىدۇ. ئۆلگەن زېمىن يامغۇر سەۋەبلىك تىرىلىپ، ئۇنىڭدىن گۈل-گىياھ ئۈنۈپ چىققاندەۇك، ئۆلگەن كىشىلەر يامغۇر سەۋەبلىك بەئەينى گۈل-گىياھ زېمىندىن ئۈنگەندەك قەبرىلىرىدىن ئۈنۈپ چىقىدۇ.1) [1. زاد المسير، ئىبنى كەسىر]
مَن كَانَ يُرِيدُ الْعِزَّةَ فَلِلَّهِ الْعِزَّةُ جَمِيعًا ۚ إِلَيْهِ يَصْعَدُ الْكَلِمُ الطَّيِّبُ وَالْعَمَلُ الصَّالِحُ يَرْفَعُهُ ۚ وَالَّذِينَ يَمْكُرُونَ السَّيِّئَاتِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ ۖ وَمَكْرُ أُولَٰئِكَ هُوَ يَبُورُ
10. (دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ1) ئىززەتنى (ۋە شەرەپ ساھىبى بولۇشنى) ئارزۇلىغان كىشى (بىلسۇنكى)، ئىززەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ئائىتتۇر. (بۇ ۋەجىدىن، ئەي ئىززەت-شەرەپ ئارزۇلىغان كىشى، سەن ئۆزۈڭ ئارزۇلىغان ئىززەت شەرەپنى شۇ ئىززەت-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھقا ئىتائەت ۋە ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ئىزدە. ئۆزۈڭ ئىزدىگەن ئىككى دۇنيالىق ئىززەت-شەرەپنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىقا قولغا كەلتۈرەلەيسەن. ھەر قانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنىڭ سىرتىغا ھەرگىز چىقما. ئەنە شۇندىلا مەقسىدىڭگە ئېرىشەلەيسەن.2 كىشىلەرنىڭ ياكى باشقا يارىتىلغان مەخلۇقاتلارنىڭ كۈچىدىن ۋە ئىزىتىدىن ئۈمىد كۈتكۈچىنى ئاللاھ خار قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ كۈچىدىن ۋە ئىززىتىدىن ئۈمىد كۈتكۈچىنى ئاللاھ ئەزىز قىلىدۇ.3) ياخشى سۆز (يەنى زىكىر، قۇرئان تىلاۋىتى ۋە دۇئا4) ئاللاھقا يۈكسىلىدۇ، سالىھ ئەمەل (كىشىنىڭ قىلىشى پەرز بولغان ئەمەللەر5) ياخشى سۆزنى يۈكسەلدۈرىدۇ. (پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلغان كىشىنىڭ ئەنە شۇ پەرز ئەمىلى ئۇنىڭ زىكىر ۋە دۇئالىرىنى ئاللاھقا ئۆرلىتىدۇ. ئاللاھنى زىكىر قىلغان ئەمما پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلمىغان كىشىنىڭ سۆزى <زىكىر ۋە دۇئاسى> (ئاللاھقا يۈكسىلىشنىڭ ئەكسىچە) ئەمىلىگە قايتۇرۇلىدۇ. ئەگەر سالىھ ئەمەل بولمىسا، سۆزلەنگەن سۆز، يەنى زىكىر، دۇئا، تىلاۋەتلەر ئاللاھقا يۈكسەلمەيدۇ6. كىشى گۈزەل سۆز (يەنى زىكىر، دۇئا) قىلسا، ئەمما سالىھ ئەمەلنىڭ زىتىدا ئىش قىلسا، ئۇنىڭ سۆزى ئۇ كىشىنىڭ يۈزىگە قايتۇرىلىدۇ. بىر ئەمەل تەۋھىد ئاساسىدا بولمىسا، ئۇ ئەمەلنىڭ ئىگىسى تەۋھىد ئىگىسى بولمىسا، ئۇنداق ئەمەل قوبۇل بولمايدۇ.7 يامان يوللار ئارقىلىق يۈكسىلىپ ئىززەتلىك بولۇشنى ئارزۇلاپ8) تۈرلۈك يامانلىقلارنى قىلغۇچىلارغا قاتتىق جازا باردۇر. بۇنداقلارنىڭ (يامانلىقلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش يولىدا) قۇرغان ھىيلە-نەيرەڭلىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. (ئۇ ھىيلە نەيرەڭلىرى ھەرگىزمۇ ئۇلار ئارزۇ قىلغاندەك دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە ئۇلارغا پايدا كەلتۈرمەيدۇ.)
[1. تفسير ابن كثير 3. تفسير الميسر 2.4 ابن كثير ، تفسير السعدي 6. ابن كثير 7.تفسير البغوي 8. تفسير السعدي]
وَاللَّهُ خَلَقَكُم مِّن تُرَابٍ ثُمَّ مِن نُّطْفَةٍ ثُمَّ جَعَلَكُمْ أَزْوَاجًا ۚ وَمَا تَحْمِلُ مِنْ أُنثَىٰ وَلَا تَضَعُ إِلَّا بِعِلْمِهِ ۚ وَمَا يُعَمَّرُ مِن مُّعَمَّرٍ وَلَا يُنقَصُ مِنْ عُمُرِهِ إِلَّا فِي كِتَابٍ ۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ
11. ئاللاھ سىلەرنى (يەنى ئاتاڭلار ئادەمنى1) تۇپراقتىن، ئاندىن (ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى2) مەنىيدىن ياراتتى. ئاندىن سىلەرنى (ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت3) جۈپت قىلدى. ھەر قانداق بىرى چىشى جانلىقنىڭ ھامىلدار بولۇشى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن مەخپىي ئەمەس. كىشىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى ۋەياكى قىسقا بولۇشى مۇتلەق رەۋىشتە (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى) كىتابقا (يەنى لەۋفۇلمەھفۇزغا4) پۈتۈۋېتىلگەن. بۇ (يەنى كىشىنىڭ قانچىلىك ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىش، شۇنداقلا مەخلۇقاتقا ھەققىدىكى جىمىيي مەلۇماتلارنى مۇكەممەل بىلىش5) ئاللاھ ئۈچۈن ئەلۋەتتە بەكمۇ ئاساندۇر. [1.2.3. زاد المسير 4. تفسير الميسر 5. تفسير ابن كثير]
ئىمام ئىبنۇل جەۋزى ئۆز تەپىسىرىدە مۇنداق دېگەن: كىشىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن، قىسقا بولۇشى ھەققىدىكى بۇ ئايەتكە بېرىلگەن مەنالاردىن يەنە بىرى، ئۆمرى ئۇزۇن بولغان كىشىنىڭ ئۆمرىدىن بىر كۈننىڭ ياكى بىر كېچىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىمۇ مۇتلەق رەۋىشتە كىتابقا خاتىرلەپ قويۇلغاندۇر، دېگەنلىك بولىدۇ. سەئىد ئىبنى جۇبەير مۇنداق دېگەن: كىتابقا «پالانچى كىشىنىڭ ئۆمرى مۇنچىلىك بولىدۇ» دەپ يېزىلغاندۇر. ئاندىن ئۇنىڭ ئاستىغا ئۇنىڭ ئۆمرىدىن بىر كۈن تۈگىدى، ئىككى كۈن تۈگىدى، ئۈچ كۈن تۈگىدى دەپ يېزىلىدۇ. مۇشۇ بويىچە مېڭىپ ئاقىۋەتتە كىشىنىڭ ئۆمرى تۈگەيدۇ. ئىبنى جۇبەير بۇنى ئىبنى ئابباستىن نەقىل قىلغان. ئىكرىمە، ئەبۇ مالىك ۋە باشقا سەلەپ مۇپەسسىرلىرىمۇ ئۆمۈرنىڭ كېمىيىشى ھەققىدە يۇقىرىقىدەك دېگەن. (زاد المسير)
وَمَا يَسْتَوِي الْبَحْرَانِ هَٰذَا عَذْبٌ فُرَاتٌ سَائِغٌ شَرَابُهُ وَهَٰذَا مِلْحٌ أُجَاجٌ ۖ وَمِن كُلٍّ تَأْكُلُونَ لَحْمًا طَرِيًّا وَتَسْتَخْرِجُونَ حِلْيَةً تَلْبَسُونَهَا ۖ وَتَرَى الْفُلْكَ فِيهِ مَوَاخِرَ لِتَبْتَغُوا مِن فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
12. ئىككى دېڭىز ئوخشاش ئەمەس. بىرىنىڭ سۈيى تاتلىقتۇر، گالدىن سىلىق ئۆتىدۇ (ۋە ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ.1 بۇ دەريانىڭ ۋە كۆلنىڭ سۈيىدۇر.2) يەنە بىرىنىڭ سۈيى بولسا ئاچچىق ۋە تۇزلۇقتۇر. (بۇ دېڭىزنىڭ سۈيىدۇر.3) سىلەر ھەر ئىككىسىدىن (يەنى دەريادىن ۋە دېڭىزدىن) يېڭى (بېلىق) گۆشىنى يەيسىلەر، شۇنداقلا (ئۈنچە، مارجان قاتارلىق4) تاقايدىغان زىننەت ئەشيالىرىغا ئېرىشىسىلەر. ئاللاھنىڭ پەزلىنى ئىزدەش ئۈچۈن ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن كېمىلەرنىڭ دولقۇنلارنى يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ( [1.4.تفسير الميسر 2.3. تفسير السعدي]
يُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَيُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُّسَمًّى ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ ۚ وَالَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِهِ مَا يَمْلِكُونَ مِن قِطْمِيرٍ
13. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە قاتىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە قاتىدۇ. ئاللاھ قۇياش بىلەن ئاينى (مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن) بويسۇندۇرۇپ بەردى. ھەر ئىككىسى بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە ئۆز ئوربېتىسىدا ھەرىكەت قىلىدۇ. مانا بۇ (لارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن يارىتىپ بەرگۈچى) رەببىڭلار ئاللاھتۇر. ھۆكۈمرانلىق يالغۇز ئاللاھقىلا تەئەللۇقتۇر. ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقانلىرىڭلار خورما ئۇرۇقىنىڭ پوستىكى (چاغلىق ئەڭ ئاددىي نەرسە) نىڭمۇ ئىگىسى ئەمەس.
إِن تَدْعُوهُمْ لَا يَسْمَعُوا دُعَاءَكُمْ وَلَوْ سَمِعُوا مَا اسْتَجَابُوا لَكُمْ ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُونَ بِشِرْكِكُمْ ۚ وَلَا يُنَبِّئُكَ مِثْلُ خَبِيرٍ
14. ئەگەر (سىلەر ئاللاھنى قويۇپ باشقا باتىل مەبۇدلارغا) دۇئا قىلساڭلار، (ئۇ باتىل مەبۇدلار) دۇئايىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ. ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلالمايدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئاللاھقا شىرك قوشقانلىقىڭلارنى (ئەيىپلەپ) ئىنكار قىلىدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) ھېچكىممۇ ساڭا ھەممە نەرسىنى بىلىدىغان ۋە ھەممىدىن خەۋەردار بولغان ئۇلۇغ ئاللاھتىنمۇ توغرا خەۋەرنى بېرەلمەيدۇ.
يَا أَيُّهَا النَّاسُ أَنتُمُ الْفُقَرَاءُ إِلَى اللَّهِ ۖ وَاللَّهُ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
15. ئى ئىنسانلار! سىلەر (ھەممىلا جەھەتتە) ئاللاھقا مۇھتاجسىلەر. ئاللاھ بولسا ھېچكىمگە ۋە ھېچنەرسىگە موھتاج بولمايدىغان زاتتۇر. جىمىي گۈزەل ماختاشلارغا بىردىنبىر لايىق بولغان زاتتۇر.
إِن يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ وَيَأْتِ بِخَلْقٍ جَدِيدٍ
16. ئەگەر ئاللاھ خالىسا سىلەرنى يوق قىلىپ، ئورنۇڭلارغا يېڭى بىر خەلقنى پەيدا قىلىدۇ.
وَمَا ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ بِعَزِيزٍ
17. بۇنداق قىلىش ئاللاھقا تەس ئەمەس.
وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ ۚ وَإِن تَدْعُ مُثْقَلَةٌ إِلَىٰ حِمْلِهَا لَا يُحْمَلْ مِنْهُ شَيْءٌ وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَىٰ ۗ إِنَّمَا تُنذِرُ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُم بِالْغَيْبِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ ۚ وَمَن تَزَكَّىٰ فَإِنَّمَا يَتَزَكَّىٰ لِنَفْسِهِ ۚ وَإِلَى اللَّهِ الْمَصِيرُ
18. ھېچبىر گۇناھكار باشقا بىرىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئەگەر گۇناھ يۈكى ئېغىر بولغان بىر كىشى ئۆز يۈكىنى توشۇشۇپ بېرىشى ئۈچۈن باشقا بىرىنى چاقىرسا، ياردەمگە چاقىرىلغۇچى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنى (يەنى ئوغلى، دادىسى، ئانىسى ياكى بىر تۇغقان قېرىندىشى1) بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ گۇناھىدىن ھېچنەرسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋالالمايدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) سەن پەقەت خالىي جايدا رەببىدىن قورقىدىغان ۋە نامازلىرىنى كامىل رەۋىشتە ئادا قىلىدىغان مۆمىنلەرنىلا ئاگاھلاندۇرالايسەن. كىم (رىيا، كىبىر، يالغان سۆز، ئالدامچىلىق، ھىيلە، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قاتارلىق ناچار ئەخلاقلاردىن ۋە تۈرلۈك گۇناھلاردىن2) پاكلانسا (يۇقىرىقى ناچار ئەخلاقلارنىڭ ئورنىغا دۇرۇستلۇق، راستچىللىق، ئىخلاس، كەمتەرلىك، يۇمشالىق، كىشىلەرگە سەمىمىي نەسىھەت قىلىش قاتارلىق گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىدە بار قىلسا3) ئۆز پايدىسى ئۈچۈن پاكلانغان بولىدۇ. ھەممە ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ ئالدىغا قايتىدۇ. (ئاللاھ ئاخىرەتتە ھەممە كىشىنى دۇنيادىكى قىلمىش-ئەتمىشلىرىدىن ھېسابقا تارتىدۇ، دۇنيادىكى چوڭ-كىچىك بارچە قىلمىش ئەتمىشلىرىنىڭ مۇكاپاتىنى ياكى جازاسىنى بېرىدۇ.4) [1. تفسير البغوي 2.3.4.تفسير السعدي]
وَمَا يَسْتَوِي الْأَعْمَىٰ وَالْبَصِيرُ
19. كۆزى كۆرمەيدىغان ئەما بىلەن كۆزى كۆرىدىغان كىشى ئوخشاش ئەمەس.
(ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ھەقىقىتىنى كۆرمەيدىغان كىشى بىلەن، ھەق يولنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن كىشى ئوخشاش ئەمەس.— تفسير الميسر
ئىمام ئىبنۇل جەۋزى ئايەتتىكى ئەمانى مۇشرىك، كۆزى كۆرىدىغان كىشىنى مۆمىن دەپ تەپسىرلىگەن. بۇ بويىچە بولغاندا، ئايەتنىڭ مەنىسى «مۇشرىك كاپىر بىلەن مۆمىن مۇسۇلمان ئوخشاش ئەمەس» دېگەنلىك بولىدۇ. — زاد المسير)
وَلَا الظُّلُمَاتُ وَلَا النُّورُ
20. زۇلمەت بىلەن نۇر ئوخشاش ئەمەس.
(كۇفۇرنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن ئىماننىڭ نۇرى ئوخشاش ئەمەس. — تفسير الميسر
ئىمام ئىبنۇل جەۋزى ئايەتتىكى زۇلمەتنى «شىرك ۋە ئازغۇنلۇق»، نۇرنى «ھىدايەت ۋە ئىمان» دەپ تەپسىرلىگەن.)
وَلَا الظِّلُّ وَلَا الْحَرُورُ
21. سايە بىلەن كۆيدۈرگۈچى ئىسسىق شامال ئوخشاش ئەمەس.
(مۇجاھىد بىلەن فەررا سايىنى «جەننەت»، ئىسسىقنى «دوزاخ» دەپ تەپسىرلىگەن. — زاد المسير)
وَمَا يَسْتَوِي الْأَحْيَاءُ وَلَا الْأَمْوَاتُ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُسْمِعُ مَن يَشَاءُ ۖ وَمَا أَنتَ بِمُسْمِعٍ مَّن فِي الْقُبُورِ
22. تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەر باراۋەر ئەمەس.(يەنى ئىمان بىلەن ھاياتلىققا ئېرىشكەن تىرىك قەلب بىلەن، كۇفۇر سەۋەبلىك ئۆلگەن قەلبلەر باراۋەر ئەمەس.1) ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىگە (ھەقنى ئاڭلىشىنى خالىغان كىشىگە2 ھەقنى چۈشىنەلەيدىغان شەكىلدە3، ۋەز-نەسىھەتنى قوبۇل قىلىپ ھەقكە يۈزلەنگەن قەدەر ھەقنى4) ئاڭلىتدۇ. (ئى پەيغەمبەر) سەن قەبرىدىكىلەرگە (يەنى قەلبى ئۆلگەن فاجىرلارغا5 ۋە كاپىرلارغا6) ئاڭلىتالمايسەن. [1.تفسير الميسر 2. زاد المسير 3.5.تفسير السعدي 5.4.6.تفسير البغوي]
ئىمام ئىبۇل جەۋزى مۇنداق دېگەن: بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئىككى خىل تەپسىر مەۋجۇت. ئۇنىڭ بىرى بويىچە ئېيتقاندا، تىرىكلەر «ئەقىللىقلەر»، ئۆلۈكلەر «نادان، قارا قورساق، ئەقىلسىز كىشىلەر» دېگەنلىك بولىدۇ. (زاد المسير)
«سەن قەبرىدىكىلەرگە ئاڭلىتالمايسەن» — سېنىڭ دەۋىتىڭنىڭ قەبرىدە ياتقان ئۆلۈكلەرگە ھېچبىر پايدىسى بولمىغىنىدەك، ساڭا قارشى چىقىپ تەرسالىق بىلەن كۇفۇر ۋە ئازغۇنلۇقتا چىڭ تۇرغۇچىلارغمۇ ئوخشاشلا سېنىڭ دەۋىتىڭنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. (تفسير البغوي)
إِنْ أَنتَ إِلَّا نَذِيرٌ
23. سەن پەقەتلا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن.
(دەۋىتىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن مەيلى قوبۇل قىلىنسۇن، مەيلى قوبۇل قىلىنمىسۇن، سېنىڭ ۋەزىپەڭ ساڭا ئەۋەتىلگەن ۋەھىينى كىشىلەرگە چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشتۇر. — تفسير السعدي)
إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ بِالْحَقِّ بَشِيرًا وَنَذِيرًا ۚ وَإِن مِّنْ أُمَّةٍ إِلَّا خَلَا فِيهَا نَذِيرٌ
24. (ئى پەيغەمبەر!) بىز سېنى ھەق بىلەن ئەۋەتىپ (ساڭا ئىتائەت قىلغۇچىلارنى ئاللاھنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى مۇكاپاتلىرى بىلەن1) خۇش بېشارەت بەرگۈچى، (ساڭا قارشى چىقىپ، ساڭا ئىتائەت قىلمىغۇچىلارغا ئاللاھنىڭ دۇنيا ۋە ئاخرەتتىكى جازاسى بىلەن2) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلدۇق. ھەر قانداق بىر ئۈممەتكە چوقۇمكى بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەپغەمبەر3) كەلگەندۇر. [1.2.تفسير السعدي 3.زاد المسير]
«بىز سېنى ھەق بىلەن ئەۋەتتۇق» — يەنى، ئاللاھ سەن ئارقىلىق ئەۋەتكەن بۇ دىن ھەقتۇر. ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھىي (قۇرئان ۋە سۈننەت) ھېچقانداق باتىل ئارىلاشمىغان، شەكسىز ھەقىقەتتۇر. بىز سېنى مانا مۇشۇنداق ھەقىقەتلەر بىلەن ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. (تفسير السعدي)
وَإِن يُكَذِّبُوكَ فَقَدْ كَذَّبَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُم بِالْبَيِّنَاتِ وَبِالزُّبُرِ وَبِالْكِتَابِ الْمُنِيرِ
25. (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر سېنى (مۇشرىكلار1) يالغانغا چىقارغان بولسا (بىلگىنكى، سەن تۇنجى بولۇپ يالغانغا چىقىرىلىپ، ئىنكار قىلىنغان پەيغەمبەر ئەمەسسەن.2) قەۋمىڭدىن ئىلگىرىكى كاپىرلارمۇ ئۆزىگە كەلگەن پەيغەمبەرنى يالغانغا چىقارغان ئىدى. پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا ئوچۇق مۆجىزەلەر بىلەن، ئىلاھىي سەھىپىلەر بىلەن ۋە (ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ يوللىرى كۆرسىتىلگەن3) نۇرلۇق كىتاب بىلەن كەلگەن ئىدى. (1.2. تفسير السعدي 1.تفسير الميسر)
* ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: «…نۇرلۇق كىتاب بىلەن كەلگەن ئىدى» — ئۇ مۇشرىكلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىپ، يالغانغا چىقىرىشى، ئۇلار ئېلىپ كەلگەن دەۋىتىدە بىرەر قۇسۇرلۇق تەرەپ بارلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مۇشرىكلار زالىملىقى، جاھىللىقى سەۋەبلىك پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىپ يالغانغا چىقارغان. (تفسير السعدي)
ثُمَّ أَخَذْتُ الَّذِينَ كَفَرُوا ۖ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ
26. ئاقىۋەتتە، مەن كاپىرلارنى (تۈرلۈك جازالار بىلەن) تۇتتۇم. مېنىڭ (ھەقنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بەرگەن) جازايىم قانداق ئىكەن؟ (ئۇلار جازايىمنىڭ قانداقلىقىنى كۆردى.)
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجْنَا بِهِ ثَمَرَاتٍ مُّخْتَلِفًا أَلْوَانُهَا ۚ وَمِنَ الْجِبَالِ جُدَدٌ بِيضٌ وَحُمْرٌ مُّخْتَلِفٌ أَلْوَانُهَا وَغَرَابِيبُ سُودٌ
27. ئاللاھنىڭ ئاسماندىن سۇ چۈشۈرگىنىنى (يەنى يامغۇر ياغدۇرغىنىنى1) كۆرمىدىڭمۇ؟ بىز ئەنە شۇ سۇ بىلەن (دەل-دەرەخلەرنى سۇغۇرۇپ) زېمىندىن مېۋىلەرنى ئۆستۈردۇق، ئۇ مېۋىلەرنىڭ رەڭگى خىلمۇخىلدۇر. تاغلاردا ئاق، قىزىل، رەڭلىرى خىلمۇ خىل، ھەمدە زىيادە قارا رەڭلىك يوللار (يەنى تاشلار، ۋادىلار ياراتتۇق.2 ئوخشاش سۇ بىلەن سۇغۇرۇلغان مېۋىلەرنىڭ رەڭگىنىڭ خىلمۇ خىل بولۇشى، تاغلارنىڭ بىر خىللا رەڭدە بولماي، ھەر خىل رەڭدە بولۇشى، يەنى بىر خىل سۇدىن خىلمۇ خىل مېۋە يارىتىشى، ئوخشاش تۇپراق ياكى تاشتىن خىلمۇ خىل تاغ يارىتىشى ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتى جۈملىسىدىندۇر.3) [1. تفسير ابن عثيمين 2. زاد المسير 3. تفسير السعدي]
وَمِنَ النَّاسِ وَالدَّوَابِّ وَالْأَنْعَامِ مُخْتَلِفٌ أَلْوَانُهُ كَذَٰلِكَ ۗ إِنَّمَا يَخْشَى اللَّهَ مِنْ عِبَادِهِ الْعُلَمَاءُ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ غَفُورٌ
28. ئىنسانلارمۇ، ھايۋانلارمۇ ۋە چارۋا ماللارمۇ ئەنە شۇنىڭدەك ھەر خىل رەڭدىدۇر. بەندىلەر ئارىسىدا ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ. ئاللاھ ئەزىزدۇر (ئەسلا يېڭىلمەيدىغان چەكسىز كۈچ-قۇدرەت ئىگىسىدۇر)، غەفۇردۇر (گۇناھتىن يېنىپ، تائەت-ئىبادەتكە يۈزلىنىپ ئاللاھتىن ئەپۇ تىلىگۈچى تەۋبىكار بەندىلىرىنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر1.) [1.تفسير السعدي]
ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ» — چۈنكى، ئاللاھنى ئەڭ ياخشى بىلگەن كىشى ئاللاھتىن ھەممىدىن بەك قورقىدۇ. كىشنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى گۇناھلاردىن ئۇزاق تۇرىشىنى، ئۆزى قورققان زات ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشقا ھازىر بولۇشىنى روياپقا چىقىرىدۇ. بۇ ئايەت ئىلىمنىڭ پەزىلىتىگە، ئىلىمنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشقا ۋەسىلە ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر. ئاللاھتىن قورققۇچىلار — ئاللاھنىڭ لۇتۇف، مەرھىمىتىگە ئېرىشىدىغان ئىنسانلاردۇر. [تفسير السعدي]
ئىمام ئىبنۇل جەۋزى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ» — يەنى، ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇغانلار دېمەكتۇر. ئىبنى ئابباس مۇنداق دېگەن: يەنى مەخلۇقاتلار ئارىسىدا مەندىن پەقەتلا مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى، قۇدرىتىمنى ۋە سەلتەنىتىمنى ھەقىقىي تونۇپ يەتكەن زاتلار قورقىدۇ. مۇجاھىت ۋە شەئبى مۇنداق دېگەن: ئالىم — ئاللاھتىن قورققۇچى دېگەنلىكتۇر. رەبىئ ئىبنى ئەنەس مۇنداق دېگەن: ئاللاھتىن قورقمايدىغان (ئاللاھتىن قورققانلىقى سەۋەبلىك ئاشكارا ۋە مەخپىي گۇناھلاردىن ساقلانمايدىغان) كىشى ئالىم ئەمەس. [زاد المسير]
ئىمام ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ» — يەنى، ئاللاھتىن پەقەتلا ئۇنى تونۇغان ئالىملارلا ھەقىقىي رەۋىشتە قورقىدۇ. چۈنكى، بەك ئۇلۇغ، ھەممە ئىشقا قادىر، ھەممىدە ئالىم، كامىل سۈپەتلەرگە ئىگە ئەڭ گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىدىغان ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى قانچە ياخشى تونىغانسېرى، ئاللاھنى تونۇشى قانچىلىك مۇكەممەل بولغانسېرى، ئاللاھتىن قورقۇش شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئىكرىمە ئىبنى ئابباسنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: راھمان تەئالانى بىلىدىغان ئالىم كىشى — ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شىرك كەلتۈرمەيدىغان، ئاللاھ ۋە رەسۇلى ھالال قىلغاننى ھالال دەپ، ئاللاھ ۋە رەسۇلى ھارام قىلغاننى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان؛ ئاللاھنىڭ تەۋسىيەلىرىگە رىئايە قىلىدىغان؛ ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا چىقىپ، قىلغان ئەمەللىرىدىن ئاللاھقا ھېساب بېرىدىغانلىقىغا كەسكىن، شەكسىز، تەرەددۇتسىز رەۋىشتە ئىمان ئېيتقان كىشىدۇر.
سەئىد ئىبنى جۇبەير مۇنداق دېگەن: ئاللاھتىن قورقۇش — سېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن شەكىلدە ئىسيانكارلىق قىلىشىڭغا توسالغۇ بولىدىغان توسالغۇدۇر.
ھەسەن بەسرى مۇنداق دېگەن: ئالىم — (خەق بار يەردىلا ئاللاھتىن قورققان بولىۋالىدىغان ئەمەس، كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھتىن قورقۇپ گۇناھلاردىن ئۇزاق تۇرغاندىن سىرت،) ھېچكىم كۆرمەيدىغان جايدا ئاللاھتىن قورقىدىغان، ئاللاھ تەشۋىق قىلغان ئىشلارنى قىلىشنى ياكى ئۇنىڭغا ئېرىشىشنى ئارزۇلاپ، شۇ ئىشلارغا ناھايىتى ھېرىسمەنلىك قىلىدىغان، ئاللاھ يامان كۆرىدىغان، غەزەپ قىلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىدىغان كىشىدۇر. ھەسەن بەسرى ئالىمنى مۇشۇنداق سۈپەتلەپ بولۇپ «ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ» دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئىلىم — كۆپ سۆز قىلىش ئەمەس، ئاللاھتىن كۆپ قورقۇشتۇر. (ئالىم دىن ھەققىدە كۆپ سۆزلىگۈچى ئەمەس، ئاللاھتىن ئاشكارا يوشۇرۇن ھەممىلا ئەھۋالدا كۆپلەپ قورققۇچىدۇر.) [تفسير ابن كثير]
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دېگەن: ئەگەر كىشى ئاللاھتىن قورقسا گۇناھ-مەئسىيەتتىن ساقلىنىدۇ، ئاللاھتىن قورققانلىقى سەۋەبلىك ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىدۇ.ئاللاھتىن قورقۇش — ئىماننى ۋە سالىھ ئەمەلنى تەقەززا قىلىدۇ. [تفسير ابن عثيمين]
سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «قارا قورساق ئابىدنىڭ ۋە پاسىق ئالىمنىڭ پىتنىسىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەڭلار. چۈنكى، بۇ ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقارغان پىتنىلەر — كىشىلەرنى ئەڭ كۆپ يولدىن چىقىرىدىغان پىتنىلەردۇر.» (شعب الإيمان 2\ 624)
سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: شۇنداق دېيىلەتتىكى، ئالىملار ئۈچ خىلدۇر. (1) ئاللاھنى بىلگەن ئالىم، (2) ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى بىلگەن ئالىم، (3) ھەم ئاللاھنى بىلگەن، ھەم ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى بىلگەن ئالىم. ئاللاھنى بىلگۈچى — ئاللاھتىن قورقىدىغان، ئەمما سۈننەتنى بىلمەيدىغان كىشىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى بىلگۈچى — سۈننەتنى بىلگۈچىدۇر، لېكىن ئاللاھتىن قورقمايدىغان كىشىدۇر. ھەم ئاللاھنى بىلگەن، ھەم ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى بىلگەن كىشىگە كەلسەك — بۇ ھەم سۈننەتنى بىلىدىغان، ھەم ئاللاھتىن قورقىدىغان (بۇ ۋەجىدىن، ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا بىجاندىللىق بىلەن ئەمەل قىلىدىغان) كىشىدۇر. مانا بۇنداق كىشى ئاسماندا <ئەزىز كىشى> دەپ چاقىرىلىدۇ.» (شعب الإيمان 2\636)
ئىمام ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: بەخىتكە ئېرىشىدىغان كىشى – سەلەف ئالىملىرىنىڭ يولىغا ئەگەشكەن، خەلەفنىڭ (كېيىنكى كىشىلەرنىڭ) ئويدۇرغانلىرىدىن قاچقان كىشىدۇر. (بۇخارى 7288-ھەدىسكە ئىبنى ھەجەر شەرھى، فەتھۇلبارى 14/334)
ئىبنى سىرىن رەھىمەھۇللاھ بۈيۈك تابىئىن ئالىم مەسرۇق رەھىمەھۇللاھنىڭ ئايالىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان:
مەسرۇق بەك كۆپ ناماز ئوقۇغانلىقتىن پۇتلىرى ئىششىپ كېتەتتى. كۆپ ھاللاردا ئارقىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە چەككەن رىيازىتى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايتتىم. hedisim.com (سىفاتۇس سەفۋا: 681)
ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: «ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ (ۋە باشقا سەلەپ ئالىملىرى) ھەدىسكە ئېسىلمايدىغان، كۆز قارىشىنى سەھىھ ھەدىسكە ئۇيغۇنلاشتۇرمايدىغان كىشىلەردىن پەتىۋا سوراشنى چەكلەيتتى؛ بۇنداقلارنىڭ پەتىۋاسىنى تۇتۇشنى دۇرۇس ئەمەس دەيتتى.» (ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين،1-68)
مالىك ئىبنى دىنار رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەسەن بەسرىدىن «ئالىمنىڭ جازاسى نېمە؟» دەپ سورىۋىدى «قەلبىنىڭ ئۆلۈشىدۇر» دېدى. «قەلب قانداق ئۆلىدۇ؟» دەپ سورىلىۋىدى «ئاخىرەت ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئەمەللەر بىلەن دۇنيا تېپىش ئارقىلىق ئۆلىدۇ» دېدى. (ئىمام ئەھمەد: زۇھد كىتابى 1462)
سەلەف ئالىملىرىدىن ئەبۇ سۇلايمان دارانىي مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئىبادەت — (دىنىي ئەمەللەر بىلەن شۇغۇللىنىپ) پاچاقنى پاچاققا مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇپ، باشقىسىنىڭ سەن ئۈچۈن نان ئوشتۇپ، خىزمەت قىلىشى ئەمەس. ئىبادەتنى — يەيدىغان نېنىڭنى ھالال كۈچۈڭ بىلەن تېپىپ يېيىشتىن باشلا. يېمەك-ئىچمىكىڭنى (ۋە ئېھتىياجىڭنى) ئۆز كۈچۈڭگە تايىنىپ ھەل قىل، ئاندىن ئىبادەت قىل. ئىشىكىڭنىڭ چېكىلىپ، باشقىسىنىڭ سەن ئۈچۈن دۇنيالىق پۇل-مال، لازىمەتلىكلەرنى ئەكىلىپ بېرىشىنى تاما قىلىدىغان قەلبتە ياخشىلىق يوق.» (ئىبنۇل جەۋزى: صفة الصفوة 2\382)
ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن:«ئەگەر فەقىھلەر ئاللاھنىڭ دوستلىرى بولمىسا، كىمنىڭ ئاللاھنىڭ دوستى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.» (ئەجلۇنىي: كشف الخفاء)
سەلەفنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئىماملىرىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك مۇنداق دېگەن: ئەگەر بىر كىشى يۈز ئىشتا تەقۋادارلىق قىلىپ، پەقەتلا بىر ئىشتا تەقۋادارلىق قىلمىسا، بۇنداق كىشى ھەقىقىي تەقۋادارلاردىن بولالمايدۇ. ناۋادا بىر كىشى يۈز (ھارام) ئىشتىن ساقلىنىپ، بىر ئىشتىن ساقلانمىسا ئۇ سالىھلاردىن بولالمايدۇ. ئەگەر بىرىدە زەررىچىلىك جاھالەت بولسا، ئۇ جاھالەت ئەھلىدىندۇر. نۇھ رەببىگە «ئى رەببىم! ئوغلۇم مېنىڭ ئائىلەمدىن ئىدى» دېگىنىدە، ئاللاھنىڭ «مەن سېنى جاھىللاردىن بولۇپ قالماسلىققا بۇيرۇيمەن» دېگىنىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ (سىيەر ئەئلام نۇبەلا، 8\399)
إِنَّ الَّذِينَ يَتْلُونَ كِتَابَ اللَّهِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَأَنفَقُوا مِمَّا رَزَقْنَاهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً يَرْجُونَ تِجَارَةً لَّن تَبُورَ
29. ئاللاھنىڭ كىتابىنى (يەنى قۇرئاننى) ئوقۇپ (ئاللاھ تەلەپ قىلغىنى بويىچە قۇرئاننىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە دائىما) ئەمەل قىلىدىغانلار1، نامازلارنى (ئۆز ۋاقتى ئىچىدە، پەرز، سۈننەتلىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا) توغرا ۋە مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىدىغانلار، بىز رىزق قىلىپ بەرگەن پۇل-ماللاردىن (ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا چىقىم قىلىش؛ پېقىر، مۇھتاجلارغا ۋە يېتىملەرگە زاكات ياكى سەدىقە بېرىش، باشقا ياخشىلىق يوللىرىغا جىراجەت قىلىش ئارقىلىق2) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن سەرپ قىلىدىغانلار ئەسلا زىيان چىقمايدىغان بىر تىجارەتنى ئۈمىد قىلىشىدۇ. [1. زاد المسير، تفسير السعدي، تفسير الميسر 2. تفسير السعدي]
«ئەسلا زىيان چىقمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىشىدۇ» — بۇ تىجارەت تىجارەتلەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى ۋە ئەڭ قىممەتلىكى بولۇپ، بۇ تىجارەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنىغا ئېرىشىش، ئاللاھنىڭ (جەننىتى قاتارلىق) بۈيۈك مۇكاپاتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە جازاسىدىن قۇتۇلۇشتۇر. يەنى ئۇلار يۇقىرىقى ئەمەللىرى ئارقىلىق ئاللاھتىن مۇشۇ مۇكاپاتلارنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل مۇكاپاتنى ئۈمىد قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىشى ئەمەللىرىدە ئىخلاس ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇنلۇق بولغانلىقى، ئەمەللىرىدە ھېچبىر يامان غەرەز بولمىغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. (تفسير السعدي)
ئىمام ئىبنۇل جەۋزى مۇنداق دېگەن: ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىنى ئۇلارنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىدىغانلىقى بىلەن ماختىدى. سەلەپ ئالىملىرىدىن مۇتەررىف رەھىمەھۇللاھ «بۇ قۇرئان تىلاۋەت قىلىدىغان (ۋە ئەمەل قىلىدىغان) قارىيلارنىڭ ئايىتىدۇر» (يەنى ئۇلارنىڭ دىلىغا شاتلىق بېغىشلايدىغان ئايەتتۇر) دەيتتى. (زاد المسير) ئۇلار قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىدۇ، قۇرئاندا تەلەپ قىلىنغانلارنى ئورۇنداپ، قۇرئان چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك ئېتىدۇ. قۇرئان بايان قىلغان خەۋەرلەرنى تەستىقلاپ، ئىشىنىپ، ئىمان ئېيتىدۇ. قۇرئاننىڭ لەۋزىنى تىلاۋەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى چۈشىنىشكە، مەنىلىرى ھەققىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. (تفسير السعدي)
لِيُوَفِّيَهُمْ أُجُورَهُمْ وَيَزِيدَهُم مِّن فَضْلِهِ ۚ إِنَّهُ غَفُورٌ شَكُورٌ
30. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارغا مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ، ئۇنىڭغا قوشۇپ ئۇلار لايىق بولغان مۇكاپاتتىن كۆپ ئۈستۈن مۇكاپاتلارنى — ئۆز پەزلى سەۋەبلىك — ئۇلارغا ئاتا قىلىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ غەفۇردۇر (تەۋبە قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە قايتقان بەندىلىرىنىڭ يامانلىقلىرىنى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر.) شەكۇدردۇر (مۆمىن بەندىلەرنىڭ ئازغىنە ياخشىلىقلىرىنىمۇ قوبۇل قىلىپ، مۇكاپات بېرىدىغان، ئاز ياخشلىقنىمۇ مۇكاپاتسىز قويمايدىغان، ئازغىنە تائەت-ئىبادەتكە كۆپلەپ مۇكاپات بېرىدىغان زاتتۇر.1) [1.تفسير السعدي، زاد المسير]
وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ مِنَ الْكِتَابِ هُوَ الْحَقُّ مُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ بِعِبَادِهِ لَخَبِيرٌ بَصِيرٌ
31. (ئى پەيغەمبەر!) بىز ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان (ئاللاھ سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلغان) ئىلگىرىكى (ئىلاھىي) كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى ھەق كىتابتۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە خەۋەرداردۇر، ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بەك ياخشى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
قۇرئان ئىلگىرىكى ئىلاھىي كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى كىتاب بولغانلىقى ئۈچۈن، بىراۋنىڭ ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئىمان ئېيتقىنىنى داۋا قىلىپ قويۇپ، قۇرئاننى ئىنكار قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئۇنىڭ قۇرئاننى ئىنكار قىلىشى، ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئېيتقان ئىمانىنىمۇ يوققا چىقىرىدۇ. ئىلگىرىكى كىتابلاردا بايان قىلىنغان خەۋەرلەر ئارىسىدا قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرمۇ بار. (تفسير السعدي)
ثُمَّ أَوْرَثْنَا الْكِتَابَ الَّذِينَ اصْطَفَيْنَا مِنْ عِبَادِنَا ۖ فَمِنْهُمْ ظَالِمٌ لِّنَفْسِهِ وَمِنْهُم مُّقْتَصِدٌ وَمِنْهُمْ سَابِقٌ بِالْخَيْرَاتِ بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَضْلُ الْكَبِيرُ
32. ئاندىن بىز قۇرئاننى1 ئۆزىمىز تاللىغان بەندىلىرىمىزگە (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگىشىدىغان بۇ ئىسلام ئۈممىتىگە2) مىراس قىلىپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ بەزىسى (سەھىھ ئەقىدە ئۈستىدە بولغان تۇرۇقلۇق، كۇفۇرغا ئېلىپ بارمايدىغان گۇناھلارنى قىلىش ئارقىلىق3) ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر (ۋە بۇ گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلماستىن، ئۇ گۇناھلاردىن قول ئۈزمەستىن ۋاپات تاپقۇچىلاردۇر.4) بەزىسى ئوتتۇرا يولدا بولغۇچىلاردۇر (يەنى پەرز ئەمەللەرنى ئورۇنداپ، ھاراملاردىن قاچقۇچىلاردۇر5.) بەزىلىرى بولسا، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ياخشىلىقتا (يەنى جەننەتكە ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە يەتكۈزىدىغان سالىھ ئەمەللەردە6) ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكۈچىلەردۇر. مانا بۇ (يەنى ئاللاھنىڭ بۇ ئۈممەتنى قۇرئانغا مىراسخور قىلىشى7) بۈيۈك لۇتۇفتۇر. (1. زاد المسير 2. زاد المسير، تفسير ابن كثير، تفسير السعدي، تفسير الميسر 3.5. تفسير السعدي 6.4. زاد المسير 7. زاد المسير، تفسير السعدي)
«ياخشىلىقتا بەسلىشىپ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكۈچىلەردۇر» — بۇ زاتلار ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ ۋە ياخشى ئەمەللەرنى بار كۈچى بىلەن تىرىشىپ قىلىدۇ. نەتىجىدە باشقىلارنى كەينىدە قالدۇرۇپ قويىدۇ. بۇ زاتلار پەرزلەرگە قوشۇپ نەپلە ئەمەللەرنىمۇ كۆپلەپ قىلغۇچى؛ ھاراملارنى تەرك ئېتىش بىلەنلا قالماي، مەكرۇھ ئىشلارنىمۇ تەرك ئەتكۈچى زاتلاردۇر. (تفسير السعدي)
«ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن» — بۇ ياخشىلىقتا ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكۈچىلەر ئۈچۈندۇر. ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكۈچى بۇ خىل كىشىلەر ئۆز ئەمەللىرىدىن مەغرۇرلىنىپ قالمىغاي. ئەكسىچە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياخشىلىقتا ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشىنى پەقەتلا ئاللاھنىڭ يېتەكلىشى ۋە ياردىمى بىلەن، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققانلىقىنى بىلگەي. بۇ ۋەجىدىن، بۇ كىشىلەر ئاللاھ ئۆزىگە ئاتا قىلغان مانا بۇ بۈيۈك نېمەتلەر يۈزىسىدىن، ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت ئارقىلىق شۈكۈر ئېيتىش بىلەن مەشغۇل بولغاي. (تفسير السعدي) ياخشىلىقتا ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكۈچىلەر قىيامەت كۈنى سوئال-سوراقسىز جەننەتكە كىرگۈچىلەردۇر. ئىلىمىگە ئەمەل قىلدىغان، (رەسۇلۇللاھقا ۋە ساھابىلەرگە ئەڭ يۇقىرى رەۋىشتە ئەگىشىدىغان) رەببانىي ئالىملار ئىنسانلار ئارىسىدا مانا بۇ ياخشىلىقتا ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكۈچىلەر سۈپىتىگە ئەڭ ئاۋۋال لايىق بولغۇچى زاتلاردۇر. ئوتتۇرا يولدا بولغۇچىلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ھېسابى ئاسان بولىدۇ. (فسير ابن كثير)
جَنَّاتُ عَدْنٍ يَدْخُلُونَهَا يُحَلَّوْنَ فِيهَا مِنْ أَسَاوِرَ مِن ذَهَبٍ وَلُؤْلُؤًا ۖ وَلِبَاسُهُمْ فِيهَا حَرِيرٌ
33. (ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى) ئەدن جەننەتلىرىدۇر. ئۇلار ئەدن جەننەتلىرىگە كىرىپ، ئۇ جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەيزۈك ۋە ئۈنچىلەر بىلەن زىننەتلىنىدۇ. ئۇلار ئەدن جەننەتلىرىدە (ئەڭ ئالىي) يىپەك كىيىملەرنى كىيىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «دۇنيادا يىپەك كىيىم كىيگەن ئەر كىشى، ئاخىرەتنىڭ يىپەك كىيىمىنى كىيەلمەيدۇ.»
وَقَالُوا الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَذْهَبَ عَنَّا الْحَزَنَ ۖ إِنَّ رَبَّنَا لَغَفُورٌ شَكُورٌ
34. ئۇلار (جەننەتكە كىرگەندە) مۇنداق دەيدۇ: بىزدىن غەم-قايغۇنى كۆتۈرۈۋەتكەن ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن. بىزنىڭ رەببىمىز غەفۇردۇر (تەۋبىكارلارنى بەكمۇ مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر)، شەكۇردۇر (ئاز ياخشىلىققا كۆپ مۇكاپات بەرگۈچىدۇر.)
الَّذِي أَحَلَّنَا دَارَ الْمُقَامَةِ مِن فَضْلِهِ لَا يَمَسُّنَا فِيهَا نَصَبٌ وَلَا يَمَسُّنَا فِيهَا لُغُوبٌ
35. رەببىمىز بىزنى ئۆز پەزلى بىلەن مەڭگۈلۈك ماكانغا (نازۇ-نېمەتلىرى مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان، كىرگۈچىلەر چىقىرىۋېتىلمەستىن مەڭگۈ ياشايدىغان جەننەتلەرگە) يەرلەشتۈردى. بۇ يەردە ئەسلا ھېرىپ-چارچىمايمىز، ھەرگىز زېرىكىپ قالمايمىز.
وَالَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ نَارُ جَهَنَّمَ لَا يُقْضَىٰ عَلَيْهِمْ فَيَمُوتُوا وَلَا يُخَفَّفُ عَنْهُم مِّنْ عَذَابِهَا ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي كُلَّ كَفُورٍ
36. (ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بەرگەن خەۋەر، ۋەدىلىرىگە ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرۈش؛ مۆمىنلەرنىڭ يولىنى تەرك ئېتىش؛ رەسۇلۇللاھقا ئەگشىشتىن يۈز ئۆرۈش ئارقىلىق) كاپىر بولغانلار (مۆمىنلەر كىرگەن جەننەتكە ئەمەس) جەھەننەم ئوتىغا كىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھۆكۈم بېرىلمەيدۇ (ئۆلمىگەچكە، دوزاختىكى جازادىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايدۇ.) ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازا يېنىكلىتىلمەيدۇ. كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى مانا مۇشۇنداق جازالايمىز.
وَهُمْ يَصْطَرِخُونَ فِيهَا رَبَّنَا أَخْرِجْنَا نَعْمَلْ صَالِحًا غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ ۚ أَوَلَمْ نُعَمِّرْكُم مَّا يَتَذَكَّرُ فِيهِ مَن تَذَكَّرَ وَجَاءَكُمُ النَّذِيرُ ۖ فَذُوقُوا فَمَا لِلظَّالِمِينَ مِن نَّصِيرٍ
37. كاپىرلار دوزاختا «ئى رەببىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن (ۋە دۇنياغا قايتۇرغىن1)، ئىلگىرى قىلغان يامان قىلمىشلىرىمىزنىڭ ئەكسىچە، (كۇفۇرنىڭ ئورنىغا ئىماننى تاللايلى2،) سالىھ ئەمەللەرنى قىلايلى» دەپ نالە قىلىدۇ. (ئۇلارغا جاۋابەن شۇنداق نىدا قىلىنىدۇ:) سىلەرگە ئويلىنىدىغان كىشىنىڭ ئويلىنىپ ۋەز-نەسىھەت ئالالىغۇچىلىك يېتەرلىك ئۆمۈر بەرمىدىقمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەرگە (ھەقنى ۋە ئىماننى تەلىم بېرىدىغان؛ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ، كۇفۇرغا كىرگۈچىلەر دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ دەپ ۋەز-نەسىھەت قىلىدىغان) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەر كەلگەن ئىدى. (ئەمما، سىلەر ئاگاھلاندۇرغۇچىغا قۇلاق سالماستىن، كاپىر ھالىتىڭلاردا ئۆلدۈڭلار ۋە دوزاخقا لايىق بولدۇڭلار.) شۇڭىلاشقا، دوزاختىكى جازانى تېتىڭلار. (سىلەردەك) زالىملارنىڭ (ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قۇتقۇزىدىغان3) ياردەمچىلىرى يوقتۇر. [1.2.3.تفسير الميسر]
إِنَّ اللَّهَ عَالِمُ غَيْبِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
38. ئاللاھ ئاسمانلاردا ۋە يەردە مەخپىي بولغان جىمىي ئىش-ھادىسىلەرنى مۇتلەق رەۋىشتە بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ بەندىلەرنىڭ قەلبىدىكىلەرنىمۇ ئەڭ مۇكەممەل بىلگۈچىدۇر.
هُوَ الَّذِي جَعَلَكُمْ خَلَائِفَ فِي الْأَرْضِ ۚ فَمَن كَفَرَ فَعَلَيْهِ كُفْرُهُ ۖ وَلَا يَزِيدُ الْكَافِرِينَ كُفْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ إِلَّا مَقْتًا ۖ وَلَا يَزِيدُ الْكَافِرِينَ كُفْرُهُمْ إِلَّا خَسَارًا
39. سىلەرنى زېمىندا (بىر-بىرىڭلارغا1) ئورۇنباسار قىلغان زات ئاللاھتۇر. كىم كاپىر بولسا، ئۇنىڭ كاپىرلىقى ئۆزىنىڭ زىيىنىغا بولىدۇ. كاپىرلارنىڭ كۇفرى ئاللاھنىڭ يېنىدا ئۇلار ئۈچۈن پەقەت ئاللاھنىڭ غەزىپىنىلا ئاشۇرىدۇ. كاپىرلارنىڭ كۇپرى پەقەت ئۇلار تارتىدىغان زىياننىلا ئاشۇرىدۇ. [1. تفسير الميسر]
قُلْ أَرَأَيْتُمْ شُرَكَاءَكُمُ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِ اللَّهِ أَرُونِي مَاذَا خَلَقُوا مِنَ الْأَرْضِ أَمْ لَهُمْ شِرْكٌ فِي السَّمَاوَاتِ أَمْ آتَيْنَاهُمْ كِتَابًا فَهُمْ عَلَىٰ بَيِّنَتٍ مِّنْهُ ۚ بَلْ إِن يَعِدُ الظَّالِمُونَ بَعْضُهُم بَعْضًا إِلَّا غُرُورًا
40. (ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى: ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! سىلەر ئاللاھنى تاشلاپ چوقۇنىۋاتقان شىركلىرىڭلار زېمىندا زادى نېمىنى ياراتتى؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بولغان شىرىكلىكى ئاسمانلاردىمۇ؟ ياكى بىز ئۇلارغا كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار شۇ كىتابتىكى دەلىللەرگە تايىنىپ (تۇرۇپ بىزگە شىرك قوشۇۋاتامدۇ)؟ ئۇنداق ئىش يوق. زالىملار بىر-بىرىگە پەقەت يالغان ۋەدىلەرنى بېرىشىدۇ.
إِنَّ اللَّهَ يُمْسِكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ أَن تَزُولَا ۚ وَلَئِن زَالَتَا إِنْ أَمْسَكَهُمَا مِنْ أَحَدٍ مِّن بَعْدِهِ ۚ إِنَّهُ كَانَ حَلِيمًا غَفُورًا
41. ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىنى چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلاپ تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئاسمان ۋە زېمىن چۈشۈپ كەتسە، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ئۇ ئىككىسىنى تۇتۇپ تۇرالمايدۇ. شۈبىھسىزكى، ئاللاھ ھەلىمدۇر (كاپىرلارنى مەڭگۈلۈك جازالاشنى تاكى قىيامەتكە قەدەر كېچىكتۈرگۈچىدۇر.1) غەفۇردۇر. (گۇناھتىن يېنىپ تەۋبە قىلىپ، ئاللاھقا باغلانغۇچىلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلغۇچدۇر.2) [1.2.تفسير السعدي]
وَأَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ لَئِن جَاءَهُمْ نَذِيرٌ لَّيَكُونُنَّ أَهْدَىٰ مِنْ إِحْدَى الْأُمَمِ ۖ فَلَمَّا جَاءَهُمْ نَذِيرٌ مَّا زَادَهُمْ إِلَّا نُفُورًا
42. قۇرەيش كاپىرلىرى (پەيغەمبەرلىكتىن ئىلگىرى) ئەگەر ئۆزلىرىگە بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەر كەلگەن تەقدىردە، جىمىي ئۈممەتلەرگە قارىغاندا ھەممىدىن بەك ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەڭ كۈچلۈك قەسەملەرنى ئىچىشتى. بىراق، ئۇلارغا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) كەلگىنىدە، (ئۇلار يۇقىرىقى قەسەملىرىگە ئەمەل قىلىشتىن ئۇ ياقتا تۇرسۇن1) بۇ (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلىشى) ئۇلارنىڭ ھەقتىن تېخىمۇ ئۇزاقلىشىشىنى كۈچەيتىۋەتتى. [1. تفسير السعدي]
اسْتِكْبَارًا فِي الْأَرْضِ وَمَكْرَ السَّيِّئِ ۚ وَلَا يَحِيقُ الْمَكْرُ السَّيِّئُ إِلَّا بِأَهْلِهِ ۚ فَهَلْ يَنظُرُونَ إِلَّا سُنَّتَ الْأَوَّلِينَ ۚ فَلَن تَجِدَ لِسُنَّتِ اللَّهِ تَبْدِيلًا ۖ وَلَن تَجِدَ لِسُنَّتِ اللَّهِ تَحْوِيلًا
43. ئۇلار زېمىندا كىبىرلىنىپ، يامان پىلانلارنى قۇرۇش ئۈچۈن (ئەنە شۇنداق قەسەم قىلىشقان ئىدى.) يامان پىلان، ھىيلە-مىكىرلەر پەقەت ئۇنى تۈزگەنلەرنىڭ زىيىنىغا بولىدۇ. يامانلىق بىلەن ھىيلە-مىكىر تۈزگۈچىلەر پەقەتلا ئىلگىرىكىلەرگە كەلگەن (يەنى پەيغەمبەرلەر بىلەن قارشىلاشقۇچىلارغا ئاللاھنىڭ ھالاكىتى كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى) قانۇنىيەتنى كۈتەمدۇ؟ سەن ئاللاھنىڭ (زالىملارنى جازالاش) قانۇنىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش تاپالمايسەن. سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىدە ھەرگىزمۇ قېيىپ كېتىشنى (يەنى جازاغا تېگىشلىكلەرنى جازالىماي، جازاغا تېگىشلىك بولمىغانلارنى جازالاشنى) تاپالمايسەن.
أَوَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ وَكَانُوا أَشَدَّ مِنْهُمْ قُوَّةً ۚ وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُعْجِزَهُ مِن شَيْءٍ فِي السَّمَاوَاتِ وَلَا فِي الْأَرْضِ ۚ إِنَّهُ كَانَ عَلِيمًا قَدِيرًا
44. (پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئىنتايىن يامان ئاقىۋەتكە سەۋەب بولىدىغانلىقىغا چىنپۈتمەيۋاتقان مەككە كاپىرلىرى1) زېمىننى ئايلىنىپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ياشىغان، كۈچ-قۇۋەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن بولغان (ئاد، سەمۇد ۋە شۇ خىلدىكى2) قەۋملەرنىڭ (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىپ، ئىماندىن يۈز ئۆرىگەنلىكى سەۋەبلىك) قانداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولغانلىقىغا قارىمامدۇ؟ ئاسمانلاردىمۇ، زېمىندىمۇ ئاللاھنى ئاجىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويالايدىغان ھېچقانداق كۈچ يوقتۇر. (ئۇنداق ئىكەن قۇرەيش كاپىرلىرىنىمۇ، باشقا كاپىرلىرىنىمۇ ھالاك قىلىش ئاللاھقا بەكمۇ ئاساندۇر.) شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممە ئىشقا كۈچى يەتكۈچىدۇر. [1.2. تفسير الميسر]
وَلَوْ يُؤَاخِذُ اللَّهُ النَّاسَ بِمَا كَسَبُوا مَا تَرَكَ عَلَىٰ ظَهْرِهَا مِن دَابَّةٍ وَلَٰكِن يُؤَخِّرُهُمْ إِلَىٰ أَجَلٍ مُّسَمًّى ۖ فَإِذَا جَاءَ أَجَلُهُمْ فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِعِبَادِهِ بَصِيرًا
45.ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى قىلغان گۇناھ-جىنايەتلىرى سەۋەبلىك دەرھال جازلايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە ھەرىكەت قىلىدىغان بىرمۇ جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى. ھالبۇكى، ئاللاھ (ئىنسانلارنى گۇناھى ئۈچۈن دەرھال جازالىماستىن)، ئۇلارنى جازالاشنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە كېچىكتۈرىدۇ. ئۇلارنى جازلاش ۋاقتى كەلگەندە (ئاللاھ ئۇلارغا لايىق جازانى ئەلۋەتتە بېرىدۇ.) ئاللاھ تائالا بەندىلىرى قىلىۋاتقان ھەممە ئىشنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.