36-سۈرە ياسىن
مەككىدە نازىل بولغان، 83 ئايەت
فۇرقان دەۋەت مەركىزى
يس
1. ياسىن
وَالْقُرْآنِ الْحَكِيمِ
2. (ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەدكە نازىل قىلغان،) ھېكمەتلەرگە تولۇپ تاشقان قۇرئان بىلەن قەسەمكى،
إِنَّكَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ
3. (ئى مۇھەممەد!) سەن (ئاللاھ ۋەھىي بىلەن ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن1) پەيغەمبەرلەردىن بىرىسەن.
عَلَىٰ صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ
4. سەن ھېچبىر خاتالىقى بولمىغان توغرا يول ئۈستىدىسەن.
تَنزِيلَ الْعَزِيزِ الرَّحِيمِ
5. (قۇرئان ساڭا) كاپىرلاردىن ۋە ئىسيانكارلاردىن ئىنتىقام ئالغۇچى، ئەسلا يېڭىلمەيدىغان چەكسىز كۈچ-قۇدرەت ساھىبى؛ تەۋبىكار، سالىھ ئەمەل ساھىبلىرىغا بەكمۇ مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك بولغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان.
لِتُنذِرَ قَوْمًا مَّا أُنذِرَ آبَاؤُهُمْ فَهُمْ غَافِلُونَ
6. (قۇرئان) ئاتا-بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغان، (بۇ ۋەجىدىن ئىماننى بەجا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ تەقەززاسى بولغان سالىھ ئەمەللەرنى ئورۇنداشنىڭ ئورنىغا1) غەپلەت ئىچىدە (يەنى جاھالەتنىڭ، ئازغۇنلۇقنىڭ ۋە كۇفرىنىڭ قورشاۋىدا2) قالغان قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن (نازىل قىلىنغان.) [1.تفسير الميسر 2.تفسير السعدي]
لَقَدْ حَقَّ الْقَوْلُ عَلَىٰ أَكْثَرِهِمْ فَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
7. (مەككىلىك1) كاپىرلارنىڭ كۆپىنچىسىگە (ھەق كەلگەندىن كېيىن ئۇنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى2) ھۆكۈم راستتىنلا ھەق بولدى. شۇڭىلاشقا ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ. (ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بەرگەن خەۋەرلەرنى تەستىقلىمايدۇ، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلمايدۇ.3) [1. زاد المسير 2.3. تفسير الميسر]
إِنَّا جَعَلْنَا فِي أَعْنَاقِهِمْ أَغْلَالًا فَهِيَ إِلَى الْأَذْقَانِ فَهُم مُّقْمَحُونَ
8. بىز (بەئەينى) ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تۆمۈر ھالقىلار تاقىدۇق، ئۇ ھالقىلار ئۇلارنىڭ ئېڭەكلىرىگىچە قىسىپ تۇرىدۇ. بۇ سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ باشلىرى تىك ھالدىدۇر. (باشلىرىنى ئېگەلمەيدۇ. ھەقنى قاتتىق ئىنكارقىلىپ، كاپىرلىقتا چىڭ تۇرۇۋالغان بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ھالى يۇقىرىدا مىسال كەلتۈرۈگەن كىشىلەرنىڭ ھالىغا ئوخشاش بولۇپ، بوينىغا تاقاق سېلىپ قويۇلغانلىقى تۈپەيلى بېشىنى ئېگەلمەيدىغان كىشىلەر نۇرغۇن پايدا-مەنپەئەتلەردىن مەھرۇم قالغىنىدەك؛ ھەقنى ئىنكار قىلىپ، ھەقكە باش ئەگمىگەن كاپىرلار ئىماندىن مەنپەئەتلىنەلمەيدۇ، ھىدايەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەڭ چوڭ بەخت-سائادەتتىن مەھرۇم قالىدۇ.1) [1. تفسير ابن كثير، تفسير البغوي، تفسير الميسر]
وَجَعَلْنَا مِن بَيْنِ أَيْدِيهِمْ سَدًّا وَمِنْ خَلْفِهِمْ سَدًّا فَأَغْشَيْنَاهُمْ فَهُمْ لَا يُبْصِرُونَ
9. (ئۇلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە قاتتىق دۈشمەنلىك قىلىپ، تىنماستىن ھەقكە قارشى چىققانلىقى سەۋەبلىك، ئۇلارنى جازالاش يۈزىسىدىن) بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر توسۇق، ئارقىسىدا بىر توسۇق قىلدۇق. (بۇ توسۇقلار ئۇلارنى ئىماندىن، ھىدايەتتىن ۋە ياخشىلىقتىن توسۇپ تۇرىدۇ.) ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلىدۇق، بۇ ۋەجىدىن ئۇلار (ھەقىقەت نۇرىنى) كۆرەلمەيدۇ.
وَسَوَاءٌ عَلَيْهِمْ أَأَنذَرْتَهُمْ أَمْ لَمْ تُنذِرْهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
10. (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرساڭمۇ، ئاگاھلاندۇرمىساڭمۇ بەرىبىر ئوخشاش، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ.
إِنَّمَا تُنذِرُ مَنِ اتَّبَعَ الذِّكْرَ وَخَشِيَ الرَّحْمَٰنَ بِالْغَيْبِ ۖ فَبَشِّرْهُ بِمَغْفِرَةٍ وَأَجْرٍ كَرِيمٍ
11. سەن پەقەت زىكىرگە ئەگەشكەن (يەنى قۇرئاندىكى ھۆكۈملەرگە ۋە سەن باشلىغان يولغا ئەگىشىدىغان)، ئۆزىنى ھېچكىم كۆرمىگەن جايدا ئاللاھتىن قورقىدىغان1 (يەنى يالغۇز قالغاندىمۇ گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن ئۇزاق تۇرىدىغان) كىشىنىلا ئاگاھلاندۇرالايسەن. (يەنى سېنىڭ تەلىماتلىرىڭ مانا مۇشۇنداق كىشىلەرگىلا پايدا بېرىدۇ.2 ئەنە شۇلارلا سېنىڭ تەلىماتلىرىڭدىن مەنپەئەتلىنىپ ھەم دۇنيانىڭ، ھەم ئاخىرەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى قولغان كەلتۈرەلەيدۇ.) سەن مانا مۇشۇنداق كىشىگە ئاللاھنىڭ مەغفىرىتى ۋە كاتتا مۇكاپات بىلەن (يەنى نازۇ-نېمەتلىك جەننەت بىلەن) خۇش-خەۋەر بەرگىن. [1.تفسير الميسر 2. تفسير سعدي]
إِنَّا نَحْنُ نُحْيِي الْمَوْتَىٰ وَنَكْتُبُ مَا قَدَّمُوا وَآثَارَهُمْ ۚ وَكُلَّ شَيْءٍ أَحْصَيْنَاهُ فِي إِمَامٍ مُّبِينٍ
12. شەكسىزكى، بىز (قىيامەت قايىم بولغان چاغدا) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز. بىز ئۇلار (دۇنيا ھاياتىدا) قىلغان (بارچە ياخشى-ياكى يامان) ئەمەللەرنى، شۇنداقلا (ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ1) ئۇلار قالدۇرۇپ قويغانلارنى (يەنى قالدۇرۇپ قويغان پايدىلىق ئىلىم، سالىھ پەرزەنت، ياكى سەدىقە جارىيە سەۋەبتىن ئۇلارغا يېتىدىغان ياخشىلىقلارنىڭ ساۋابىنى؛ ياكى يامانلىقلارنىڭ جىنايىتىنى2) خاتىرلەپ ماڭىمىز. (شۇنداقلا قىلغان ياخشى يامان ئەمەللىرىنىمۇ، ماڭغان ھەر بىرى قەدىمىنىمۇ خاتىرىلەپ قويىمىز.3) بىز ھەممە نەرسىنى (ۋە ھەممە ئىشنى) بىر ئوچۇق كىتابقا (يەنى لەۋھۇلمەھفۇزغا4) خاتىرىلەپ قويغانمىز. [1.2. تفسير ابن كثير، تفسير الميسر 3.تفسير ابن كثير 4. تفسير السعدي]
«ئۇلار قىلغان ئەمەللەرنى، شۇنداقلا ئۇلار قالدۇرۇپ قويغانلارنى خاتىرىلەپ ماڭىمىز» — يەنى ئۇلار قىلغان ياخشى يامان ئەمەللەرنى ۋە ئۇلارنىڭ قەدەم ئىزلىرىنى يېزىپ ماڭىمىز. بۇ ۋەجىدىن، كىمكى ئۆزى قالدۇرغان ئىزنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت يولىدىكى ئىز بولۇشىنى خالىسا، ئاللاھقا ئىتائەت ھېسابلىنىدىغان يوللارغا قەدەم ئاتسۇن. (ئىمام ئىبنى كەسىر)
ئىمام ئىبنى كەسىر يۇقىرىقى ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنۇ ھەدىسلەرنى نەقىل قىلغان:
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن ئۈچ ئىشتىن باشقا جەھەتتىكى ئەمىلى توختايدۇ. سەدىقە جارىيە، پايدىلىق ئىلىم، ئۆلگۈچىگە دۇئا قىلىدىغان سالىھ پەرزەنت.» (مۇسلىم 1631؛ بۇلۇغۇلمەرام 906)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى (باشقىلارغا) ياخشىلىقنى كۆرسىتىپ قويسا، شۇ ياخشىلىقنى قىلغۇچى ئېرىشكەن ساۋابنىڭ ئوخشىشىغا ئېرىشىدۇ.» (مۇسلىم 1893، تىرمىزى 2671،ئەبۇ داۋۇد 5129، ئەھمەد 4\129؛ ئەبۇ مەسئۇد ئەلبەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَنْ دَعَا إِلَى هُدًى كَانَ لَهُ مِنَ الأَجْرِ مِثْلُ أُجُورِ مَنْ تَبِعَهُ لاَ يَنْقُصُ ذَلِكَ مِنْ أُجُورِهِمْ شَيْئًا وَمَنْ دَعَا إِلَى ضَلاَلَةٍ كَانَ عَلَيْهِ مِنَ الإِثْمِ مِثْلُ آثَامِ مَنْ تَبِعَهُ لاَ يَنْقُصُ ذَلِكَ مِنْ آثَامِهِمْ شَيْئًا)) «كىم باشقىلارنى بىر توغرا ئىشقا چاقىرسا، ئۇ كىشى ئۆز چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلار ئېرىشكەن ساۋابىنىڭ ئوخشىشغا ئېرىشىدۇ. (شۇنىڭ بىلەن بىرگە) شۇ ياخشىلىققا ئەگەشكەنلەرگە بېرىلىدىغان ساۋابتىن ھېچنەرسە كېمىيىپ كەتمەيدۇ. كىم باشقىلارنى بىر ئازغۇنلۇققا\ گۇناھقا چاقىرسا، ئۇنىڭ ئازغۇن چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلارنىڭ گۇناھىنىڭ ئوخشىشى شۇ ئازغۇنلۇق\گۇناھقا چاقىرغۇچىغىمۇ بولىدۇ. (شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ چاقىرغان) ئازغۇنلۇققا ئاۋاز قوشقانلارغا يېزىلىدىغان گۇناھتىن ھېچنەرسە كېمىيىپ كەتمەيدۇ.»(ئەبۇ داۋۇد 4609)
يەنە بىر ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بەنى سەلەمە جەمەتىنىڭ پەيغەمبەر مەسجىدىكىگە يېقىن جايغا كۆچۈپ كەلمەكچى بولغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا «ئى بەنى سەلەمە جەمەتى! مەھەللەڭلەردە تۇرىۋېرىڭلار، (مېنىڭ مەسجىدىمگە كېلىش ئۈچۈن) باسقان قەدەم ئىزلىرىڭلار (پەرىشتىلەر تەرىپىدىن) يېزىلىپ ماڭىدۇ. مەھەللەڭلەردە تۇرىۋېرىڭلار، باسقان قەدەم ئىزلىرىڭلار يېزىلىپ ماڭىدۇ» دېگەن. (مۇسلىم 655؛ ئەھمەد 3\332؛ ئىبنى ھىببان 2024؛ جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن) [ھەدىسلەر ئۇيغۇرچە «ھەدىس خەزىنىسى تورى»دىن (hedisim.com) ئېلىندى]
وَاضْرِبْ لَهُم مَّثَلًا أَصْحَابَ الْقَرْيَةِ إِذْ جَاءَهَا الْمُرْسَلُونَ
13. (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارغا (يەنى سېنىڭ دەۋىتىنىڭنى رەت قىلىۋاتقان مۇشرىكلارغا) ئۆزلىرىگە پەيغەمبەرلەر كەلگەن بىر شەھەر ئاھالىسىنىڭ قىسسىسىنى مىسال كەلتۈرۈپ سۆزلەپ بەرگىن.
إِذْ أَرْسَلْنَا إِلَيْهِمُ اثْنَيْنِ فَكَذَّبُوهُمَا فَعَزَّزْنَا بِثَالِثٍ فَقَالُوا إِنَّا إِلَيْكُم مُّرْسَلُونَ
14. ئۆز ۋاقتىدا بىز ئۇ شەھەر ئاھالىسىگە ئىككى پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق (پەيغەمبەرلەر ئۇلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلدى.) ئۇلار بۇ ئىككى پەيغەمبەرنى (تېزلا) ئىنكار قىلدى. ئاندىن بىز ئۈچىنچى پەيغەمبەر ئەۋەتىپ ئۇ ئىككى پەيغەمبەرگە ياردەم بەردۇق. بۇ ئۈچ پەيغەمبەر شەھەر ئاھالىسىگە «بىز راستتىنلا سىلەرگە (ئاللاھ تەرىپىدىن) ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرمىز» دېدى (ۋە ئۇلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلدى1.) [1.تفسير ابن كثير]
قَالُوا مَا أَنتُمْ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُنَا وَمَا أَنزَلَ الرَّحْمَٰنُ مِن شَيْءٍ إِنْ أَنتُمْ إِلَّا تَكْذِبُونَ
15. شەھەر ئاھالىسى ئۇلارغا «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان. (سىلەرمۇ، بىزمۇ ئوخشاش ئىنسان تۇرساق، سىلەرگە ۋەھىي كېلىپ، بىزگە كەلمەسلىكى قانداق ئىش؟1) ئاللاھ (ۋەھىيدىن) ھېچنەرسە نازىل قىلغىنى يوق. سىلەر پەقەتلا يالغانچىلارسىلەر» دېيىشتى. [1.تفسير ابن كثير ]
قَالُوا رَبُّنَا يَعْلَمُ إِنَّا إِلَيْكُمْ لَمُرْسَلُونَ
16. (ئۇ ئۈچ پەيغەمبەر) رەببىمىز بىزنىڭ سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەر ئىكەنلىكىمىزنى بىلىدۇ، دېيىشتى.
وَمَا عَلَيْنَا إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
17. (پەيغەمبەرلەر) بىزنىڭ ۋەزىپىمىز پەقەتلا ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى سىلەرگە چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشتۇر (دېيىشتى).
قَالُوا إِنَّا تَطَيَّرْنَا بِكُمْ ۖ لَئِن لَّمْ تَنتَهُوا لَنَرْجُمَنَّكُمْ وَلَيَمَسَّنَّكُم مِّنَّا عَذَابٌ أَلِيمٌ
18. شەھەر ئاھالىسى ئېيتتى: بىز سىلەردىن بىزگە شۇملۇق ھېس قىلىۋاتىمىز. ئەگەر (بىزنى ئۆز دىنىڭلارغا) دەۋەت قىلىشتىن ۋاز كەچمىسەڭلار، چوقۇمكى سىلەرنى چالما-كېسەك قىلىمىز، (نەتىجىدە) بىزنىڭ قاتتىق ئېغىر جازايىمىزغا ئۇچرايسىلەر.
«بىز سىلەردىن شۇملۇق ھېس قىلىۋاتىمىز» — يەنى سىلەردەكلەر بىر شەھەرگە كىرسە، ئۇ شەھەر خەلقى چوقۇملا جازاغا ئۇچرايدۇ. (تفسير ابن كثير)
قَالُوا طَائِرُكُم مَّعَكُمْ ۚ أَئِن ذُكِّرْتُم ۚ بَلْ أَنتُمْ قَوْمٌ مُّسْرِفُونَ
19. شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن بىللە. سىلەرگە (ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشىڭلار ۋە جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈشۈڭلار ئۈچۈن ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىپ، سالىھ ئەمەل-ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈشۈڭلار ھەققىدە) ۋەز-نەسىھەت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن (شۇملۇق ھېس قىلدىڭلارمۇ؟ شۇ سەۋەبلىك بىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرمەكچىمۇسىلەر؟) ھەقىقەت شۇكى، سىلەر (ئىسياندا ۋە ئىنكاردا) ھەددىدىن ئاشقان قەۋم ئىكەنسىلەر.
وَجَاءَ مِنْ أَقْصَى الْمَدِينَةِ رَجُلٌ يَسْعَىٰ قَالَ يَا قَوْمِ اتَّبِعُوا الْمُرْسَلِينَ
20. (پەيغەمبەرلەر بىلەن شەھەر ئاھالىسى مۇنازىرىلىشىۋاتقان بۇ پەيتتە) شەھەرنىڭ يىراق يېرىدىن بىر كىشى (پەيغەمبەرلەرگە ھەمدەم بولۇش ئۈچۈن1) يۈگۈرگىنىچە يېتىپ كەلدى ۋە (قەۋمىنى پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىشقا تەشۋىق قىلىپ) مۇنداق دېدى: ئى قەۋمىم! سىلەر پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىڭلار، [1. تفسير ابن كثير]
اتَّبِعُوا مَن لَّا يَسْأَلُكُمْ أَجْرًا وَهُم مُّهْتَدُونَ
21. سىلەر ئۆزلىرى ھىدايەت ئۈستىدە بولغان، (سىلەرنى توغرا يولغان باشلىغانلىقى ئۈچۈن) سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايدىغان (بۇ) زاتلارغا ئەگىشىڭلار. (ۋە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇڭلار)
وَمَا لِيَ لَا أَعْبُدُ الَّذِي فَطَرَنِي وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
22. مەن (پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتتىم، پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتى بويىچە ئاللاھقا تەسلىم بولدۇم ۋە مۇسۇلمانلاردىن بولدۇم. مەن) قانداقمۇ مېنى يوقتىن بار قىلغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلماي!؟ سىلەر (جىمى ئىنسۇ-جىن قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان قىيامەت كۈنى1) ئاللاھقا قايتۇرۇلىسىلەر (ئاللاھ قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازا ياكى مۇكاپات بېرىدۇ.2) [1.2. تفسير ابن كثير]
أَأَتَّخِذُ مِن دُونِهِ آلِهَةً إِن يُرِدْنِ الرَّحْمَٰنُ بِضُرٍّ لَّا تُغْنِ عَنِّي شَفَاعَتُهُمْ شَيْئًا وَلَا يُنقِذُونِ
23. مەن (سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلاردەك1) ئاللاھتىن باشقىسىنى ئىلاھ قىلىۋالاتتىمۇ؟ (ئەگەر ئاللاھتىن باشقا بىرىنى ئىلاھ قىلىۋالسام، ئارقىدىن) ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىر زىياننى ئىرادە قىلسا، مەن ئاللاھنى تاشلاپ ئىلاھ قىلىۋالغۇچى، ئاللاھ ماڭا ئىرادە قىلغان زىياننى قايتۇرۇشتا ماڭا ھېچقانداق پايدا كەلتۈرەلمەيدۇ، ئۇلار (سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇ باتىل تەڭرىلەر) مېنى (دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە ماڭا يېتىدىغان زىياندىن) قۇتقۇزالمايدۇ. [1. تفسير ابن كثير]
إِنِّي إِذًا لَّفِي ضَلَالٍ مُّبِينٍ
24. (ئاللاھنى تاشلاپ، باشقىسىنى ئىلاھ قىلىۋالسام) راسستىنلا ئوچۇقتىن ئوچۇق ئازغان بولىمەن.
إِنِّي آمَنتُ بِرَبِّكُمْ فَاسْمَعُونِ
25. (ئى پەيغەمبەرلەر1) شەكسىزكى، مەن (سىلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن2) رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتتىم. سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار (ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا مۇشۇ سۆزلىرىم سەۋەبلىك ماڭا گۇۋاھ بۇڭلار.3) [1. 2.3. تفسير ابن كثير]
* قەۋمى ئۇنىڭ باتىل ئىلاھلارنى قامچىلىشى، ئۆزلىرىنى ھەقكە چاقىرىشى، شۇنداقلا ئۆزلىرى ئىنكار قىلىۋاتقان پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىشى سەۋەبلىك غەزەپناك بولۇشۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئۇنىڭغا يۇپۇرۇلۇپ كېلىپ، شۇ دەرىجىدە دەسسەپ-چەيلىدىكى، ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ ئۈچىيى مەقئىتىدىن سىرتقا چىقىپ كەتتى. نەتىجىدە ئۇ ھەق ئۈستىدە شەھىد بولدى. بۇ كىشىنىڭ ئىسمى ھەبىب ئىبنى نەججار ئىدى. [تفسير ابن كثير]
قِيلَ ادْخُلِ الْجَنَّةَ ۖ قَالَ يَا لَيْتَ قَوْمِي يَعْلَمُونَ
26. ئۇنىڭغا «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى (ۋە ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزدى1). ئۇ (جەننەتتە شۇنداق) دېدى: كاشكى قەمىم (مېنىڭ نازۇ-نېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزۈلگەنلىكىمنى) بىلگەن بولسىچۇ؟[1.تفسير ابن كثير]
بِمَا غَفَرَ لِي رَبِّي وَجَعَلَنِي مِنَ الْمُكْرَمِينَ
27. رەببىمنىڭ (ئۆزىگە ئىمان ئېيتىشىم، پەيغەمبەرلىرىنى تەستىقلىشىم سەۋەبلىك1) مېنى مەغفىرەت قىلغانلىقىنى، مېنى ھۆرمەتلىكلەر جۈملىسىدىن قىلغىنىنى (قەۋمىم بىلگەن بولسىچۇ! قەۋمىم رەببىمنىڭ ماڭا ئىمانىم سەۋەبلىك ئىنتايىن ئېسىل ئىنئاملارنى بەرگىنىنى، ماڭا جەننەتتىن ئورۇن بەرگىنىنى بىلسە، چوقۇم پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتقان، مۆمىنلەردىن بولغان بولاتتى، دەپ ئۈمىد قىلىپ كەتتى.2) [1.2.تفسير ابن كثير]
وَمَا أَنزَلْنَا عَلَىٰ قَوْمِهِ مِن بَعْدِهِ مِن جُندٍ مِّنَ السَّمَاءِ وَمَا كُنَّا مُنزِلِينَ
28. ئۇنىڭدىن كېيىن (يەنى ئۆزلىرىگە نەسىھەت قىلغان مۆمىن كىشىنى ئۆلتۈرۈشىدىن، پەيغەمبەرلەرنى تەرسالىق بىلەن ئىنكار قىلىشىدىن كېيىن؛ كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ، پەيغەمبەرلەرگە قارشى قوپقان ئۇ قەۋمىنى جازالىدۇق.1 لېكىن) ئۇنىڭ قەۋمىگە ئاسماندىن (پەرىشتىلەردىن تەشكىللەنگەن2) قوشۇن چۈشۈرمىدۇق. (بىز ھالاكەتكە لايىق بولغان قەۋملەرنى ھالاك قىلىدىغان چېغىمىزدا پەرىشتىلەردىن تەشكىللەنگەن قوشۇن3) چۈشۈرگۈچىلەردىن بولمىدۇق. (چۈنكى، ئۇلارنى ھالاك قىلىش پەرىشتىلەردىن تەشكىللەنگەن قوشۇن ئەۋەتىشتىن كۆپ ئاسان ئىدى.4)
[1.2.4. تفسير ابن كثير 3. تفسير الميسر]
إِن كَانَتْ إِلَّا صَيْحَةً وَاحِدَةً فَإِذَا هُمْ خَامِدُونَ
29. (بىزنىڭ بۇ قەۋمگە ئەۋەتكىنىمىز) پەقەتلا (جىبرىل پەرىشتىنىڭ1) بىر قېتىملىق ۋارقىرىغان ئاۋازدىن ئىبارەت بولدى. ئاقىۋەتتە ئۇلار باشتىن ئاياق ئۆلدى. [1. تفسير ابن كثير]
يَا حَسْرَةً عَلَى الْعِبَادِ ۚ مَا يَأْتِيهِم مِّن رَّسُولٍ إِلَّا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
30. (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغۇچى) ئاشۇ (بەدبەخت) قەۋملەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلارغا بىر پەيغەمبەر كەلسىلا، ئۇلار ئۇ پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىشتى.
أَلَمْ يَرَوْا كَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُم مِّنَ الْقُرُونِ أَنَّهُمْ إِلَيْهِمْ لَا يَرْجِعُونَ
31. ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى نۇرغۇن قەۋملەرنى ھالاك قىلغىنىمىزنى، بىز ھالاك قىلغان ئۇ قەۋملەرنىڭ ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتمىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟
وَإِن كُلٌّ لَّمَّا جَمِيعٌ لَّدَيْنَا مُحْضَرُونَ
32. ئۇلار (يەنى بىز ھالاك قىلغان ئاشۇ قەۋملەرنىڭ ۋە باشقا ئۈممەتلەرنىڭ) ھەممىسى (قىيامەت كۈنى قىلغان سالىھ ئەمىلىنىڭ مۇكاپاتىنى ئېلىش ياكى شىرك، گۇناھ ۋە جىنايەتلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىش ئۈچۈن1) بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئوپچە ھالدا ھازىر قىلىنىدۇ. [1.تفسير الميسر]
***
وَآيَةٌ لَّهُمُ الْأَرْضُ الْمَيْتَةُ أَحْيَيْنَاهَا وَأَخْرَجْنَا مِنْهَا حَبًّا فَمِنْهُ يَأْكُلُونَ
33. (كاپىر مۇشرىكلارغا ئاللاھنىڭ ئۆلۈمدىن كېيىن تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەردىن بىرى — (ئۈستىدە گۈل-گىياھ ئۈنمەيدىغان) ئۆلۈك زېمىندۇر. بىز ئۇنى (يامغۇر ياغدۇرۇش ئارقىلىق) تىرىلدۈرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۆسۈملۈكلەرنى (زىرائەتلەرنى، مېۋىلەرنى، كۆكتاتلارنى ۋە باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى) ئۆستۈرىمىز. ئۇلار ئۇنىڭدىن يەيدۇ. (ئۆلۈكلەرنى زېمىندىن تىرىلدۈرۈپ چىقىرىشىمىز بەئەينى ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈپ ئۇنىڭدىن ئۆسۈملۈك ئۆستۈرگىنىمىزدەكلا، بىز ئۈچۈن بەك ئاساندۇر.)
وَجَعَلْنَا فِيهَا جَنَّاتٍ مِّن نَّخِيلٍ وَأَعْنَابٍ وَفَجَّرْنَا فِيهَا مِنَ الْعُيُونِ
34. بىز زېمىندا يەنە خورمىلىق باغلارنى ۋە ئۈزۈملۈك باغلارنى يارىتىمىز؛ بىز زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېقىتىمىز.
لِيَأْكُلُوا مِن ثَمَرِهِ وَمَا عَمِلَتْهُ أَيْدِيهِمْ ۖ أَفَلَا يَشْكُرُونَ
35. (چەكسىز رەھمىتىمىز سەۋەبلىك، ئىنسانلارنىڭ) ئەنە شۇ مېۋىلىك باغلاردىن چىققان مېۋىلەردىن يېيىشى ئۈچۈن (شۇنداق قىلىمىز. بىز زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن) ئەنە شۇ نېمەتلەرنى ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن ياساپ چىققان ئەمەس. ئۇنداق ئىكەن، ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ھەقسىز ئاتا قىلغان ئاشۇ نېمەتلىرىگە دىلى بىلەن، تىلى بىلەن ۋە تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن) شۈكۈر قىلمامدۇ؟!
سُبْحَانَ الَّذِي خَلَقَ الْأَزْوَاجَ كُلَّهَا مِمَّا تُنبِتُ الْأَرْضُ وَمِنْ أَنفُسِهِمْ وَمِمَّا لَا يَعْلَمُونَ
36. زېمىندىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، ئىنسانلارنىڭ ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى جۈپتى بىلەن ياراتقان ئاللاھ بارچە ئەيىپ، نۇقسانلاردىن پاكتۇر.
وَآيَةٌ لَّهُمُ اللَّيْلُ نَسْلَخُ مِنْهُ النَّهَارَ فَإِذَا هُم مُّظْلِمُونَ
37. ئۇلارغا (ئاللاھنىڭ بىرلىك بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللىرىمىزدىن يەنە بىرى كېچىدۇر. كېچە كىرىشى بىلەن كۈندۈزنى يوق قىلىمىز، ئاقىۋەتتە ئۇلار قاراڭغۇلۇقتا قالىدۇ.
وَالشَّمْسُ تَجْرِي لِمُسْتَقَرٍّ لَّهَا ۚ ذَٰلِكَ تَقْدِيرُ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ
38. قۇياش ئۆزىگە بەلگىلەپ بېرىلگەن قارارگاھقا قاراپ (قىيامەتكە قەدەر توختىماستىن) ھەرىكەت قىلىدۇ1. بۇ مەخلۇقاتنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئىدارە قىلىدىغان چەكسىز-كۈچ قۇدرەت ئىگىسى2، ھەممىنى بىلگۈچى زات ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر. [1. تفسير ابن كثير 2. تفسير السعدي]
وَالْقَمَرَ قَدَّرْنَاهُ مَنَازِلَ حَتَّىٰ عَادَ كَالْعُرْجُونِ الْقَدِيمِ
39. ئايغا بىر قاتار مەنزىللەرنى تەيىن قىلدۇق (ئەنە شۇ مەنزىللەر بويىچە 12 ئاينىڭ مۇددىتى ھېسابلىنىدۇ1). ئاي ئاقىۋەتتە (شەكىل جەھەتتە) قۇرۇپ قالغان كونا خورما شېخىدەك بولۇپ قالىدۇ. (بۇ ھىلال ئاينىڭ ھالىتىدۇر.) [1. تفسير ابن كثير]
لَا الشَّمْسُ يَنبَغِي لَهَا أَن تُدْرِكَ الْقَمَرَ وَلَا اللَّيْلُ سَابِقُ النَّهَارِ ۚ وَكُلٌّ فِي فَلَكٍ يَسْبَحُونَ
40. قۇياشنىڭ ئايغا يېتىشىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس، كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشىمۇ (يەنى كۈندۈز تۈگىمەي تۇرۇپ، كېچىنىڭ كېلىۋېلىشى1) مۇمكىن ئەمەس. ھەر بىرى ئۆز ئوربىتىسىدا (سېستىمىلىق رەۋىشتە) ھەرىكەت قىلىدۇ. [1.تفسير الميسر]
وَآيَةٌ لَّهُمْ أَنَّا حَمَلْنَا ذُرِّيَّتَهُمْ فِي الْفُلْكِ الْمَشْحُونِ
41. (ئىبادەتكە پەقەت ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان، بەندىلەرگە ئېھسان قىلىدىغان زاتنىڭ يالغۇزلا ئاللاھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان1) يەنە بىر دەلىل (ئادەمنىڭ) ئەۋلادلىرىنى (تۈرلۈك مەخلۇقاتلار بىلەن) توشقان كېمىدە (يەنى نۇھنىڭ كېمىسىدە2) توشۇشىمىزدۇر. [1.تفسير الميسر 2.تفسير ابن كثير]
وَخَلَقْنَا لَهُم مِّن مِّثْلِهِ مَا يَرْكَبُونَ
42. كېمىگە ئوخشاش، ئۇلار (قاتناش ئۈچۈن) ئىشلىتىدىغان باشقا نەرسىلەرنىمۇ ياراتتۇق.
وَإِن نَّشَأْ نُغْرِقْهُمْ فَلَا صَرِيخَ لَهُمْ وَلَا هُمْ يُنقَذُونَ
43. ئەگەر بىز خالىساق ئۇلارنى (ئۆزى چىققان كېمىلەر ئېقىپ كېتىۋاتقان) سۇدا تۇنجۇقتۇرۇۋېتىمىز، نەتىجىدە ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچى بولمايدۇ، ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋالغۇچىمۇ بولمايدۇ.
إِلَّا رَحْمَةً مِّنَّا وَمَتَاعًا إِلَىٰ حِينٍ
44. پەقەتلا ئۇلارغا رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن، مۇئەييەن ۋاقىتقا قەدەر (دۇنيا ھاياتىدىن) پايدىلىنىشى ئۈچۈن (ئۇلارنى ھايات قالدۇرۇپ قويىمىز.1) [1.تفسير السعدي]
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ اتَّقُوا مَا بَيْنَ أَيْدِيكُمْ وَمَا خَلْفَكُمْ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
45. (ئازغۇنلۇق، شىرك ۋە گۇناھلار ئىچىدە ئۈزۈپ يۈرگەن بۇ مۇشرىكلارغا) ئاخىرەتتىكى دەھشەتلىك جازالاردىن ۋە دۇنيادا ئاللاھ سىلەرگە ئەۋەتىدىغان جازلاردىن1 (ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىسى بويىچە ئىش تۇتۇش ئارقىلىق) ساقلىنىڭلارىكى، بۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە نائىل بولغايسىلەر، دېيىلسە (ئۇلار بۇ ھەق نەسىھەتنى قوبۇل قىلمايدۇ.) [1. تفسير الميسر]
وَمَا تَأْتِيهِم مِّنْ آيَةٍ مِّنْ آيَاتِ رَبِّهِمْ إِلَّا كَانُوا عَنْهَا مُعْرِضِينَ
46. ئۇلارغا قاچانكى رەببىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەرسى كەلسە (يەنى ئۇلارنى ھەقكە يەتكۈزدىغان، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھەم ئاشكارا، ھەم يوشۇرۇن ھاللاردا تامامەن توغرا سۆزلۈپ ۋە ھەق ئۈستىدە ئىكەنلىكى كۆرسىتىدىغان بىرەر دەلىل ياكى مۆجىزە كەلسە)، ئۇلار چوقۇملا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ.
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ أَنفِقُوا مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ قَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِلَّذِينَ آمَنُوا أَنُطْعِمُ مَن لَّوْ يَشَاءُ اللَّهُ أَطْعَمَهُ إِنْ أَنتُمْ إِلَّا فِي ضَلَالٍ مُّبِينٍ
47. (كاپىرلارغا) «ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن رىزقتىن (پېقىر-مىسكىنلەرگە) سەرپ قىلىڭلار» دېيىلسە، كاپىرلار (بۇنى ئېيتقان) مۆمىنلەرگە «ئاللاھ خالىسا ئۆزى تائام بېرىدىغان كىشىلەرگە بىز تائام بېرەتتۇقمۇ؟ (بىزگە مۇشۇنداق نەرسىلەرنى بۇيرۇغىنىڭلارغا قارىغاندا) سىلەر (مۇسۇلمانلار) ھەقتىن ئوپئوچۇق ئاداشقان كىشىلەر ئىكەنسىلەر» دېيىشىدۇ.
ئىمام ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: يەنى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ پېقىر بولۇشىنى ئىرادە قىپتۇ. بۇنداق ئىكەن، بىز ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەك بېرىپ ھاجىتىدىن چىقىشتىن ئۇزاق تۇرۇشىمىز ئاللاھنىڭ ئۇلارنى پېقىر قىلغانلىقىدىكى ئىرادىسىگە ئۇيغۇن ئىش كۆرگەنلىكىمىز ھېسابلىنىدۇ، دېيىشىدۇ. [تفسير ابن كثير]
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ
48. كاپىرلار (قايتا تىرىلىشىنى يالغانغا چىقىرىپ، ئاللاھنىڭ جازاسىنىڭ تېز كېلىشىنى ئالدىرىتىشىپ): بۇ ۋەدە (يەنى قايتا تىرىلدۈرۈلىسىلەر ۋە كۇفۇر-شىرك، جىنايەتلىرىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلىلەر دېگەن ۋەدە) قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟ راستچىل بولساڭلار (ئېيتىڭلارچۇ قېنى؟)، دېيىشىدۇ.
مَا يَنظُرُونَ إِلَّا صَيْحَةً وَاحِدَةً تَأْخُذُهُمْ وَهُمْ يَخِصِّمُونَ
49. ئۇلار پەقەت ئۆز-ئارا جاڭجاللىشىپ تۇرغاندا ئۇلارغا كېلىدىغان دەھشەتلىك ئاۋازنىلا (يەنى سۈر پۈۋلەنگەندىكى ئاۋازنى1) كۈتىدۇ. [1.تفسير السعدي]
فَلَا يَسْتَطِيعُونَ تَوْصِيَةً وَلَا إِلَىٰ أَهْلِهِمْ يَرْجِعُونَ
50. (ئەنە شۇ ئاۋاز ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن يېتىپ كەلگىنىدە) ئۇلار ۋەسىيەت قىلىشقىمۇ، ئائىلىسىگە قايتىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ. (ئەكسىچە ئۆزى تۇرغان كوچا-بازارلاردا سۈرنىڭ ئاۋازى قۇلىقىغا كىرگەن ھامان ئۆلىدۇ.1) [1. تفسير الميسر]
وَنُفِخَ فِي الصُّورِ فَإِذَا هُم مِّنَ الْأَجْدَاثِ إِلَىٰ رَبِّهِمْ يَنسِلُونَ
51. (ئاللاھنىڭ ئەمر قىلىشى بىلەن پەرىشتە ئىسراپىل تەرىپىدىن) سۈرگە (ئىككىنچى قېتىم) پۈۋلەنگىنىدە ، ئۇلار (تىرىلدۈرىلىدۇ ۋە) قەبرىلىرىدىن چىقىپ رەببىگە (يەنى ئاللاھ كېلىپ مەخلۇقاتقا مۇكاپات ياكى جازا بېرىدىغان مەشھەرگاھ مەيدانىغا) قاراپ يۈگۈرىدۇ.
قَالُوا يَا وَيْلَنَا مَن بَعَثَنَا مِن مَّرْقَدِنَا ۜ ۗ هَٰذَا مَا وَعَدَ الرَّحْمَٰنُ وَصَدَقَ الْمُرْسَلُونَ
52. (مانا بۇ چاغدا قايتا تىرىلىشنى يالغانغا چىقارغان كاپىرلار قاتتىق قورقۇش ئىلىكىدە): «ۋاي ئېسىت! بىزنى ياتقان يېرىمىزدىن كىم قوپقۇزىۋەتتى؟» دېيىشىدۇ. (ئۇلارغا جاۋابەن) «بۇ راھمان تائالا ۋەدە قىلغان (قايتا تىرىلىش كۈنىدۇر)، پەيغەمبەرلەر (بۇ كۈننىڭ مۇتلەق رەۋىشتە يۈز بېرىلىدىغانلىقىنى تەبلىغ قىلىپ) توغرا ئېيتقاندۇر» دېيىلىدۇ.
إِن كَانَتْ إِلَّا صَيْحَةً وَاحِدَةً فَإِذَا هُمْ جَمِيعٌ لَّدَيْنَا مُحْضَرُونَ
53. (قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى) پەقەت بىر قېتىملىق دەھشەتلىك ئاۋاز بىلەنلا يۈز بېرىدۇ. ئەنە شۇ پەيتتە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ھوزۇرىمىزدا توپلانغان بولىدۇ.
فَالْيَوْمَ لَا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْئًا وَلَا تُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
54. ئۇ كۈندە ھېچكىم ھەر قانداق شەكىلدىكى ناھەقچىلىككە ئۇچرىمايدۇ. ئۇلار پەقەت (دۇنيادا) ئۆزلىرى قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ مۇكاپاتىغا ياكى جازاسىغا ئېرىشىدۇ.
إِنَّ أَصْحَابَ الْجَنَّةِ الْيَوْمَ فِي شُغُلٍ فَاكِهُونَ
55. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) جەننەتكە ئېرىشكۈچىلەر (جەننەتتە ساناپ-تۈگەتكۈسىز، خىلمۇ-خىل) نېمەتلەرگە غەرق بولىدۇ.
هُمْ وَأَزْوَاجُهُمْ فِي ظِلَالٍ عَلَى الْأَرَائِكِ مُتَّكِئُونَ
56. جەننەت ئەھلى ئۆز جۈپتلىرى بىلەن بىرلىكتە سايىلەر ئاستىدا تەختلەرگە يۆلىنىدۇ (ۋە تۈرلۈك جەننەت نېمەتلىرىدىن ھوزۇر ئالىدۇ.)
لَهُمْ فِيهَا فَاكِهَةٌ وَلَهُم مَّا يَدَّعُونَ
57. جەننەتتە ئۇلارغا تۈرلۈك مېۋىلەر بېرىلىدۇ. ئۇلارغا يەنە كۆڭلى تارتقان ھەر قانداق نەرسە بېرىلىدۇ.
سَلَامٌ قَوْلًا مِّن رَّبٍّ رَّحِيمٍ
58. بەكمۇ مېھرىبان رەب تائالا ئۇلارغا «سالام» دەپ سۆز ئارقىلىق سالام بېرىدۇ.
وَامْتَازُوا الْيَوْمَ أَيُّهَا الْمُجْرِمُونَ
59. (كاپىرلارنىڭ قىيامەتتىكى ھالىغا كەلسەك، مەشھەرگاھ مەيدانىدا ئۇلارغا) «ئى گۇناھكارلار! بۈگۈن بىر تەرەپكە ئايرىلىڭلار» دېيىلىدۇ. (يەنى ئۇلارنىڭ مۆمىنلەردىن ئايرىلىپ، ئايرىم سەپلەردە تۇرۇشى بۇيرۇلىدۇ.1) [1. تفسير السعدي]
أَلَمْ أَعْهَدْ إِلَيْكُمْ يَا بَنِي آدَمَ أَن لَّا تَعْبُدُوا الشَّيْطَانَ ۖ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُّبِينٌ
60. ئى ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرى! مەن سىلەرگە (ئەۋەتكەن كىتابلىرىم ئارقىلىق، پەيغەمبەرلىرىمنىڭ تىلى ئارقىلىق) «شەيتانغا ئىبادەت قىلماڭلار، شەيتان سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر» دېمىگەنمىدىم؟!
وَأَنِ اعْبُدُونِي ۚ هَٰذَا صِرَاطٌ مُّسْتَقِيمٌ
61. ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار (دېمىگەنمىدىم. كىشىنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىدىغان) توغرا يول مانا بۇدۇر.
وَلَقَدْ أَضَلَّ مِنكُمْ جِبِلًّا كَثِيرًا ۖ أَفَلَمْ تَكُونُوا تَعْقِلُونَ
62. شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن نەسىلنى ئازدۇرۇپ توغرا يولدىن چىقاردى. (شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىغا ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن، مېنىڭ ۋە پەيغەمبەرلىرىمنىڭ ئەمىر پەرمانلىرىغا چىڭ ئېسىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق جەننەتكە ئېرىشىش يولىدا) ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
هَٰذِهِ جَهَنَّمُ الَّتِي كُنتُمْ تُوعَدُونَ
63. (ئى مۇشرىكلار!) مانا بۇ سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان دوزاختۇر.
اصْلَوْهَا الْيَوْمَ بِمَا كُنتُمْ تَكْفُرُونَ
64. كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن بۈگۈن جەھەننەمگە كىرىڭلار. (دېيىلىدۇ.)
الْيَوْمَ نَخْتِمُ عَلَىٰ أَفْوَاهِهِمْ وَتُكَلِّمُنَا أَيْدِيهِمْ وَتَشْهَدُ أَرْجُلُهُم بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
65. بۇ كۈندە بىز ئۇلارنىڭ ئاغزىغا پېچەت ئۇرىمىز، ئۇلارنىڭ قىلغان جىنايەت ۋە گۇناھلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
***
وَلَوْ نَشَاءُ لَطَمَسْنَا عَلَىٰ أَعْيُنِهِمْ فَاسْتَبَقُوا الصِّرَاطَ فَأَنَّىٰ يُبْصِرُونَ
66. ئەگەر بىز خالىساق ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتكەن بولاتتۇق. ئۇلار يول تېپىشقا تىرىشاتتى. ئەمما، ئۇلار (كۆزلىرى كور بولغانلىقتىن) قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟
وَلَوْ نَشَاءُ لَمَسَخْنَاهُمْ عَلَىٰ مَكَانَتِهِمْ فَمَا اسْتَطَاعُوا مُضِيًّا وَلَا يَرْجِعُونَ
67. ئەگەر بىز خالىساق ئۇلار تۇرغان جايلىرىدىلا ئۇلارنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن (يەنى تاشقا ئايلاندۇرىۋەتكەن1) بولاتتۇق، ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ ئالدىغا مېڭىشقىمۇ، كەينىگە قايتىشقىمۇ كۈچى يەتمىگەن بولاتتى. [1.زاد المسير]
وَمَن نُّعَمِّرْهُ نُنَكِّسْهُ فِي الْخَلْقِ ۖ أَفَلَا يَعْقِلُونَ
68. كىمگە ئۇزۇن ئۆمۈر بەرسەك، ئۇنى ئەكسىگە قايتۇرۇۋېتىمىز. (يەنى ئەقلىنى ۋە تېنىنى ئاجىزلىتىۋېتىمىز.1 ئۇلار مۇشۇنداق قىلالىغان ئاللاھنىڭ ئۇلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىرلىقى توغرىسىدا2) ئەقلىنى ئىشلەتمەمدۇ؟ [1.تفسير السعدي 2. تفسير الميسر]
وَمَا عَلَّمْنَاهُ الشِّعْرَ وَمَا يَنبَغِي لَهُ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ وَقُرْآنٌ مُّبِينٌ
69. (رەسۇلىمىز مۇھەممەدنى «سەن شائىرسەن» دەپ بىلجىرلاۋاتقان ئى قۇرەيش كاپىرلىرى!1) بىز ئۇنىڭغا (يەنى رەسۇلىمىز مۇھەممەدكە) شېئىر ئۆگەتكىنىمىز يوق. ئۇنىڭغا شائىرلىق ياراشمايدۇ. ئۇ ئېلىپ كەلگىنى2 پەقەتلا (ئىلاھىي) ۋەز-نەسىھەتتۇر، ھەقىقەتنى ئوپئوچۇق بايان قىلىدىغان قۇرئاندۇر. [1.زاد المسير 2. تفسير السعدي]
- مەككە كاپىرلىرى بۇ قۇرئان شېئىردۇر، مۇھەممەد شائىردۇر، دەپ يالغاننى توقۇدى. نەتىجىدە يۇقىرىقى ئايەت نازىل بولدى. (زاد المسير)
- *«ئۇنىڭدا شائىرلىق قابىلىيىتى يوقتۇر» — رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە شائىرلىق قابىلىيىتىنىڭ بېرىلمەسلىكىدىكى سەۋەب، رەسۇلۇللاھقا شائىرلىق قابىلىيىتى بېرىلگەن بولسا، قەۋمىنىڭ قۇرئاندىن شۈبھىلىنىپ، ئۇ قۇرئاننى شائىرلىق قابىلىيىتىگە ئاساسلىنىپ توقۇدى، دېمەسلىكى ئۈچۈندۇر. (زاد المسير)
لِّيُنذِرَ مَن كَانَ حَيًّا وَيَحِقَّ الْقَوْلُ عَلَى الْكَافِرِينَ
70. (بۇ قۇرئان قەلبى) تىرىكلەر (يەنى مۇستەھكەم ئىمان ساھىبى مۆمىنلەر) ئۇنىڭ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلۇشى، كاپىرلارغا كېلىدىغان ئازابنىڭ ھەق بولۇشى ئۈچۈن نازىل قىلىندى.1 [1.تفسير الميسر]
أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّا خَلَقْنَا لَهُم مِّمَّا عَمِلَتْ أَيْدِينَا أَنْعَامًا فَهُمْ لَهَا مَالِكُونَ
71. ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز ئۇلار ئۈچۈن ئۆز قولىمىز بىلەن ياراتقان چارۋا ماللار ياراتتۇق. ئۇلار ئاشۇ چارۋا-ماللارنىڭ ئىگىلىرىدۇر.
وَذَلَّلْنَاهَا لَهُمْ فَمِنْهَا رَكُوبُهُمْ وَمِنْهَا يَأْكُلُونَ
72. بىز ئاشۇ چارۋا-ماللارنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. ئۇلار ئۇ ماللارنىڭ بەزىسىگە مىنىدۇ، بەزىسىنى يەيدۇ.
وَلَهُمْ فِيهَا مَنَافِعُ وَمَشَارِبُ ۖ أَفَلَا يَشْكُرُونَ
73. ئەنە شۇ چارۋا-ماللاردا ئۇلار ئۈچۈن (يەنى ئىنسانلار ئۈچۈن) تۈرلۈك مەنپەئەتلەر بار، يەنە تېخىمۇ چارۋا ماللاردىن ئىچىملىككە (سۈتكە) ئېرىشىدۇ. ئۇلار شۈكۈر قىلمامدۇ؟
وَاتَّخَذُوا مِن دُونِ اللَّهِ آلِهَةً لَّعَلَّهُمْ يُنصَرُونَ
74. مۇرشىكلار ياردەمگە ئېرىشىش ئۈمىدىدە ئاللاھتىن باشقا (باتىل ئىلاھلارنى ئاللاھقا شىرىك قىلىپ) تۇتۇۋالدى.
لَا يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَهُمْ وَهُمْ لَهُمْ جُندٌ مُّحْضَرُونَ
75. ھالبۇكى، مۇشرىكلار ئەنە شۇ باتىل ئىلاھلىرىغا (خىزمەت ئۈچۈن) تەييارلانغان ئەسكەرلەر بولۇشىغا قارىماستىن، باتىل ئىلاھلار مۇشرىكلارغا ھېچقانداق ياردەم بېرەلمەيدۇ.
فَلَا يَحْزُنكَ قَوْلُهُمْ ۘ إِنَّا نَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ
76. (ئى پەيغەمبەر) مۇشرىكلارنىڭ (سېنى ئىنكار قىلىشلىرى، ساڭا توقۇغان تۆھمەت خاراكتېرلىك1) سۆزلىرى سېنى غەمكىن قىلمىسۇن! (قەلبىڭنى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى بىلەن مەشغۇل قىلما!2) بىز ئۇلار يوشۇرۇۋاتقان ئىشلارنىمۇ، ئۇلار ئاشكارىلىغان ئىشلارنىمۇ بىلىپ تۇرىمىز. [1.2. تفسير السعدي]
أَوَلَمْ يَرَ الْإِنسَانُ أَنَّا خَلَقْنَاهُ مِن نُّطْفَةٍ فَإِذَا هُوَ خَصِيمٌ مُّبِينٌ
77. ئىنسان بىزنىڭ ئۇنى مەنىيدىن ياراتقانلىقىمىزغا (ئەقىل كۆزى بىلەن) قارىمامدۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇ (ئاللاھ بىلەن قارشىلاشقۇچى) ئاشكارا دۈشمەن بولدى.
وَضَرَبَ لَنَا مَثَلًا وَنَسِيَ خَلْقَهُ ۖ قَالَ مَن يُحْيِي الْعِظَامَ وَهِيَ رَمِيمٌ
78. كاپىر ئىنسان يەنە تېخى ئۆزىنىڭ قانداق يارىتىلغانلىقىنى ئۇنۇتقان ھالدا، بىز نازىل قىلغان ھەقكە قارشى بىزگە مىسال كەلتۈرۈپ «مانا بۇ چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى كىممۇ تىرىلدۈرەلىسۇن؟» دېدى.
قُلْ يُحْيِيهَا الَّذِي أَنشَأَهَا أَوَّلَ مَرَّةٍ ۖ وَهُوَ بِكُلِّ خَلْقٍ عَلِيمٌ
79. (ئى پەيغەمبەر! سەن ئۇنىڭغا) ئۇنى تۇنجى قېتىم يوقتىن بار قىلغان ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ. ئۇ بارچە يارىتىلغۇچىلارنى مۇكەممەل بىلگۈچىدۇر، دېگىن.
الَّذِي جَعَلَ لَكُم مِّنَ الشَّجَرِ الْأَخْضَرِ نَارًا فَإِذَا أَنتُم مِّنْهُ تُوقِدُونَ
80. ئاللاھ سىلەرگە يېشىل ياغاچتىن ئوت چىقىرىپ بەرگەن زاتتۇر. سىز ئەنە شۇ ئوت ئارقىلىق ئوت يېقىۋاتسىلەر.
أَوَلَيْسَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِقَادِرٍ عَلَىٰ أَن يَخْلُقَ مِثْلَهُم ۚ بَلَىٰ وَهُوَ الْخَلَّاقُ الْعَلِيمُ
81. ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زات ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى (يەنى ئىنسانلارنى ئەسلىدىكىگە ئوخشاش قىلىپ قايتا) يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە قادىر. ئاللاھ جىمىي مەۋجۇداتنى ياراتقان، جىمىي مەۋجۇتنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە بىلىدىغان زاتتۇر.
إِنَّمَا أَمْرُهُ إِذَا أَرَادَ شَيْئًا أَن يَقُولَ لَهُ كُن فَيَكُونُ
82. ئاللاھ بىرەر ئىشنىڭ ياكى بىرەر نەرسىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنى ئىرادە قىلسا «بول!» دەيدۇ-دە، ئۇ ئىش (ياكى نەرسە) دەرھال بولىدۇ (ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.)
فَسُبْحَانَ الَّذِي بِيَدِهِ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيْءٍ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
83. ھەممە نەرسىنىڭ ھۆكۈمدارلىقى قولىدا بولغان ئاللاھ بارچە ئەيىپ-نۇقساندىن پاكتۇر. سىلەر ئاللاھقا قايتۇرىلىسىلەر. (ئاندىن قىلمىش ئەتمىشلىرىڭلارنىڭ مۇكاپاتىنى ياكى جازاسىنى كۆرىسىلەر.)