نامازدا رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قول كۆتۈرمەسلىك ھەدىسلىرىنىڭ زەئىپلىكىنىڭ بايانى

رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قوللارنى كۆتۈرمەسلىك توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ زەئىپلىكى توغرىسىدا

ھەدىس خەزىنىسى تورى تەييارلىدى 
(hadisim.com | mujtehid.com)

ئىمام بۇخارى مۇنداق نەقىل قىلغان: مەشھۇر ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمارۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قوللىرىنى كۆتۈرمىگەن كىشىنى كۆرسە (ئېتىراز بىلدۈرۈش ۋە ئەدەپلەش يۈزىسىدىن) ئۇنىڭغا تاش ئاتاتتى. (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 17)

ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ بۈيۈك ساھابە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: (لَمْ يَكُنْ أَحَدٌ أَلْزَمَ لِطَرِيقِ النَّبِيِّ ﷺ وَلَا أَتْبَعَ مِنِ ابْنِ عُمَرَ)

«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يولىنى لازىم تۇتۇشتا ۋە ئۇ زاتقا ئەگىشىشتە ئىبنى ئۆمەردەك بىرى بولۇپ باقمىدى.» (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 17)

ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر (مالىكىي) رەھىمەھۇللاھ(ۋاپاتى: 423) مۇنداق بايان قىلغان: (چوڭ تابىئىن ئىمام) ئىبنى سىيرىن (ت: 32 ۋ:110) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «نامازنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدا قوللارنى كۆتۈرۈش نامازنىڭ كامالىتىدىندۇر. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز مۇنداق دېگەن: نامازنىڭ يۆتكىلىش ئورۇنلىرىدا قوللىرىمىزنى كۆتۈرمەي ناماز ئوقۇساق مەدىنىدە ئەدەپلىنەتتۇق.» (الاستذكار لابن عبد البر 1\411)

ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر (مالىكىي) رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: 423) ئوتتۇز ساھابىنىڭ رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان. (الاستذكار في شرح مذاهب علماء الأمصار، 1\410)

ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئەمىرى ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 256) رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قول كۆتۈرمەسلىكنىڭ سۈننەتتە ئورنى يوقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يازغان مەخسۇس ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: ( ولم يثبت عن أحد من أصحاب النبي صلى الله عليه وسلم أنه لم يرفع يديه)

«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ھېچقايسى بىرىدىن نامازدا (باشلاش تەكبىرىدە، رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا) قوللىرىنى كۆتۈرمىگەنلىكى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس يوق.»

[مەنبەسى: قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 7، 44؛ المجموع للنووي (3/399-406)، تلخيص الحبير للحافظ ابن حجر (1/221-223)]

ئىمام ئەبۇ داۋۇد (ۋ: ھ 275) رەھىمەھۇللاھ «سۇنەن ئەبۇ داۋۇد» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق نەقىل قىلغان:  ئەلقەمە مۇنداق دېدى: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد مۇنداق دېدى: (أَلَا أُصَلِّي بِكُمْ صَلَاةَ رَسُولِ اللهِ ﷺ، قَالَ: فَصَلَّى فَلَمْ يَرْفَعْ يَدَيْهِ إِلَّا مَرَّةً) «مەن سىلەرگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىزىنى ئوقۇپ بېرەيمۇ. ئۇ شۇنداق دەپ، ناماز ئوقۇدى ۋە قوللىرىنى پەقەت بىرلا قېتىم كۆتۈردى.» (ئەبۇ داۋۇد 748) ئىمام ئەبۇ داۋۇد بۇ رىۋايەتنى نەقىل قىلىپ بولۇپ، ئارقىسىدىنلا مۇنداق دېگەن: (هَذَا حَدِيثٌ مُخْتَصَرٌ مِنْ حَدِيثٍ طَوِيلٍ، وَلَيْسَ هُوَ بِصَحِيحٍ عَلَى هَذَا اللَّفْظِ) «بۇ ئۇزۇن بىر ھەدىستىن قىسقارتىلما بولۇپ، بۇ ھەدىس بۇ لەۋز بىلەن سەھىھ ئەمەس.»
ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك (ت: 128)  رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىبنى مەسئۇدتىن كەلگەن بۇ ھەدىس مەن ئۈچۈن سەھىھ ئەمەس. رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قول كۆتۈرگەن ھەدىسلەر مەن ئۈچۈن سەھىھتۇر. رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكى توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەر سانىنىڭ كۆپلۈكى، سەنەدلىرىنىڭ توغرا ۋە ئۈستۈنلىكى سەۋەبلىك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامازلىرىدا (رۇكۇدىن ئاۋۋال ۋە كېين) قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇۋاتقان ھالىتى مېنىڭ كۆز ئالدىمدا زاھىر بولىدۇ. (البيهقي: «السنن» (٢/‏٧٩) * ئىمام زەھەبى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ تەرجىمھالىدا مۇنداق دېگەن: ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك — شەيخۇل ئىسلام، زامانىسىنىڭ ئالىمى، تەقۋادارلارنىڭ ئەمىرى، مۇجاھىد… ئانىسى خارازىملىق ئىدى، دادىسى تۈرك ئىدى. ئىبنى مۇبارەك مۇھەددىسلەرنىڭ ئارىسىدا ئەمىيرۇل مۇئمىنىن ئىدى. (سير أعلام النبلاء 8\379)
ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر (مالىكىي) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدىدە ئاسىم ئىبنى كۇلەيب يالغۇز قالغان. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل بۇ رىۋايەتنى زەئىپ دەپ باھالاپ، تەنقىدلىگەن ۋە رەت قىلغان.» (ابن عبد البر في «التمهيد»٩/‏٢٩١)
ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ (شافىئىي) بۇ ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن: (ئىمام) ئىبنى ھىببان «ناماز» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ كۇفىلىكلەرنىڭ رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قوللارنى كۆتۈرۈشنى رەت قىلىشتا تايىنىدىغان ئەڭ كۈچلۈك دەلىلىدۇر. ھەقىقەتتە بۇ دەلىل قىلىپ تايىنىشقا يارىمايدىغان ئەڭ ئاجىز رىۋايەتتۇر. چۈنكى، بۇ رىۋايەتنىڭ (ئۇنىڭ دەلىل بولۇشىنى) يوققا چىقىرىدىغان ئىللەتلىرى بار.» (ابن حجر في«التلخيص الحبير» 1\402)
ئىمام بۇخارى «رەفئۇل يەدەين» ئەسىرىدە بۇ ھەدىس توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: وَيُرْوَى عَنْ سُفْيَانَ، عَنْ عَاصِمِ بْنِ كُلَيْبٍ، عَنْ عَبْدِ الرَّحْمَنِ بْنِ الْأَسْوَدِ، عَنْ عَلْقَمَةَ قَالَ: قَالَ ابْنُ مَسْعُودٍ: «أَلَا أُصَلِّي بِكُمْ صَلَاةَ رَسُولِ اللَّهِ ﷺ: فَصَلَّى وَلَمْ يَرْفَعْ يَدَيْهِ إِلَّا مَرَّةً
«ئىبنى مەسئۇد مەن سىلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىدەك ناماز ئوقۇپ بېرەيمۇ دەپ، ئاندىن ناماز ئوقۇدى ۋە قوللىرىنى پەقەت بىرلا قېتىم كۆتۈردى.»
ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل دېدىكى، يەھيا ئىبنى ئادەم مۇنداق دېدى: «مەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئىدرىسنىڭ (مۇشۇ ھەدىسنىڭ رىۋايەت زەنجىرىدىكى) ئاسىم ئىبنى كۇلەيبتىن مۇشۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان كىتابىغا قارىدىم. ئۇنىڭدا <كېيىن كۆتۈرمىدى> دېگەن ئىبارە يوق ئىدى.» ئىمام بۇخارى مۇنداق دەيدۇ: مانا بۇ بايان ئەڭ توغرىدۇر. چۈنكى، كىتاب (قا يېزىلغان ھەدىس) ئەھلى ئىلىمنىڭ نەزىرىدە (يادقا بايان قىلغاندىن) ساغلام دەپ قارىلىدۇ. كىشى بىر ھەدىسنى سۆزلەپ بولۇپ، كېيىن كىتابىغا قاراپ، ئاقىۋەتتە كىتابىغا يېزىلغىنىغا قايتىدۇ. (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة 28)

ئەھلى سۈننەتنىڭ ئىماملىرىدىن خەللال رەھىمەھۇللاھ «العلم» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق نەقىل قىلغان: ئىمام ئەھمەدتىن «نامازدىكى ھەر قايسى ئورۇنلاردا قوللارنى كۆتۈرۈشنى تەرك ئەتسە سۈننەتنى تەرك ئەتكەن بولامدۇ؟» دەپ سورىلىۋىدى، ئىمام ئەھمەد «سۈننەتنى تەرك ئەتتى دېمىگىن. بۇنداق قىلغان كىشى (ئۇنىڭدىن ئېشىپ) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ پېئىلىدىن يۈز ئۆرىدى» دېگەن. (رفع اليدين في الصلاة لابن القيم 1\275)
قازى ئەبۇ يەئلا رەھىمەھۇللاھ «الجامع الكبير» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق نەقىل قىلغان: مۇھەممەد ئىبنى مۇسا مۇنداق دېگەن: خۇراسانلىق بىر كىشى ئىمام ئەھمەدتىن «بىزدە ناماز ئوقۇغاندا رەفىيەد قىلىپ ئوقۇشقا بۇيرۇيدىغان زاتلار بار، شۇنداقلا رەفىيەد قىلىپ ئوقۇشتىن چەكلەيدىغان كىشىلەرمۇ بار (بۇنداقلارنىڭ ھۆكمى نېمە؟)» دەپ سورىۋىدى، ئىمام ئەھمەد «سېنىڭ نامازدا قوللىرىڭنى كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇشۇڭنى بىدئەتچىدىن باشقىسى چەكلىمەيدۇ، چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاشۇنداق ئوقۇيتتى (يەنى رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرەتتى.) ساھابە ئىبنى ئۆمەر رەفىيەت قىلماي ناماز ئوقۇغۇچىغا شېغىل تاش ئاتاتتى» دېگەن. [ذكرها في «العدة»: (١/ ٣٢٣)، ونقلها ابن مفلح في «الفروع»: (٢/ ٢٠٠)، وابن رجب في «الفتح»: (٤/ ٣٠٧)]

ئىمام ئەبۇ داۋۇد رەھىمەھۇللاھ «سۇنەن ئەبۇ داۋۇد» ناملىق ئەسىرىدە مۇنۇ رىۋايەتنى نەقىل قىلغان: ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبى لەيلا ھەدىس نەقىل قىلىپ دېدىكى، بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامازنى باشلاش تەكبىرىدە ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. رەسۇلۇللاھ شۇنىڭدىن كېيىن تاكى نامىزىنى تۈگەتكۈچە ئىككى قولىنى كۆتۈرمىدى.» (ئەبۇ داۋۇد 752) ئىمام ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىپ بولۇپ، ئارقىسىدىن مۇنداق دېگەن: بۇ سەھىھ ھەدىس ئەمەس.
ئىمام ئەبۇ داۋۇد بەررا ئىبنى ئازىبتىن باشقا بىر سەنەد بىلەن كەلگەن «نامازدا بىرلا قېتىم ئىككى قولىنى كۆتۈردى» دېيىلگەن رىۋايەتنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەقتىكى ھەدىسنى ھۇشەيم ۋە خالىد ئىبنى ئىدرىسمۇ يەزىد ئارقىلىق رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ رىۋايىتىدە «كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرمىدى» دېگەن لەۋز يوق. ئەبۇ داۋۇد سۇفيان سەۋرىنىڭ بەررا ئىبنى ئازىبتىن كەلگەن «كېيىن كۆتۈرمىدى» جۈملىسى بىلەن رىۋايەت قىلغان ھەدىس ھەققىدە «بۇرۇن كېيىن كۆتۈرمىدى» جۈملىسى يوق ئېدى، كېيىن قوشۇلۇپ قالدى، دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. (سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 751) بۇنى ئىمام بۇخارىمۇ «رەفئۇل يەدەين» ئەسىرىدە نەقىل قىلغان بولۇپ، ئىمام بۇخارىنىڭ بۇ ھەقتىكى نەقىللىرىدىكى مەزمۇن مۇنداق: بۇ مەزمۇندىكى ھەدىسنى نەقىل قىلغان شەيخ بەك قېرىپ كەتكەندە بۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان، ئەتراپىدىكىلەر «كېيىن كۆتۈرمىدى» دېيىشىپ ئۇنىڭ ئاغزىغا سېلىپ بەرگەندە، شەيخمۇ «كېيىن كۆتۈرمىدى» دەپ قوشۇپ رىۋايەت قىلغان.  (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 29)

ئىمام ئەبۇ داۋۇد ئىمام ئەھمەدنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شاگىرتلىرىدىن ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەدىس ئالىملىرىدىن، فەقىھلىرىدىن، شۇنداقلا ئەڭ تەقۋادارا زاتلىرىدىن ئىدى. ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەدىسنى ئاتايىن زەئىپلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن  نەقىل قىلىپ، ئارقىسىدىنلا زەئىپىكىنى بايان قىلغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق، بىر تۈركۈم كىشىلەر مۇشۇ ھەدىسكە تايىنىپ تۇرۇپ نامازدا بىرلا قېتىم قول كۆتۈرۈش يولىنى تۇتىۋالدى. بۇ بەئەينى دادىسى بالىسىغا «بالام، بۇ ئالما سېىپ قالغان ئالما، يەپ سالما» دەپ كۆسىتىپ تۇرۇپ دەپ بەرسە، بالىسى كېيىنكى كۈنلەردە ئوغرىلىقچە بېرىپ شۇ ئالمىنى يەۋالغاندەكلا بىر ئىشتۇر. ئاللاھ قۇرئاندا ئەقلىمىزنى ئىشلىتىشكە بۇيرۇغان. ھەدىسنى نەقىل قىلغان ھەدىس ئالىمى ئاتايىن بۇ ھەدىس زەئىپ دەپ، بۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىگۈزىۋاتسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇخارى مۇسلىمدا بۇنىڭ زىتىدا كۈچلۈك سەھىھ ھەدىسلەر تۇرسا، يەنىلا مۇشۇ زەئىپ ھەدىسكە تايىنىپ ئەمەل قىلىش يولىنى تۇتىۋېلىش ئەقىلنى ئىشلەتمىگەنلىك جۈملىسىدىن بولۇپ قالىدۇ.

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ  (ۋاپاتى: ھ 751-يىلى) «رفع اليدين في الصلاة» (نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش) ناملىق ئەسىرىدە يۇقىرىقى رىۋايەتنى بايان قىلىپ بولۇپ مۇنداق دېگەن: بۇ سەھىھ رىۋايەت ئەمەس. ھەدىس ئىماملىرى بۇ رىۋايەت ھەققىدە (سەلبىي) سۆز قىلغان. ئىمام ئىبنى مۇبارەك رەھىمەھۇللاھ «بۇ ھەدىس سەھىھ ئەمەس» دېگەن. (رفع اليدين في الصلاة 1\50)

ئىمام سۇفيان سەۋرىنىڭ رۇكۇ قىلىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قوللارنى كۆتۈرمەسلىكىنى تاللىغانلىقى ھەققىدىكى سۆز-چۆچەكلەر بۇ ئورۇنلاردا قوللىرىنى كۆتۈرمەيدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن دائىم كۆتۈرۈۋېلىنىدىغان بولغاچقا، ئىمام بۇخارى ئىمام سۇفيان سەۋرىنىڭمۇ مەزكۇر ئورۇنلاردا قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىنى سەھىھ سەنەد بىلەن بايان قىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:  بىزگە مۇھەممەد ئىبنى يەھيا مۇنداق سۆزلەپ بەردى: ئەلىي (ئىبنى مەدىينىي) مۇنداق دېدى: (مَا رَأَيْتُ أَحَدًا مِنْ مَشْيَخَتِنَا إِلَّا يَرْفَعُ يَدَيْهِ فِي الصَّلَاةِ) ئۇستازلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ نامازدا (باشلاش تەكبىرىدە، رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا) قوللىرىنى كۆتۈرىدىغانلىقى كۆردۈم.
(يۇقىرىقى باياننى ئاڭلىغان) ئىمام بۇخارى مۇنداق دەيدۇ: مەن (بۇنى ماڭا سۆزلەپ بەرگەن) مۇھەممەد ئىبنى يەھيادىن «سۇفيان سەۋرىمۇ قوللىرىنى كۆتۈرەمتى؟» دەپ سورىسام، «شۇنداق» دېدى. (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 17) دىققەت: ئىمام بۇخارى بۇ باياننى باشقا يەردە ئەمەس، رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرىدىغاندا قوللارنى كۆتۈرمەسلىكنىڭ سەھىھ سۈننەتكە زىت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يازغان مەخسۇس ئەسىرىدە بايان قىلماقتا.

ئىمام بۇخارى مۇنداق نەقىل قىلغان: ئىمام سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نامازدا تۇنجى قېتىمدىن باشقىسىدا قوللىرىنى كۆتۈرمىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان، ئاسىم ئىبنى كۇلەيبتىن كەلگەن رىۋايەتنى (ئىشەنچىلىك ئەمەس، زەئىپ دەپ) رەت قىلغان. (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 17)
ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل مۇنداق دېدى: (رَأَيْتُ مُعْتَمِرًا، وَيَحْيَى بْنَ سَعِيدٍ، وَعَبْدَ الرَّحْمَنِ، وَيَحْيَى، وَإِسْمَاعِيلَ: يَرْفَعُونَ أَيْدِيَهُمْ عِنْدَ الرُّكُوعِ، وَإِذَا رَفَعُوا رُءُوسَهُمْ) «مەن مۇئتەمىرنىڭ، يەھيا ئىبنى سەئىدنىڭ، ئابدۇراھمان (ئىبنى مەھدى) نىڭ، ئىسمائىلنىڭ رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە (رۇكۇدىن) بېشىنى كۆتۈرگەندە قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم.» (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 79) * بۇ يەردە ئىسمى كەچكەن زاتلار ئۆز دەۋرىنىڭ ۋە ئۆزىدىن كېيىن بارچە دەۋرلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئالىمىرىدىندۇر. سەھىھ سۈننەتلەر، ئىسلام شەرىئىتى بىزگە ئەنە شۇ زاتلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن. ئۇلار ئىمام ئەھمەدنىڭ ئۇستازلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئىمام ئەھمەد ئىمام بۇخارىنىڭ ئۇستازلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئىبنى مەسئۇدتىن، بەررا ئىبنى ئازىبتىن ۋە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نامازدا رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللارنى كۆتۈرۈش ھەققىدە (كەلگەن ھەدىس زەئىپ ھەدىستۇر. ئەمما) سەھىھ دەلىللەر مەۋجۇت بولغان تەقدىردە، ئۇلاردىن بۇ ھەقتە كەلگەن سەھىھ دەلىللەرمۇ يەنىلا ئۇ بىلمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن (يەنى ھەدىسشۇناسلىقنىڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىنى بىلمەيدىغان، شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سەھىھ سۈننەتلىرىگە ئۆز ئارزۇسىغا يارىشا تاللاپ تۇرۇپ ئەگىشىشنىڭ كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن) ئىللەتلىك ھەدىسلەر جۈملىسىدىن بولۇپ قالاتتى. چۈنكى بۇنداق كىشىلەر «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن بىر سۈننەت سەھىھ ھالدا يېتىپ كەلسە، لېكىن بىزنىڭ ئىماملىرىمىز ئۇ ھەدىسنى ئالمىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇنداق ھەدىسكە ئەمەل قىلىنمايدۇ» دېيىشىدۇ. ئۇلار (مۇشۇ خىل باتىل چۈشەنچىسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆز پېشىۋالىرى ئالمىغان، ئەمما سەھىھلىكى ئېنىق بولغان) ھەدىسلەرگە ئۆز رەيى بويىچە ئىللەت چاپلايدۇ. ۋەكى ئىبنى جەرراھ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (مَنْ طَلَبَ الْحَدِيثَ كَمَا جَاءَ فَهُوَ صَاحِبُ سُنَّةٍ، وَمَنْ طَلَبَ الْحَدِيثَ لِيُقَوِّيَ هَوَاهُ فَهُوَ صَاحِبُ بِدْعَةٍ) «كىم (سەھىھ) ھەدىسنى قانداق كەلگەن بولسا شۇ بويىچە تەلەپ قىلسا، بۇنداق كىشى سۈننەت ئەھلىدۇر. كىم ئۆز نەپسى-خاھىشىنى توغرىغا چىقىرىش ئۈچۈن تەلەپ قىلسا، بۇنداق كىشى بىدئەت ئەھلىدۇر.» يەنى كىشىنىڭ (سەھىھ) ھەدىس قايسى شەكىلدە يېتىپ كەلسە، ئۆزىنىڭ شەخسىي چۈشەنچىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، (شۇ ھەقتىكى) سەھىھ ھەدىسكە بويسۇنۇشى لازىم. سەھىھ ھەدىسكە ئىللەت ئارتىش ئارقىلىق ئۆز ھاۋايى-ھەۋىسىنى توغرىغا چىقىرىشقا تىركەشمەسلىكى لازىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((لَا يُؤْمِنُ أَحَدُكُمْ حَتَّى يَكُونَ هَوَاهُ تَبَعًا لَمَّا جِئْتُ بِهِ)) «سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ نەپسى خاھىشى مېنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىرىمگە ئۇيغۇنلاشمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.» مەئمەر (معمر) رەھىمەھۇللاھمۇنداق دېگەن: «ئىلىم ئەھلى ئىلگىرى ئۆتكەن زاتلاردۇر، ئىلگىرىكىلەر (قۇرئاننى، سۈننەتنى، فىقھنى، ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرىنى) ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. بۇلار بولسا كېيىنكىلەردۇر. بۇلارغا نىسبەتەن (يەنى ھەدىسنى نەپسى-خاھىشىغا توغرىلايدىغانلارغا نىسبەتەن) كېيىنكىلەر ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.» (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 37)

مۇناسىۋەتلىك پەتىۋا:
رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللارنى كۆتۈرۈش ھەققىدە يېتەرلىك جاۋاب | ئىمام بۇخارى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ