وَحَدَّثَنَا أَبُو بَكْرِ بْنُ أَبِي شَيْبَةَ، حَدَّثَنَا عَبْدُ اللَّهِ بْنُ إِدْرِيسَ، عَنْ حُصَيْنٍ، عَنْ عُمَارَةَ، بْنِ رُؤَيْبَةَ قَالَ رَأَى بِشْرَ بْنَ مَرْوَانَ عَلَى الْمِنْبَرِ رَافِعًا يَدَيْهِ فَقَالَ قَبَّحَ اللَّهُ هَاتَيْنِ الْيَدَيْنِ لَقَدْ رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم مَا يَزِيدُ عَلَى أَنْ يَقُولَ بِيَدِهِ هَكَذَا . وَأَشَارَ بِإِصْبَعِهِ الْمُسَبِّحَةِ .(رواە المسلم)
سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ جۈمە نامىزى بابىدا مۇنۇ ۋەقەلىك بايان قىلىنغان: ھۇسەيىندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: (ساھابە) ئۇمارە ئىبنى رۇۋەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىشر ئىبنى مەرۋاننىڭ مۇنبەردە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ: «ئاللاھ (خۇتبىدە كۆتۈرۈلگەن) بۇ قوللارنى قۇرۇتىۋەتسۇن. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (جۈمە خۇتبىسىدە دۇئا قىلسا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ئەمەس، كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ) مۇنداق قىلغىنىدىن باشقىنى كۆرمىدىم.» ئۇمارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇنداق دەپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلدى. | hedisim.com (مۇسلىم 873؛ ئەبۇداۋۇد؛ نەسائىي 1413؛ تىرمىزىي 515 )
بىشىر ئىبنى مەرۋان (74.-يىلى ۋاپات بولغان) — خەلىپە مەرۋان ئىبنى ھەكەمنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ، ئاكىسى ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان خەلىپە بولغاندا، بىشىر ئىبنى مەرۋان ئۇنىڭ ئورنىغا كۇفىگە ۋالىي بولغان. بىشىر ئىبنى مەرۋان جۈمە خۇتبىسىدە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ بىدئەت چىقارغاندا، ساھابە ئۇمارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا دەرھال بەددۇئا قىلىپ، بىدئەتكە ئاشكارا رەددىيە قايتۇرغان. ساھابىلەر دىنغا ئائىت بىر ئىشنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئايرىشتا، شۇ ماكان ۋە شۇ پەيتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۇنداق ئىشنى قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ئۆلچەم قىلاتتى. بىدئەت پەيدا قىلغۇچى قانچە چوڭ باشلىق، قانچە چوڭ ھۆكۈمران بولۇپ كەتسۇن دەرھال رەددىيە قايتۇراتتى. ئۇلار بىدئەتكە رەددىيە قايتۇرماسلىقنى — رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە قىلىنغان ئاسىيلىققا سۈكۈت قىلغانلىق ۋە بۇ ئاسىيلىققا شېرىكلەشكەنلىك دەپ بىلەتتى. كۈنىمىزدە، بىدئەتكە رەددىيە قايتۇرۇش «دىندا پىتنە تېرىغانلىق، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىنى بۆلگەنلىك» دەپ قارىلىدىغان يامان ھالەت شەكىللەندى. | hedisim.com