ھەدىس | تولۇق ھەج ۋە ئۆمرىگە باراۋەر كېلىدىغان ئىككى رەكئەتلىك نەپلە ناماز

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَنْ صَلَّى الفَجْرِ في جَماعَةٍ ثُمَّ قَعَدَ يَذْكُرُ اللَّهَ تَعالى حتَّى تَطْلُعَ الشَمْسُ ثُمَّ صَلَّى رَكْعَتَيْنِ كانَتْ كأجْرِ حَجَّةٍ وَعُمْرَةٍ تامَّةٍ تامةٍ تامةٍ)) «كىم بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇسا، ئاندىن تاكى كۈن چىققانغا قەدەر ئاللاھنى زىكىر قىلىپ ئولتۇرسا، ئاندىن (كۈن چىقىپ بولغاندىن كېيىن) ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسا، بۇ نامىزىنىڭ ساۋابى تولۇق بىر ھەج ۋە ئۆمرە قىلغاننىڭ ساۋابىغا تەڭداش بولىدۇ.» رەسۇلۇللاھ «تولۇق» كەلىمىسىنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان. hedisim.com (تىرمىزى 586؛ تىرمىزى ھەسەن دېگەن؛ بەغەۋى «شەرھۇس سۇننە» 3\220؛ ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 6222؛ نەۋەۋى «ئەلئەزكار» ناملىق ئەسىرىدە تىرمىزىنىڭ بۇ ھەدىسنى «ھەسەن» دەپ باھالىشىغا قوشۇلغان.) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ