مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ مۇنداق دەيتتى: ((اللَّهُمَّ إني أسألُكَ عِلْمًا نافِعًا، وعَمَلًا مُتَقَبَّلًا، وَرِزْقًا طَيِّبًا)) «ئى ئاللاھ! سەندىن پايدىلىق ئىلىم، (دەرگاھىڭدا) قوبۇل بولۇنىدىغان (سالىھ) ئەمەل ۋە پاك رىزق تىلەيمەن.» hedisim.com (ئەھمەد 44\294؛ ئىبنى ماجە 295؛ ئىبنۇس سۇننى 110؛ نەۋەۋى: «ئەلئەزكار» 192؛ ئىبنى ھەجەر «الفتوحات الربانية» 3\70 تە ھەسەن دېگەن؛ شۇئەيب ئارنائۇت «تخريج زاد المعاد» 2\342 دە ھەسەن دېگەن) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى