سەييىدۇل ئىستىغفار | ئىستىغفارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى

سەييىدۇل ئىستىغفار

شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «سەييىدۇل ئىستىغفار دۇئاسى مانا بۇدۇر: ((اللَّهُمَّ أَنْتَ رَبِّي، لاَإِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ، خَلَقْتَنِي وَأَنَا عَبْدُكَ، وَأَنَا عَلَى عَهْدِكَ وَوَعْدِكَ مَا اسْتَطَعْتُ، أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا صَنَعْتُ، أَبُوءُ لَكَ بِنِعْمَتِكَ عَلَىَّ وَأَبُوءُ لَكَ بِذَنْبِي، فَاغْفِرْ لِي، فَإِنَّهُ لاَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلاَّ أَنْتَ)) (مەنىسى: ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ رەببىمسەن! سەندىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. مېنى سەن ياراتتىڭ، مەن سېنىڭ قۇلۇڭمەن ۋە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە ئەمەل قىلىمەن. قىلمىش-ئەتمىشلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن. سېنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن، قىلغان گۇناھ-مەئسىيەتلىرىمنىمۇ ئېتىراپ قىلىمەن. مېنى مەغفىرەت قىلغىن، چۈنكى، گۇناھلارنى مەغفىرەت قىلىدىغان سەندىن باشقا ھېچكىم يوقتۇر.)

كىمكى مۇشۇ ئىستىغفارنى چىن قەلبىدىن ئىشىنىپ تۇرۇپ كۈندۈزى ئوقۇپ، كەچ كىرىشتىن ئاۋۋال ئۆلۈپ كەتسە جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ. كىمكى مۇشۇ ئىستىغفارنى (ئاخشىمىسى ياكى) كېچىسى ئوقۇپ، تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتسە جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 6306) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ