ھەدىس | بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتىنىڭ پەزىلىتى

ئەبۇ مەسئۇد بەردى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الآيتَانِ مِنْ آخِرِ سُورَةِ البقَرَةِ مَنْ قَرَأَ بِهِمَا في لَيْلَةٍ كَفَتَاهُ)) «بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتى ئۇنى كېچىسى ئوقۇغان كىشى ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر.» hedisim.com (بۇخارى 4008؛ مۇسلىم 807) * يەنى كۈندىلىك ئوقۇلىدىغان زىكىر سۈپىتىدە بۇ ئىككى ئايەت يېتەرلىك بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر. (ئەللامە سالىھ فەۋزان شەرھى)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ