ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ بىر قوشۇنغا ئەنسار ساھابىلەردىن بىرىنى باش قىلىپ بىر يەرگە ئەۋەتتى. كېيىن قوشۇن (بىر جايغا چۈشكۈن قىلىپ) ئوت ياقتى. ئەمىر قوشۇندىكىلەرنى «ئوتقا كىرىڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلدى. قوشۇندىكىلەرنىڭ بىر قىسىمى ئوتقا كىرىشكە تەمشەلدى، يەنە بىر قىسىمى بولسا «بىز ئوتتىن قاچقان (ۋە بۇ ۋەجىدىن مۇسۇلمان بولغانمىز)» دەپ ئوتقا كىرگىلى ئۇنىمىدى. (كېيىن) بۇ ئىش رەسۇلۇللاھقا خەۋەر قىلىنىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئوتقا كىرمەكچى بولغانلارغا «ئەگەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ ئوتقا كىرگەن بولساڭلار، قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئاشۇ ئوتتىن چىقالمىغان بولاتتىڭلار» دېدى. ئوتقا كىرىشكە ئۇنىمىغانلارغا بولسا (ئۇلارنى ماختاپ) ياخشى سۆز قىلدى. ئاندىن مۇنداق دېدى: «ئاللاھقا ئاسىي بولىدىغان ئىشلاردا (ھېچكىمگە) ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئىتائەت پەقەت توغرا ئىشتىلا بولىدۇ» دېدى. hedisim.com (مۇسلىم 1230؛ بۇخارى 6830؛ ئەبۇ داۋۇد 2625؛ سۇنەن نەسائىي 4205؛ نەسائىي: سۇنەن كۇبرا 7780؛ مۇسنەد ئەھمەد 724؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 906؛ ئىبنى مۇبارەك: مۇسنەد 264؛ بەززار: مۇسنەد 589) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ھەدىسنىڭ ئەرەبچە تېكىستى عَنْ عَلِيٍّ؛ إن رسول الله ﷺ بَعَثَ جَيْشًا وَأَمَّرَ عَلَيْهِمْ رَجُلًا. فَأَوْقَدَ نَارًا. وقال: ادخلوها. فأراد الناس أَنْ يَدْخُلُوهَا. وَقَالَ الْآخَرُونَ: إِنَّا قَدْ فَرَرْنَا مِنْهَا. فَذُكِرَ ذَلِكَ لِرَسُولِ اللَّهِ ﷺ فَقَالَ، لِلَّذِينَ أَرَادُوا أَنْ يَدْخُلُوهَا (لَوْ دَخَلْتُمُوهَا لَمْ تَزَالُوا فِيهَا إِلَى يَوْمِ الْقِيَامَةِ) وَقَالَ لِلْآخَرِينَ قَوْلًا حَسَنًا. وَقَالَ (لَا طَاعَةَ فِي مَعْصِيَةِ اللَّهِ. إِنَّمَا الطَّاعَةُ فِي المعروف).