جەننەت قەيەردە، ئەئراف قەيەردە، دوزاخچۇ؟

جەننەت قەيەردە، ئەئراف قەيەردە، دوزاخچۇ؟

ئىسلام سوئال – جاۋابلىرىnhi (islamqa.info) «318900» – نومۇرلۇق پەتىۋاسى

مۇجتەھىد تورى تەرييارلىدى

سوئال:

مەن جەھەننەمنىڭ يەتتىنچى قەۋەت زېمىندا ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇنداقتا، ئاللاھ تائالا ياخشىلىقلىرى بىلەن يامانلىقلىرى تەڭلەشكەنلەر ئۈچۈن تەييارلىغان، جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان «ئەئراف» رايونىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟ ئاللاھ تائالا ئۇنى سىرتىدا رەھمەت، ئىچىدە (يەنى دوزاخ تەرىپىدە) ئازاب بولغان، ئىشىكى بار بىر سېپىل دەپ تەسۋىرلىگەن تۇرسا؟ ئەگەر جەننەت يەتتىنچى قەۋەت ئاسماندا، جەھەننەم يەتتىنچى قەۋەت زېمىندا بولسا، ئەئراف قانداقمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سېپىل بولالايدۇ؟

جاۋاب:

بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

بىرىنچى:

دوزاخنىڭ ھازىرقى ئورنىغا كەلسەك: بۇنداق غەيبىي ئىشلاردا كەسكىن دەلىل قىلغىلى بولىدىغان مۇقىم تېكىست (نەس) يوق.

شۇڭا ئالىملار بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپلاشقان. بەزىلەر مەشھۇر قاراش بويىچە ئۇنى يەتتىنچى قەۋەت زېمىندا دېسە، بەزىلەر ئاسماندا دېگەن. يەنە بەزىلەر ئۆزرىگە يېتەرلىك كەسكىن دەلىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەسىلىدە (بىر نەرسە دېمەي) توختاپ تۇرغان.

«دۇررۇس سەننىييە»دىكى «ئەقىدە قامۇسى»دا مۇنداق كەلگەن:

«دوزاخ» (ئاللاھ بىزنى ئۇنىڭدىن ساقلىسۇن) ھەققىدە ئالىملار ئۇنى يەتتىنچى قەۋەت زېمىندا ياكى بىز ئۇنىڭ ئورنىنى بەلگىلەشكە قادىر ئەمەسمىز دەپ بايان قىلغان. «ئەقىدە قامۇسى»دا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇنىڭ ئورنىغا كەلسەك، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: ‹جەھەننەم يەتتىنچى قەۋەت زېمىندا› دېگەن.» (ئەبۇ نۇئەيم رىۋايىتى)

ئىبنى مەندە مۇجاھىدتىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن: ‹دوزاخ قەيەردە؟› دەپ سورىدىم. ئۇ: ‹بىرىنىڭ ئۈستىدە بىرى بولغان يەتتە دېڭىزنىڭ ئاستىدا› دېدى.»

ئىبنى خۇزەيمە ۋە ئىبنى ئەبى دۇنيا ئابدۇللاھ ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: «جەننەت ئاسماندا، دوزاخ زېمىندا» دەپ رىۋايەت قىلغان. ئىبنى ئەبىد دۇنيا قەتادىدىن رىۋايەت قىلىپ: «ئۇلار (يەنى ساھابىلەر) جەننەت يەتتە قەۋەت ئاسماندا، جەھەننەم يەتتە قەۋەت زېمىندا، دەيتتى» دېگەن. بەررا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە كاپىرلار ھەققىدە: «ئاللاھ ئېيتىدۇ: ئۇنىڭ نامە-ئەمالىنى ئەڭ تۆۋەن زېمىندىكى <سىججىن>غا يېزىڭلار، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ روھى ئۇ يەرگە تاشلىنىدۇ» دېيىلگەن. (ئىمام ئەھمەد ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان)

ئىمام ئەھمەد يەئلا ئىبنى ئۇمەييەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «دېڭىز ئۇ دەل جەھەننەمدۇر» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. (بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە ئىللەت بار.) كىشىلەر يەئلاغا: «دېڭىزغا چىقمامسەن؟» دېيىشكەندە، ئۇ: «سىلەر ئاللاھنىڭ ﴿بىز ئۇلارغا (كاپىرلارغا) تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان بىر ئوتنى تەييارلىدۇق﴾ (سۈرە كەھف، 29-ئايەت) دېگەن سۆزىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ يەئلانىڭ جېنى قولىدا بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، تاكى مەن ئاللاھقا يولۇققۇچە ئۇنىڭغا (دېڭىزغا) كىرمەيمەن، ماڭا ئۇنىڭدىن بىرەر تامچىمۇ تەگمىسۇن» دېگەن.

ھاپىز ئىبنى رەجەب مۇنداق دەيدۇ: «بۇ سۆز – ئەگەر سەھىھلىكى ئىسپاتلانغان تەقدىردە – قىيامەت كۈنى دېڭىزلارنىڭ پارتلىتىلىپ بىر دېڭىزغا ئايلىنىدىغانلىقىنى، ئاندىن قىزىتىلىپ ئوت بولىدىغانلىقىنى ۋە جەھەننەم ئوتىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿دېڭىزلار ئوتتەك قىزىتىلغان چاغدا﴾ (سۈرە تەكۋىر، 6-ئايەت) دېگەن سۆزىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەپسىر قىلىنغان». ئىبنى ئابباس: «دېڭىز ئوت يالقۇنىغا تولىدۇ» دېگەن. بۇنىڭ مەنىسى دېڭىز ئوتقا ئايلىنىدۇ، دېگەنلىكتۇر. ئۇنىڭدىن كەلگەن يەنە بىر رىۋايەتتە: «قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار دېڭىزدا بولىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا دەھشەتلىك بوران ئەۋەتىپ ئۇنى پۈۋلەيدۇ، ئاندىن ئۇ ئوتقا ئايلىنىدۇ» دېيىلگەن. بۇنى ئەبى دۇنيادىن ۋە ئىبنى ئەبۇ ھاتەم رىۋايەت قىلغان. 

ئۇ ئىككىسى يەنە ئۇنىڭدىن (يەنى ئىبنى ئابباستىن) ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿جەھەننەم ھەقىقەتەن كاپىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر﴾ [ئەنكەبۇت: 54] دېگەن سۆزى ھەققىدە (مۇنداق دېگەنلىكىنى) رىۋايەت قىلدى: «ئۇ دەل مۇشۇ دېڭىزدۇر، يۇلتۇزلار دېڭىزغا تاشلىنىدۇ، قۇياش ۋە ئايمۇ ئۇنىڭغا چۈشىدۇ.» بۇنى ئەبى دۇنيادىن ۋە ئىبنى ئەبۇ ھاتەم رىۋايەت قىلغان.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر يەھۇدىيغا: «جەھەننەم قەيەردە؟» دېدى. ئۇ (يەھۇدىي): «دېڭىزنىڭ ئاستىدا» دەپ جاۋاب بەردى. ئەلى: «توغرا ئېيتتى» دېدى، ئاندىن ﴿دېڭىزلار قىزىتىلغان (ۋە ئوتقا ئايلانغان) چاغدا﴾ [تەكۋىر: 6] دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى. بۇنى ئىبنى ئەبى ئىياس رىۋايەت قىلغان.

ئىبنى ئەبى ھاتىم ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، ئاللاھنىڭ ﴿دېڭىزلار قىزىتىلغان (ۋە ئوتقا ئايلانغان) چاغدا﴾ دېگەن سۆزى ھەققىدە مۇنداق رىۋايەت قىلدى. ئۇبەي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «جىنلار ئىنسانلارغا: ‹بىز سىلەرگە (بۇ توغرىلىق) خەۋەر ئېلىپ كېلەيلى› دېيىشتى-دە، دېڭىزغا قاراپ ماڭدى، ئاقىۋەتتە دېڭىزنى لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان ئوت ھالىتىدە كۆردى.»

«سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد»تا ئىبنى ئەمردىن مەرفۇئ ھالەتتە (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇتاشتۇرۇلغان ھالدا) مۇنداق رىۋايەت قىلىندى: «دېڭىزغا پەقەت ھەج قىلغۇچى، ياكى ئۆمرە قىلغۇچى، ياكى ئاللاھ يولىدا غازات قىلغۇچىلا چىقسۇن، چۈنكى دېڭىزنىڭ ئاستىدا ئوت بار، ئوتنىڭ ئاستىدا دېڭىز بار.»

دوزاخ ئاسمادا، دەپمۇ ئېيتىلغان. ئىمام ئەھمەد ھۇزەيفە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)دىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) مۇنداق دېگەن: «ماڭا بۇراق كەلتۈرۈلدى، تاكى مەن بەيتۇلمۇقەددەسكە كەلگۈچە، جىبرىئىل ۋە مەن (بۇراقتىن) چۈشمىدۇق. (ئۇ يەردە) ماڭا ئاسمان ئىشىكلىرى ئېچىلدى، مەن جەننەت ۋە دوزاخنى كۆردۈم».

يەنە ئۇنىڭ رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) مۇنداق دېگەن: «مەن سەپەر قىلدۇرۇلغان كېچىسى (يەنى مىراج كېچىسى) جەننەت ۋە دوزاخنى ئاسماندا كۆردۈم ۋە ﴿ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار ۋە سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر بار﴾ [زارىيات سۈرىسى، 22-ئايەت] دېگەن بۇ ئايەتنى ئوقۇدۇم، گوياكى مەن ئۇنى ئىلگىرى ھەرگىز ئوقۇپ باقمىغاندەك (ھېس قىلدىم.)»

لېكىن، بۇ ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش رىۋايەتلەردە دوزاخنىڭ ئاسمانلاردا ئىكەنلىكىگە دەلىل يوق، چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ دوزاخنى ئاسماندا تۇرۇپ كۆرگەن بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. مېيىت قەبرىسىدە تۇرۇپ جەننەت ۋە دوزاخنى كۆرىدۇ، ھالبۇكى جەننەت زېمىندا ئەمەس. پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ كۇسۇف (كۈن تۇتۇلۇش) نامىزى ئوقۇۋاتقاندا، زېمىندا تۇرۇپ ئۇ ئىككىسىنى كۆرگەنلىكى سەھىھ (رىۋايەت بىلەن) ئىسپاتلانغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رىۋايەت قىلغان ئىسرا ھەدىسىنىڭ بەزى بايانلىرىدا كەلگىنىدەك، پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) بەيتۇلمۇقەددەسكە كېتىۋېتىپ جەننەت ۋە دوزاخنىڭ ئورنىدىن ئۆتكەن. لېكىن بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ھېچبىرى جەننەتنىڭ زېمىندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ھۇزەيفەنىڭ ھەدىسىدە — ئەگەر سەھىھ بولسا — ئۇنىڭ جەننەت ۋە دوزاخنى ئاسماندا كۆرگەنلىكى ئېيتىلغان، دېمەك، ئاسمان كۆرۈلگەن نەرسىنىڭ ئورنى ئەمەس، بەلكى كۆرۈش ئورنىدۇر (يەنى كۆرگۈچى تۇرغان ئورۇن). باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ مەقسىتى: «مەن ئاسماندا تۇرغىنىمدا جەننەت ۋە دوزاخنى كۆردۈم» دېگەنلىكتۇر. ھەدىستە كۆرۈلگەن نەرسىلەرنىڭ ئورنى تىلغا ئېلىنمىغان.

مۇھەممەد ئەھمەد سەفرانىنىڭ «البحور الزاخرة في علوم الآخرة“ (3/ 1313) ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان نەقىل تۈگىدى.

ئابدۇللاھ ئىبنى سالامدىن رىۋايەت قىلىندىكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ئىچىدە ئەڭ ھۆرمەتلىكى ئەبۇل قاسىم (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) دۇر. جەننەت بولسا ئاسمانلاردىدۇر.» ئەبۇ نۇەيم رىۋايەت قىلغان.

ئۇ يەنە ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلىدۇكى، جەننەت يەتتىنچى ئاسماندا بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆزى خالىغان يەرگە قويىدۇ، دوزاخ بولسا يەتتىنچى زېمىندىدۇر.

ئىبنى مەسئۇد (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)دىن رىۋايەت قىلىندىكى، جەننەت تۆتىنچى ئاسماندا بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنى خالىغان يېرىگە قويىدۇ. دوزاخ يەتتىنچى زېمىندا بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنى خالىغان يېرىگە قويىدۇ. ئىبنى مەندە رىۋايەت قىلغان.

مۇجاھىد ئېيتتى: «مەن ئىبنى ئابباسقا: «جەننەت قەيەردە؟» دېدىم. ئۇ: «يەتتە قەۋەت ئاسماننىڭ ئۈستىدە» دېدى. مەن: «دوزاخ قەيەردە؟» دېدىم. ئۇ: «قەۋەت-قەۋەت يەتتە دېڭىزنىڭ ئاستىدا» دېدى». ئىبنى مەندە رىۋايەت قىلغان.

شەۋكانىي «فەتھۇل قەدىر»دە مۇنداق دېگەن: «ئەڭ ياخشىسى بۇ سۆزنى كۆپچىلىك قوبۇل قىلغان قاراش بويىچە چۈشىنىشتۇر. چۈنكى ئەمەللەرنىڭ مۇكاپات-جازاسى ئاسماندا يېزىلغان، تەقدىر ۋە ھۆكۈملەر شۇ يەردىن چۈشىدۇ، جەننەت ۋە دوزاخ شۇ يەردىدۇر». نەقىل تۈگىدى.

خۇلاسە: جەننەت يەتتىنچى قەۋەت ئاسماننىڭ ئۈستىدە بولۇپ، ئۇنىڭ تورۇسى ئەرشىدۇر. دوزاخ بولسا، توغرا قاراش بويىچە يەتتىنچى زېمىندىدۇر. كۈچ-قۇۋۋەت ئاللاھتىندۇر. نەقىل تۈگىدى.

سۇيۇتىي «إتمام الدراية شرح النقاية»دە مۇنداق دېگەن: «بىز دوزاخ ھەققىدە جەزم قىلمايمىز، يەنى ئۇنىڭ ئورنى ھەققىدە بىر نەرسە دېمەيمىز، چۈنكى ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. بۇ مەسىلىدە مەن تايانغۇدەك بىرەر سەھىھ ھەدىسنى بىلمەيمەن.»

يەنە ئۇنىڭ (يەنى دوزاخنىڭ) زېمىننىڭ ئاستىدا ئىكەنلىكىمۇ ئېيتىلغان. ئىبنى ئۆمەردىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)گە نىسبەت بېرىلگەن (مەرپۇئ‍) مۇنۇ رىۋايەت سەۋەب بولغان: «دېڭىزغا پەقەت غازات قىلغۇچى، ياكى ھەج قىلغۇچى، ياكى ئۆمرە قىلغۇچىلا چىقسۇن، چۈنكى دېڭىزنىڭ ئاستىدا ئوت بار…» ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر رىۋايەت قىلغان ۋە «زەئىپ» دەپ ھۆكۈم قىلغان

يەنە ئۇنىڭ (يەنى دوزاخنىڭ) يەر يۈزىدە ئىكەنلىكىمۇ ئېيتىلغان. بۇنىڭغا ۋەھب رىۋايەت قىلغان مۇنۇ خەۋەر سەۋەب بولغان: «زۇلقەرنەين قاف تېغىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئاستىدىكى كىچىك تاغلارنى كۆردى… ۋە: «ئەي قاف، ماڭا ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگىن» دېدى. تاغ: «رەببىمىز ھەقىقەتەن ئۇلۇغدۇر. مېنىڭ كەينىمدە بەش يۈز يىللىق مۇساپىگە بەش يۈز يىللىق مۇساپە كېلىدىغان بىر زېمىن بار، ئۇ بىر-بىرىگە يۆلىنىپ تۇرىدىغان قارلىق تاغلار بىلەن تولغان. ئەگەر شۇلار بولمىسا ئىدى، مەن جەھەننەم (ئوتى) سەۋەبىدىن كۆيۈپ تۈگىگەن بولاتتىم» دېدى».

ھارىس ئىبنى ئۇسامە ئۆزىنىڭ «مۇسنەد»ىدە ئابدۇللاھ ئىبنى سالامدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ: «جەننەت ئاسمانلاردا، دوزاخ زېمىندا» دېگەن. يەنە دوزاخنىڭ ئورنى ئاسمانلاردا دەپمۇ ئېيتىلغان. سۇيۇتىينىڭ سۆزى تۈگىدى.

شۇنىڭدەك، قۇرتۇبىي «ئەتتەزكىرە»دە مۇنداق دېگەن: «بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، جەھەننەم يەر يۈزىدىدۇر، ئۇنىڭ زېمىننىڭ قەيېرىدە ئىكەنلىكىنى ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر». نەقىل تۈگىدى.

مۇھەددىس شەيخ ئەھمەد ۋەلىيۇللاھ دەھلەۋىي ئۆزىنىڭ «ئەلئەقىدە» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن: «(جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ) ئورنىنى ئېنىق بايان قىلىدىغان ھېچقانداق نەس (دەلىل) يوق؛ ئەكسىچە ئۇلار ئاللاھ تائالا خالىغان يەردە بولىدۇ، چۈنكى بىز ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرىنى ۋە ئۇ بەرپا قىلغان ئالەملەرنى تولۇق بىلىپ بولالمايمىز». نەقىل تۈگىدى.

(جاۋاب بەرگۈچى ئېيتىدۇ): مېنىڭچە، ئىنشان ئاللاھ، بۇ ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ئېھتىياتلىق قاراشتۇر.

«ئەلمەۋسۇئەتۇل ئەقەدىييە»، 5/159.

يەنە سىددىق ھەسەن خاننىڭ «يەقەزەتۇ ئۇلىل ئىتىبار مىممە ۋەرەدە فى زىكرىن نارى ۋە ئەسھابىن نار» ناملىق ئەسىرىنىڭ 23-بېتىگە قارالسۇن.

خۇلاسە:

دوزاخنىڭ ھازىرقى ئورنى ھەققىدە جەزم قىلىشقا بولمايدۇ، توغرا قاراش مۇشۇدۇر. چۈنكى بۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىشقا خاتىمە بېرىدىغان ئىسپاتلانغان، كەسكىن دەلىل (نەس) يوق، شۇنداقلا بۇ مەسىلىدە سەلەفلەردىن كەلگەن رىۋايەتلەر ھەر خىلدۇر.

ئىككىنچى:

جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىدا «ئەئراف» دەپ ئاتىلىدىغان بىر جاي بار. ئۇ ئېگىز بىر سېپىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكىلەر ئۇ يەردىن جەننەت ئەھلىگە ۋە دوزاخ ئەھلىگە قارايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا رەببى (ئۇ پاك ۋە ئالىيدۇر) ئۇلارنى جەننىتىگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار دوزاخقا كىرمەيدۇ. ئالىملارنىڭ ئۇلار توغرىسىدىكى ئەڭ توغرا قارىشى شۇكى، ئۇلار ياخشىلىقلىرى بىلەن يامانلىقلىرى تەڭلەشكەن كىشىلەردۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ئۇ ئىككىسىنىڭ (جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ) ئارىسىدا پەردە (توسۇق) بار، ئەئرافنىڭ ئۈستىدە ھەممىنى (يەنى جەننەت ئەھلى بىلەن دوزاخ ئەھلىنى) چىرايىدىن تونۇيدىغان كىشىلەر (يەنى ئەئراف ئەھلى) بار، ئۇلار جەننەت ئەھلىگە: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن!» دەپ توۋلايدۇ، ئۇلار (يەنى ئەئراف ئەھلى) جەننەتكە كىرىشنى ئۈمىد قىلىپ تۇرسىمۇ، تېخى كىرمىگەن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى دوزاخ ئەھلى تەرەپكە بۇرۇلۇپ قالغان چاغدا: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن» دەيدۇ. ئەئراف ئەھلى چىرايىدىن تونۇۋالىدىغان بىر تۈركۈم (كاپىر) ئادەملەرگە توۋلاپ ئېيتىدۇ: «توپلىغان مال-دۇنيايىڭلار، (ھەقنى قوبۇل قىلماي) تەكەببۇرلۇق قىلغىنىڭلار سىلەرگە ئەسقاتمىدى. سىلەر ئاللاھ رەھمەت قىلمايدۇ دەپ قەسەم ئىچكەن كىشىلەر بۇلار (يەنى مۆمىنلەر) ئەمەسمۇ؟ (ئاللاھ مۆمىنلەرگە ئېيتىدۇكى) جەننەتكە كىرىڭلار، سىلەرگە (كەلگۈسىدە) ھېچ قورقۇنچ يوق ۋە سىلەر (ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارغا) قايغۇرمايسىلەر﴾ [ئەئراف سۈرىسى، 46-49-ئايەتلەر].

«ئەئراف» (ئېگىز جاي) دەپ ئاتالغان بۇ سېپىل پەقەت ئاخىرەتتىلا جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىغا قۇرۇلىدۇ، ئۇ ھازىر مەۋجۇت ئەمەس. ئاخىرەتتە زېمىن باشقا زېمىنغا، ئاسمانلارمۇ باشقا ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى خالىغان ئورۇنغا قىلىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە ھېچقانداق زىتلىق يوق، ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، بۇنىڭدا ئىشكالمۇ (چۈشىنەلمەيدىغان ئىشمۇ) يوق.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئەسلى مەنبە:

https://islamqa.info/ar/answers/318900/

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ