قۇرئاندا بۇيرۇلغان جىلباب قانداق كىيىم؟

ھەفسە بىنتى سىيرىن ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: ((أَمَرَنَا رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم أَنْ نُخْرِجَهُنَّ فِي الْفِطْرِ وَالأَضْحَى الْعَوَاتِقَ وَالْحُيَّضَ وَذَوَاتِ الْخُدُورِ فَأَمَّا الْحُيَّضُ فَيَعْتَزِلْنَ الصَّلاَةَ وَيَشْهَدْنَ الْخَيْرَ وَدَعْوَةَ الْمُسْلِمِينَ . قُلْتُ يَا رَسُولَ اللَّهِ إِحْدَانَا لاَ يَكُونُ لَهَا جِلْبَابٌ قَالَ لِتُلْبِسْهَا أُخْتُهَا مِنْ جِلْبَابِهَا)) «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە بويىغا يەتكەنلىكى قىز – ئاياللارنىڭ، ھەيزدار خانىم – قىزلارنىڭ ۋە بويىغا يەتمىگەن ئۆسمۈر قىزلارنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيت نامىزىغا چىقىشىنى، ھەيزدار ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان جايدىن ئۇزاق تۇرۇشىنى، ئەمما ياخشىلىققا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۇئاسىغا قاتنىشىشىنى ئەمىر قىلدى. مەن <ئى رەسۇلۇللاھ! بەزى خانىم-قىزلارنىڭ جىلبابى يوق> دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئۇنىڭ ئايال قېرىندىشى ئۆز جىلبابىدىن ئۇنىڭغا كىيگۈزسۇن» دېدى. hedisim.com (مۇسلىم 890) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

قۇرئاندا بۇيرۇلغان جىلباب قانداق كىيىم؟

(سۈرە نۇرنىڭ 59 – ئايىتىنىڭ تەپسىرى)

ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرييارلىدى | hedisim.com

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:{يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُل لِّأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِن جَلَابِيبِهِنَّ ۚذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَن يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ ۗوَكَانَ اللَّـهُ غَفُورًا رَّحِيمًا} {ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، جىلبابلىرى بىلەن ئۈستى بېشىنى ئورىسۇن. ئۈستى بېشىنى ئوراش ئۇلارنىڭ (ھۆر مۆمىنە ئاياللار سۈپىتىدە) تونۇلىشىغا، ئازار بېرىلمەسلىكىگە ئەڭ ئۇيغۇندۇر. ئاللاھ غەفۇردۇر – (تەۋبە قىلىپ ھەقكە قايتقۇچىنى بەك مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر)، رەھىمدۇر (مۆمىنلەرگە چەكسىز شەپقەتلىكتۇر.)} (سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەت)

تۆۋەندە بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىنى بايان قىلىمىز:
يۇقىرىقى ھايەت «ھىجاب ئايىتى» دەپ ئاتىلىدىغان مەشھۇر ئايەت بولۇپ، ئايەتتە «جلابيب» كەلىمىسى تىلغان ئېلىنغان. بۇ «جىلباب» كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈك شەكلىدۇر. (تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر قۇرتۇبى)

بۈيۈك ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەت ئارقىلىق مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىنى ھاجىتى ئۈچۈن ئۆيلىرىدىن چىققاندا جىلباپلىرى بىلەن بېشىنىڭ ئۈستى بىلەن قوشۇپ يۈزلىرىنى يېپىشقا بۇيرۇدى، ئايال كىشى بۇ شەكىلدە يۈزىنى يېپىپ (يولنى كۆرەلىشى ئۈچۈن) بىر كۆزىنى ئوچۇق قويىدۇ. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/٣١٥٤)

ئىسلامنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئاياللار نامەھرەم ئەرلەردىن يۈزىنى ۋە قولىنى ياپمايتتى. ھىجاپ ئايىتى (ھىجرەتنىڭ ئۈچىنچى يىلى) نازىل بولغاندىن كېيىن، يات ئەرلەردىن يۈز ۋە قولنى ياپماسلىق چەكلىنىدىغان بولدى. ھىجاپ ئايىتى نازىل بولۇشى بىلەن (ھۆر) مۆمىنە ئاياللارنىڭ (نامەھرەم بولغانلىكى) ھەر قانداق مۇھىتتا يۈزىنى، قولىنى (ۋە بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى) يېپىشى پەرز قىلىندى. (ئەللامە ئىبنى باز پەتىۋالىرى، 5\46)

چوڭ تابىئىنلاردىن سەئىد ئىبنى جۇبەير رەھىمەھۇللاھ {يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ} {جىلبابلىرى بىلەن ئورانسۇن} ئايىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: يەنى ئاياللار جىلباپلىرى بىلەن پۈركەنسۇن. جىلباب — لېچەكنىڭ ئۈستىگە ئارتىلىدىغان چۈمبەلدۇر. مۇسۇلمان ئايالنىڭ لېچەكلىرىنىڭ ئۈستىگە چۈمبەل ئارتىپ ئۈستى بېشىنى، يۈز-كۆزىنى ۋە كۆكرەكلىرىنى (بىلنەشمەيدىغان شەكىلدە) يېپىپ ئۆرتۈنمەي تۇرۇپ يات ئەرگە كۆرۈنۈشى ھالال ئەمەس. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/٣١٥٥)

ئىمام شەۋكانى يۇقىرىقى ئايەتنىڭ تەپسىرىدە «جىلباب» كەلىمىسىگە ئېنىقلىما بېرىپ، مۇنداق دېگەن: «جىلباب — بەدەننىڭ ھەممە قىسىمىنى ئوراپ تۇرىدىغان كىيىمدۇر.» (فتح القدير، 4\349) ئىمام شەۋكانى جىلبابنىڭ بەدەننىڭ ھەممە قىسىمىنى ئورايدىغان كىيىم ئىكەنلىكىگە تۆۋەندە زىكىر قىلىنىدىغان ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن.

ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: جىلباب — ئاياللار بېشىدىن باشلاپ، كىيىمىنىڭ ئۈستىگە كىيىدىغان، ئاياللارنىڭ بېشىنى، يۈزىنى ۋە بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى ئوراپ تۇرىدىغان كىيىمدۇر. خىمار بولسا، پەقەت باشنىلا يېپىپ تۇرىدىغان (لېچەك تۈرىدىكى) كىيىمدۇر. يۇقىرىقى ئايەتتە بۇيرۇلغىنىدەك، ئاياللار كىيىمىنىڭ ئۈستىگە جىلباب كىيىپ، ئۇنىڭ بىلەن بېشىنى، يۈزىنى ۋە بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى ياپىدۇ. (ئىبنى باز پەتىۋالىرى، 5-جىلد، 46-بەت)

ئىمام ئىبنى كەسىر مۇنداق دېگەن: «جىلباب — خىمارنىڭ (لېچەكنىڭ) ئۈستىدىن كىيىلىدىغان (پۈتۈن بەدەننى ئوراپ تۇرىدىغان) سىرتقى كىيىمدۇر (يەنى چۈمبەلدۇر).» (تەپسىر ئىبنى كەسىر، نۇر سۈرىسى، 31 – ئايەت تەپسىرىدىن) 

ئىمام سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ ئۆز تەپسىرىدە سۈرە ئەھزابنىڭ، 59-ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە  {يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ} {جىلبابلىرى بىلەن ئورانسۇن} ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان جىلبابقا ئېنىقلىما بېرىپ مۇنداق دېگەن: (وهي الملاءة التي تشتمل بها المرأة، أي يرخين بعضها على الوجوه إذا خرجن لحاجتهن إلا عينا واحدة)  جىلباب — ئايال كىشىنى پۈتۈنلەي ئوراپ تۇرىدىغان ئورىغۇچى كىيىمدۇر. يەنى، ئاياللار ھاجىتى سەۋەبلىك سىرتقا چىققاندا، ئۇ ئورانچىسىنىڭ بىر قىسىمى بىلەن بىر كۆزىنى ئوچۇق قويغان ھالدا يۈزىنى ئورايدۇ. (تفسير الجلالين 560)

يۇقىرىقى ئايەتتە جىلباب كەلىمىسى تىلغا ئېلىنغان ۋە مۆمىنە – خانىم قىزلار سىرتقا چىققاندا جىلباب بىلەن چىقىشقا بۇيرۇلغان. تۆۋەندىكى ھەدىستىمۇ «جىلباب» كەلىمىسى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەدىستىمۇ ئوخشاش ھالدا ئايال كىشىنىڭ جىلبابسىز ھالدا سىرتقا چىقىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكى بايان قىلىنغان.

ھەفسە بىنتى سىيرىن ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: ((أَمَرَنَا رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم أَنْ نُخْرِجَهُنَّ فِي الْفِطْرِ وَالأَضْحَى الْعَوَاتِقَ وَالْحُيَّضَ وَذَوَاتِ الْخُدُورِ فَأَمَّا الْحُيَّضُ فَيَعْتَزِلْنَ الصَّلاَةَ وَيَشْهَدْنَ الْخَيْرَ وَدَعْوَةَ الْمُسْلِمِينَ . قُلْتُ يَا رَسُولَ اللَّهِ إِحْدَانَا لاَ يَكُونُ لَهَا جِلْبَابٌ قَالَ لِتُلْبِسْهَا أُخْتُهَا مِنْ جِلْبَابِهَا)) «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە بويىغا يەتكەنلىكى قىز – ئاياللارنىڭ، ھەيزدار خانىم – قىزلارنىڭ ۋە بويىغا يەتمىگەن ئۆسمۈر قىزلارنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيت نامىزىغا چىقىشىنى، ھەيزدار ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان جايدىن ئۇزاق تۇرۇشىنى، ئەمما ياخشىلىققا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۇئاسىغا قاتنىشىشىنى ئەمىر قىلدى. مەن <ئى رەسۇلۇللاھ! بەزى خانىم-قىزلارنىڭ جىلبابى يوق> دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئۇنىڭ ئايال قېرىندىشى ئۆز جىلبابىدىن ئۇنىڭغا كىيگۈزسۇن»دېدى. hedisim.com (مۇسلىم 890)

مەشھۇر تەپسىرشۇناس ۋاھىدى مۇنداق دېگەن: «تەپسىرشۇناسلار ئېيتقاندەك: خانىم – قىزلار سىرتقا چىققاندا ئۆزلىرىنىڭ ھۆر ئايال ئىكەنلىكىنىڭ بىلىنىشى، (يامان كىشىلەر تەرىپىدىن) ئەزىيەتكە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن بىر كۆزىنى ئوچۇق قويغان ھالدا باشلىرىنى ۋە يۈزلىرىنى ياپىدۇ.» (فتح القدير 4\349)

ئالىملار جىلبابنىڭ لېچەكنىڭ ئۈستىگە كىيىدىغان، بەدەننى باشتىن ئاياق ئورايدىغان يېپىنچا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ھەدىستە ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ «بەزى ئاياللارنىڭ جىلبابى يوق» دېيىش ئارقىلىق، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئۆزرە سۈپىتىدە ئايال كىشىنىڭ جىلبابسىز سىرتقا چىقالمايدىغانلىقىنى قەيت قىلماقتا. يەنە بىر ھەدىستە «ئاللاھ بالاغەتكە يەتكەن ئايالنىڭ لېچەكسىز ئوقۇغان نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېيىلگەن. مۇسۇلمانلار ئادەتتە يەتتە يېشىدىن باشلاپ ناماز ئوقۇيدۇ. ھەر بىر مۇسۇلمان ئايالنىڭ ياكى قىزنىڭ لېچىكى بولۇشى يۈزە يۈز. چۈنكى، لېچىكى بولمىسا ناماز ئوقۇيالمايدۇ. لېچەك دېگەن باشنى، چاچنى، بويۇننى ۋە كۆرەكنىڭ ئۈستىنى ياپىدىغان رومالدۇر. جىلباب بولسا يۈزنى ۋە ئۈستىگە كەيگەن كىيىمنى ياپىدىغان چۈمپەردىدۇر. ئەگەر، ئايال كىشى يۈزىنى ئوچۇق قويۇپ، لېچەك بىلەنلا سىرتقا چىقىۋېرىشى دۇرۇس بولىدىغان بولسا، ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەرگىزمۇ «ئى رەسۇلۇللاھ! بەزىلىرىمىزنىڭ جىلبابى يوق» دەپ يۈرمىگەن، «خوپ» دەپلا رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلغان بولاتتى. ئوممۇ ئەتىيەنىڭ «بەزىلىرىمىزنىڭ جىلبابى يوق» دېيىش ئارقىلىق خانىم – قىزلارنىڭ جىلبابسىز ھالدا، يەنى يۈزى يېپىقلىق بولماستىن سىرتقا چىقالمايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشى؛ شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «جىلبابى بولمىسا لېچەك (خمار) بىلەن چىقىۋەرسۇن» دېمەستىن، «ئايال قېرىندىشىنىڭ جىلبابى بىلەن چىقسۇن» دېيىشى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدىكى خانىم – قىزلارنىڭ يۈزىنى يېپىپ، جىلباب بىلەن ئورانماستىن تۇرۇپ سىرتقا چىقمايدىغانلىقىنى تولۇق بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ھۆكۈملىرى قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە بولغانلىقتىن، ئايال كىشىنىڭ سىرتقا يۈز يېپىپ، جىلباب بىلەن چىقىشىنىڭ پەرزلىكى قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە.

ئىمام بۇخارى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن نەقىل قىلغان مۇنۇ ھەدىسمۇ جىلبابنىڭ يۈز ياپىدىغان كىيىم ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئىمام بۇخارى «سەھىھۇل بۇخارى» ناملىق ئەسىرىنىڭ تەپسىر بۆلۈمىدە، ئائىشە ئانىمىزغا بۆھتان چاپلىنىش ۋەقەسى توغرىسىدىكى ھەدىسنى ئائىشە ئانىمىزدىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ھەدىسنىڭ باش قىسىمىدا ئائىشە ئانىمىزنىڭ تىلىدىن «ھىجاب ئايىتى نازىل بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە سەپەرگە چىقتىم» دەپ كەلگەن. ئائىشە ئانىمىز بۇ ئۇزۇن ھەدىسنىڭ بىر بۆلىكىدە مۇنداق دېگەن:

«… قوشۇن قوزغالغاندىن كېيىن مۇنچىقىمنى تاپتىم ۋە ئەسكەرلەر چۈشكۈن قىلغان جايغان قايتىپ كەلدىم. بىراق، ئەمدىلىكتە بۇ يەردە ھېچكىم قالمىغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى ئۆزۈم قوشۇن بىلەن چۈشكەن ئورۇنغا قاراپ ماڭدىم. قوشۇن مېنى ئالماستىن كېتىپ قالغىنىنى بىلىپ قايتىپ كېلىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۇيقۇم كېلىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. سەفۋان ئىبنى مۇئەتتەل سۇلەمى ـــ كېيىن ئەززەۋكانى دەپ ئاتالغان ـــ ئادەتتە قوشۇننىڭ ئارقىسىدىن كېلەتتى. سەفۋان كېچىچە يول يۈرۈپتۇ، تاڭ سەھەردە مەن بار جايغا يېتىپ كەپتۇ. ئۇخلاۋاتقان بىرىنىڭ قارىسىنى يىراقتىن كۆرۈپتۇ. ئاندىن، يېقىنلاپ كېلىپ مېنى كۆرۈپ تونۇپتۇ. ئۇنىڭ مېنى كۆرۈپ تونۇيالىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى مېنى كۆرگەن ئىدى. ئۇ مېنى تونۇپ «ئىننە لىللاھى ۋەئىننە ئىلەيھى راجىئۇن» دېيىشى بىلەن مەن ئويغىنىپ كېتىپ،(فخمرت وجهي بجلبابي) جىلبابىم بىلەن يۈزۈمنى يېپىۋالدىم. ئاللاھقا قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ مەن بىلەن بىر ئېغىزمۇ پاراڭلاشمىدى. مەن (شۇ ۋاقىتتىن تاكى قوشۇنغا يېتىشكۈچە) ئۇنىڭدىن ‹ئىننە لىللاھى ۋەئىننە ئىلەيھى راجىئۇن› دېگىنىدىن باشقا گەپنى ئاڭلىمىدىم. سەفۋان تۆگىنى چۆكتۈرۈپ، تۆگىنىڭ ئالدى پۇتىغا دەسسەپ تۇردى. مەن تۆگىگە مىندىم. (ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ رىۋايىتىدە:‹سەفۋان ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرىدى. ئاندىن، تۆگىسىنى ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇردى.›) (ئائىشە ئانىمىز سۆزىنى داۋام قىلىپ شۇنداق دەيدۇ:) سەفۋان ئالدىمدا تۆگىنى يېتىلەپ ماڭدى. چىقچى چۈش بولغاندا، كۈننىڭ ھارارىتى سەۋەبلىك ئارام ئالغىلى چۈشكەن قوشۇنغا يېتىشتۇق. مانا مۇشۇ چاغدا ھالاك بولغانلار ھالال بولدى. بەتنامنىڭ باشچىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇل ئىدى…»  hedisim.com (سەھىھۇل بۇخارى 4750-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ بىر قىسىمى؛ بۇخارى 3910؛ مۇسلىم 2770)

تۆۋەندىكى ھەدىستىمۇ ئائىشە ئانىمىز ئوخشاشلا ھەجدە جىلباب بىلەن يۈزىنى ياپقانلىقىنى بايان قىلغان.
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە ئېھرامدىكى چېغىمىزدا يولۇچىلار يېنىمىزدىن ئۆتەتتى. ئۇلار يېقىنلاپ كەلگەندە بىز جىلبابىمىزنى چۈشۈرۈپ يۈزىمىزنى يېپىۋالاتتۇق. ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەندە يۈزىمىزنى ئاچاتتۇق. (ئەبۇ داۋۇد 1833؛ ئىبنى ماجە 2935؛ ئىبنى خۇزەيمە ‹سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە› 4-203 تە سەھىھ دېگەن، ئەلبانى ‹جىلبابۇل مەرئەتىل مۇسلىمە› دە سەھىھ دېگەن) ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: كان الرُّكْبانُ يَمُرُّونَ بِنا ونحنُ معَ رسولِ اللهِ صلَّى اللهُعليه وسلَّمَ مُحْرِماتٌ ، فإذا حاذَوا بنا أسْدَلَتْ إحدانا جِلْبابَها مِنْ رأسِها علَى وجهِها ، فإذا جاوَزونا كشَفْنَاهُ .


يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ بۇ مەسىلىىدىكى بەكلا تېيىز، ھەتتا سەمىمىيەتسىز تۇتۇمى

يۇقىرىقى دەلىللەردىن ئېنىق بولىدۇكى، جىلباب — يۈز بىلەن قوشۇپ پۈتۈن بەدەننى ياپىدىغان كىيىمدۇر. سۈرە ئەھزابنىڭ 59 – ئايىتىدىكى {جىلباب بىلەن ئۈستى – بېشىنى ئورىسۇن} ئايىتى، يۇقىرىدىكى دەلىللەرگە بىنائەن «يۈزىنى ياپسۇن» مەنىسىدە كېلىدۇ. ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقى پەرزلىكنى ئىپادىلەيدۇ. ھىجاپ ئايىتى نازىل بولغاندىن كېيىن ھۆر ساھابە خانىم – قىزلارنىڭ نامەھرەمگە يۈز ئاچقانلىقى توغرىسىدا بىرمۇ دەلىل يوق. شۇڭا، يۈز يېپىشنى سۈننەت دەۋالغۇچىلارنىڭ ئىنتايىن زەئىپ بىر ھەدىستىن باشقا ھېچقانداق كۈچلۈك دەلىلى يوق. بۇ زەئىپ ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد «سۈنەن» ناملىق ئەسىرىدە ئەسما ئانىمىزدىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەسما ئانىمىز ئۇ زاتنىڭ يېنىغا نېپىز كىيىم بىلەن كىرگەندە «ئى ئەسما، ئايال كىشى بالاغەتكە يەتسە ماۋۇ يېرى بىلەن ماۋۇ يېرىنى ئوچۇق قويۇشى توغرا ئەمەس» دەپ يۈزى بىلەن قولىغان ئىشارەت قىلغانمىش. ئىمام ئەبۇ داۋۇد مۇشۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىپ بولۇپلا، ھەدىسنىڭ كەينىگە ئۇنىڭ زەئىپلىكىگە ئىشارە قىلغان. باشقا مۆتىۋەر ھەدىس ئىماملىرىمۇ بۇ ھەدىسنى زەئىپ دېگەن.  (بۇ ھەقتىكى ھەدىسنىڭ زەئىپلىكى توغرىسىدىكى پەتىۋا ئۇلىنىشى بۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىغا بېرىلدى.) زەئىپ ھەدىس ئەھكام مەسىلىسدە، ھالال – ھارام مەسىلىسدە ھېچنەرسىگە يارىمايدۇ. يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلغۇچىلار شۇنچە كۈچلۈك سەھىھ دەلىللەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، مۇشۇ بەك زەئىپ ھەدىسكە ئېسىلىۋالىدۇ. شۇنداقلا خەئسەمىيەلىك ئايالنىڭ ۋىدا ھەججىدە رەسۇلۇللاھتىن سوئال سورىغىلى كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان ھەدىسنى دەلىل قىلىپ، ئاشۇ ئايالنىڭ يۈزى ئوچۇق ئىدى، دەپ تۇرۇۋالىدۇ. ھالبۇكى ئۇ ئايالنىڭ يۈزى ئوچۇقلۇقىنى ئېنىق بىلدۈرىدىغان ھېچقانداق ئېنىق ئىبارە بولۇشىغا قارىماي، بىر ئاماللارنى قىلىپ يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ.
سۈرە نۇرنىڭ 31- ئايىتى {وَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِهِنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِن زِينَتِهِنَّ} {يوشۇرۇن تۇرغان زىننەتلىرىنىڭ بىلىنىشى ئۈچۈن پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن} دېگەن جۈملە بىلەن ئاخىرلاشقان. ئاللاھ بۇ يەردە ئاياللارنىڭ پۇتىغا تاقىغان خالخال، بىلەزۈكلىرىدىن چىققان ئاۋازنى يات ئەرگە ئاڭلاتماسلىققا بۇيرۇۋاتىدۇ. بىر تۆمۈر – تەسەكتىن چىققان ئاۋازنى يات ئەرگە ئاڭلىتىشتىن چەكلىگەن ئاللاھ — ئايال كىشىنىڭ گۈزەللىكىنىڭ مەركىزى بولغان يۈزىنى يات ئەرگە ئېچىشقا رۇخسەت قىلامدۇ؟ ئاللاھ يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلىپ بۇ جەھەتتىكى ھەقتىن ئازىدىغانلارنىڭ چىقىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئۇلار خاتا ھالدا يۈز ياپماسلىققا دەلىل قىلىدىغان سۈرە نۇرنىڭ 31 – ئايىتىنى ئۇلارنىڭ شۈبھەلىرىگە رەددىيە بېرىدىغان شەكىلدە ئەنە شۇنداق بۈيۈك ھېكمەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.

قۇرئاندا ئاياللارنىڭ كىيىنىشىگە ئالاقىدار بەش ئايەت بار بولۇپ، سۈرە نۇر 31 – ئايەتتە «زىننەت» كەلىمىسى ئۈچ يەردە، سۈرە نۇرنىڭ 60 – ئايىتىدە زىننەت كەلىمىسى بىر يەردە بايان قىلىنغان. ھىجاپقا، ئورۇنۇشقا ئالاقىدار بەش ئايەتتە «ھىجاپ»، «خىمار»، «جىلباب»، «كىيىم» كەلىمىرى ئىشلىتىلگەن. يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىگە قارشى تۇرغۇچىلار ئاللاھ بۇ ھەقتىكى بەش ئايەتتە ئىشلەتكەن بۇ سۆزلەردىن «ھىجاپ» سۆزى بىلەن «كىيىم» سۆزىنىڭ ئوخشاش مەنىدە ئىكەنلىكىگە، «خىمار» سۆزى بىلەن «جىلباب» سۆزىنىڭ باشقا – باشقا مەنىدە ئىكەنلىكىگە دائىملا كۆز يۇمۇۋېلىپ، دائىملا «خىمار» بىلەن «جىلباب»نىڭ ئارىسىنى قانداق ئايرىشنى ئۆزلىرىمۇ ئېنىق ئاڭقىرالماي، يات ئەرلەرگە يۈز ئېچىشنى ھالال قىلىپ، نۇرغۇن پىتنىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان. يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلغۇچىلار قۇرئاندىكى ئورۇنۇش ھەققىدە كەلگەن بەش ئايەتنى تەپسىلىي، چوڭقۇر ئۆگەنمەستىن، ئۇنى تەپسىرلەيدىغان ھەدىسلەرنى ياخشى تەتقىق قىلاستىنلا، تېيىز ۋە تەرەپباز ھالدا يۈز يېپىش مەسىلىنى پەقەت سۈرە نۇردىكى «تاشقى زىننەت \ ئاشكارە زىننەت» كەلىمىسىنىڭ «يۈز ۋە قول»نى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى داۋا قىلىشىپلا، يۈز يېپىش پەرز ئەمەس دەپ تۇرۇۋالىدۇ. ھالبۇكى، ئايال كىشىنىڭ ئورۇنۇشى ھەققىدىكى بەش ئايەتمۇ دەل مۇشۇنداق تېيىز ۋە خاتا چۈشەنچىدىن مەسىلىنى ئالدىراقسانلىق بىلەن تېيىز چۈشىنىدىغانلارنىڭ ساقلىنىشى، بىر ئايەتنى خاتا چۈشەنسە، يەنە بىر ئايەتكە قاراپ «نامەھرەمگە يۈز يېپىش پەرز ئىكەن» دېگەن توغرا قانائەتكە كېلىشى ئۈچۈن نازىل بولغان. ھالبۇكى، يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلغۇچىلار بارلىق توغرا، سەھىھ دەلىللەرگە دۈمبىسىنى قىلىۋېلىپ، بۇ ھەقتىكى بەش ئايەتنى بىر بىرىگە باغلاپ چۈشىنىشتىن قېچىپ، خاتا چۈشەنچە بويىچە، ھەتتا بەزىلىرى يامان نىيەت بىلەن ئاللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى ئايەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈمەكتە. ئاللاھ ئۇنداقلارنى ئىسلاھ قىلىپ، ھەق يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

ھىجاب ئايىتى نېمە سەۋەبتىن نازىل بولدى؟

سۇددى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:

پاسىقلار، خانىم – قىزلار كېچىسى سىرتقا چىققاندا ئۇلارغا پاراكەندىچىلىك سالاتتى. ئەگەر ئۇلار بىرەر ئايالنىڭ يۈزىنى چۈمبەلدە (قناع) يېپىۋالغىنىنى كۆرسە، «بۇ ھۆر ئايال ئىكەن» دەپ ئۇنىڭغا چېقىلمايتتى. ئەمما چۈمبەلسىز ئايالنى كۆرسە، «بۇ دېدەك ئىكەن» دەپ ئۇنىڭغا ئەزىيەت بېرەتتى. بۇ ئايەت مۇشۇ سەۋەبتىن نازىل بولدى. (زاد المسىير3\484)

ئىمام ئىبنۇل جەۋزى ئۆز تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ: {جىلبابلىرى بىلەن ئۈستى – بېشىنى ئورىسۇن} دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىدە ھەققىدە ئىبنى قۇتەيبە: «يەنى (كىيىملىرىنىڭ) سىرتىغا كىيىدىغان چۈمپەردسىنى كىيسۇن» دېگەن. باشقا ئالىملار بولسا: «ئۇلارنىڭ ھۆر ئاياللار ئىكەنلىكى بىلىنىشى ئۈچۈن، باشلىرىنى ۋە يۈزلىرىنى ياپسۇن» دېگەن. {بۇ ئۇلارنىڭ تونۇلۇشى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىقتۇر.} يەنى ئۇلارنىڭ ھۆر ئاياللار سۈپىتىدە تونۇلۇشى ۋە پاسىق كىشىلەر تەرىپىدىن {ئەزىيەتكە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن} ئەڭ لايىقتۇر. (زاد المسىير3\484)

تابىئىنلارنىڭ ئەڭ چوڭ تەپسىرشۇناس ئالىمى سۇددى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەدىنىنىڭ پاسىقلىرى (بۇلار مۇناپىقلاردۇر) قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن ئاياللارنى كۆزلەپ مەدىنىنىڭ كوچىلىرىغا چىقاتتى. مەدىنىلىكلەرنىڭ ئۆيلىرى تار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاياللىرى كەچ بولغاندا (جاڭگاللارغا بېرىپ) ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقاتتى. پاسىقلارنىڭ كۈتكىنى دەل مۇشۇ ئىدى. ئەگەر پاسىقلار كوچىغا چىققان ئايالنىڭ جىلباب بىلەن چۈمكەلگەن ئاياللىقىنى بايقىسا «بۇ ھۆر ئايالكەن» دېيىشىپ، بۇنداق ئايالدىن قولىنى تارتاتتى. ئەگەر جىلباب كىيمەستىن چىققان ئايالنى كۆرسە «بۇ دېدەك ئىكەن» دېيىشىپ، ئۇنىڭغا ئېتىلاتتى. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/٣١٥٥) يەنە باشقا بايانلاردا، دېدەك ئاياللارغا چاقچاق قىلىپ، ھاجىتىنى قاندۇرۇپ قويسا پۇل بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇناتتى، دېيىلگەن.

ئىمام شەۋكانى ئۆز تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئايەتتىكى {تونۇلۇشى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىقتۇر} دىن مەقسەت دېدەك سۈپىتىدە ئەمەس، ھۆر ئايال سۈپىتىدە تونۇلىشىغا ئەڭ مۇۋاپىق، دېگەنلىكتۇر. ( فتح القدير 4\350)

مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى، ساھابىلەرنىڭ ئەڭ ئالىملىرىدىن بولغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دەل مۇشۇ جىلباب كەلمىسىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ نامەھرەمدىن يۈزىنى ياپقانلىقىنى بايان قىلغان. سەھىھ بۇخارىدا ئائىشە ئانىمىزغا بۆھتان چاپلىنىش ۋەقەلىكى بايان قىلىنغان ئۇزۇن ھەدىستە، ئائىشە ئانىمىز  مۇنداق دېگەن: ((فَعَرَفَنِي حِينَ رَآنِي وَكَانَ رَآنِي قَبْلَ الْحِجَابِ فَاسْتَيْقَظْتُ بِاسْتِرْجَاعِهِ حِينَ عَرَفَنِي فَخَمَّرْتُ وَجْهِي بِجِلْبَابِي)) «(سەفۋان) مېنى ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئاۋۋال كۆرگەن بولغاچقا، مېنى تونۇپ <ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن> دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن جىلبابىم بىلەن يۈزۈمنى يېپىۋالدىم.» (سەھىھ بۇخارى 4144-ھەدىس) (بۇ ھەدىسنىڭ مۇناسىۋەتلىك تولۇق بۆلۈكى تۆۋەندە 4-نومۇرلۇق ھەدىسىمىزدە بايان قىلىنىدۇ.) ئىمام ئىبنى بازنىڭ جىلبابنىڭ قانداق كىيىم ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى يۇقىرىدا بىز نەقىل قىلغان سۆزىنىڭ توغرىلىقىغا ئائىشە ئانىمىزنىڭ بۇ ھەدىسى روشەن دەلىلدۇر.

بۇ ۋەجىدىن، مۇپەسسىر ئابدۇرراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ ئايەتتىكى {يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبِهِنَّ} {جىلبابلىرى بىلەن ئۈستى-بېشىنى ئورىسۇن} ئايىتىنى {جىلبابلىرى بىلەن يۈزلىرىنى ۋە كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن} دەپ تەپسىر قىلغان. (تەپسىر سەئدى، 33-سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەتنىڭ تەپسىرى)

جىلبابنى «ياغلىق، رومال، لېچەك» دەپ تەبىر بېرىپ، ئاندىن بۇ تەبىر بېرىلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈزىنى يېپىشقا ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى ئىشارە قىلىپ، ئايەتنىڭ مەنىسىنى ئەسلى ئورنىدىن تولغاپ، بۇرمىلىغۇچىلارغا ئائىشە ئانىمىزنىڭ يۇقىرىقى ھەدىسى ناھايىتى ياخشى ۋە كۈچلۈك رەددىيە بولالايدۇ.

ئىمام ئەبۇ داۋۇد «سۇنەن ئەبۇ داۋۇد» ناملىق ئەسىرىدە مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: «{جىلبابلىرى بىلەن ئۈستى – بېشىنى ئورىسۇن} (سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) ئايىتى نازىل بولغاندا، ئەنسارىيلارنىڭ خانىم-قىزلىرى بەئەينى بېشىدا قاغا باردەك ھالەتتە ئورىنىپ چىقىشتى.» (سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 4101-ھەدىس؛ ئەلبانى ۋە باشقىلار سەھىھ دېگەن) ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: عَنْ أُمِّ سَلَمَةَ، قَالَتْ لَمَّا نَزَلَتْ { يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلاَبِيبِهِنَّ } خَرَجَ نِسَاءُ الأَنْصَارِ كَأَنَّ عَلَى رُءُوسِهِنَّ الْغِرْبَانُ مِنَ الأَكْسِيَةِ .

«سۇنەن ئەۋبۇ داۋۇدنىڭ شەرھى ئەۋنىل مەئبۇد» دېگەن ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ پۈركەنجىلىرىنىڭ قاغىغا ئوخشىتىلىشىدىكى سەۋەب، پۈركەنجىلىرىنىڭ رەڭگىنىڭ قارا بولغانلىقىدىندۇر.»

ئىسلامدا پەقەت ئىككى تۈرلۈك ئايال يۈز ياپمايدۇ

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:{يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُل لِّأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِن جَلَابِيبِهِنَّ ۚذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَن يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ ۗوَكَانَ اللَّـهُ غَفُورًا رَّحِيمًا} {ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، جىلبابلىرى بىلەن ئۈستى بېشىنى ئورىسۇن. ئۈستى بېشىنى ئوراش ئۇلارنىڭ (ھۆر مۆمىنە ئاياللار سۈپىتىدە) تونۇلىشىغا، ئازار بېرىلمەسلىكىگە ئەڭ ئۇيغۇندۇر. ئاللاھ غەفۇردۇر – (تەۋبە قىلىپ ھەقكە قايتقۇچىنى بەك مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر)، رەھىمدۇر (مۆمىنلەرگە چەكسىز شەپقەتلىكتۇر.)} (سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەت)

(مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازادگەردىسى، ئىشەنچىلىك ھەدىس راۋىيسى، سەلەپ مۇھەددىسلىرىنىڭ ئۇستازلىرىدىن) يۇنۇس ئىبنى يەزىد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىز زۇھرىيدىن توي قىلغان ياكى توي قىلمىغان دېدەك ئايال لېچەك كىيەمدۇ؟ دەپ سورىساق، زۇھرىي مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۇ توي قىلغان دېدەك بولسا، لېچەك كىيىدۇ، لېكىن جىلباب كەيمەيدۇ، چۈنكى دېدەك ئايالنىڭ جىلباپ كىيىپ ھۆر ئاياللارغا ئوخشىۋېلىشى چەكلىنىدۇ. زۇھرىي مۇشۇنداق دەپ بولۇپ مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى ﴿يأيها النَّبِيّ قُلْ لِأَزْوَاجِك وَبَنَاتك وَنِسَاء الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ ذَلِكَ أَدْنَى أَنْ يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ وَكَانَ اللَّه غَفُورًارَحِيمًا﴾. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/٣١٥٤) * يۇنۇس ئىبنى يەزىد ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئىمام ئەۋزائى قاتارلىق سەلەپ ئىماملىرىنىڭ ئۇستازلىرىدىن ئىدى.

ئىمام ئىبنۇل جەۋزى بۇ ئايەتنىڭ {أَنْ يَضَعْنَ ثِيابَهُنَّ} {كىيىمىنى سېلىشى (دۇرۇس)} دېگەن بۆلىكىنى مۇنداق تەپسىرلىگەن.

ئاللاھ تائالانىڭ: {أَنْ يَضَعْنَ ثِيابَهُنَّ} {كىيىمىنى سېلىشى (دۇرۇس)} دېگەن سۆزى — يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدا دېگەنلىكتۇر. بۇ يەردىكى «كىيىم»دىن مەقسەت: لىچەكنىڭ ئۈستىگە ئارتىلىدىغان جىلباب، چۈمبەل، رىدا قاتارلىق (تاشقى) كىيىملەردۇر. ئايەتتىكى سېلىۋەتسە بولىدىغان كىيىمدىن مەقسەت پەقەت مۇشۇ سىرتقى كىيىملەر بولۇپ، بەدەندىكى بارلىق كىيىملەرنى كۆرسەتمەيدۇ.

﴿زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ھالدا﴾ دېگىنى — پۈركەنجىسىنى سېلىش ئارقىلىق ئۆز زىننەتلىرىنىڭ كۆرۈنۈپ قېلىشىنى مەقسەت قىلماسلىقىدۇر. «تەبەررۇج» (ياسىنىپ ئۆزىنى كۆرسىتىش) — ئايال كىشىنىڭ ئۆز گۈزەللىكلىرىنى (لاتاپىتىنى) ناتونۇشلارغا نامايان قىلىشىدۇر.

﴿ئۇلارنىڭ (بۇ سىرتقى كىيىملەرنى سالماي) ئىپپىتىنى ساقلىشى ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر.﴾

ئىبنى قۇتەيبە مۇنداق دەيدۇ: «ئەرەبلەر بىر ئايال قېرىپ، جىلبابىنى كىيمىگەندە، ئۇنى «واضعٌ» (پۈركەنجىسىنى سېلىۋەتكۈچى ئايال) دەپ ئاتايدۇ. بۇنداق قىلىش پەقەت ئىنتايىن ياشانغان، قېرى ئاياللارغىلا خاس بولىدۇ.»

قازى ئەبۇ يەئلا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئايەتتە ياشانغان ئاياللارنىڭ (يات) ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىنى ۋە ئىككى قولىنى ئېچىشىنىڭ مۇباھ (رۇخسەت) ئىكەنلىكىگە دەلىل بار. ئەمما بۇ خىل ياشانغان ئاياللارنىڭ چېچىغا قاراش بولسا، خۇددى ياش ئاياللارنىڭ چېچىغا قاراش ھارام بولغاندەك، ئوخشاشلا ھارام.» (زاد المسير تەپسىرى 3\306)

ئەللامە ئابدۇرراھمان سەئدى مۇنداق دېگەن:«…پۈركەنجە كىيمەستىن يۈرسە، بۇنىڭغا ھېچ گۇناھ يوقتۇر.» ئايەتتىكى «كىيىم»دىن مەقسەد جىلباب، ھىمارغا ئوخشاش ئايال كىشىنىڭ باشتىن ئاياق پۈتۈنلەي ئورىنىدىغان كىيىمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئاياللار قېرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا مەيل تارتمايدۇ. بۇ خىل ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئېچىشى دۇرۇس، چۈنكى، يۈزىنى ئېچىشىدا پىتنە كۆرۈلمەيدۇ. (تەپسىر سەئدى، 24-سۈرە، 60-ئايەتنىڭ تەپسىرىنىڭ بىرقىسىمى)

ئاللاھ نامەھرەم ئالدىدا يۈزىنى ئېچىشىنى دۇرۇس قىلغان ئىككىلا ئاياللار تائىپىسى بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى مانا مۇشۇ ئايەتتە تىلغان ئېلىنغان قېرىپ كەتكەن ئاياللاردۇر. يەنە بىرى دېدەك-چۆرىلەردۇر. ئۆمەر رەزىيەللاھۇنىڭ يۈزىنى يېپىۋالغان دېدەكنى «نېمىشقا ھۆر ئايالغا ئوخشىۋالىسەن» دەپ قامچا بىلەن ساۋىدىغانلىقىنى سەھىھتۇر.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: (( رَأَى عُمَرُ أَمَةً لَنَا مُتَقَنِّعَةً ، فَضَرَبَهَا ، وَقَالَ : لَا تَشَبَّهِي بِالْحَرَائِرِ)) «ئۆمەر بىزنىڭ بىر دېدىكىمىزنىڭ ئۈستى بېشىنى چۈمكىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، (ئەدەپلەش يۈزىسىدىن) ئۇردى ۋە <ھۆر ئاياللارغا ئوخشىۋالما>» دېدى. (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە، 6081)

يۈز يېپىش ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز مۇنۇ ماقالىمىزگە مۇراجىئەت قىلىڭ:

يۈز ۋە قولنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى ھەدىس بەك زەئىپ

قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىن يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىگە دەلىللەر

قۇرئاندا ھىجاپنىڭ، يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىنى بىلدۈرىدىغان بەش ئايەت

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ