قۇرئاندا يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىنى بىلدۈرىدىغان بەش ئايەت بار

قۇرئاندا يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىنى بىلدۈرىدىغان بەش ئايەت بار — ئەللامە مۇھەممەد ھەسەن دۇرەيئى رەھىمەھۇللاھ

ئىزدەش كەلىمىلىرى: يۈز يېپىش، قۇرئاندا يۈز يېپىش ھەققىدە ئايەت بارمۇ، يۈز يېپىش پەرزمۇ، يۈز ئەۋرەتمۇ؟

مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەشھۇر ئالىم، ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى ھەسەل دۇرەيئى (2022 – يىلى ۋاپات بولغان) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:

يۈز يېپىش مەسىلىسىدە، «قۇرئاندا يۈز ياپىدىغان ھۆكۈم يوق» دېگەنلەر قۇرئانغا زۇلۇم قىلدى ۋە قۇرئانغا نىسبەتەن خاتا يول تۇتتى. ئۇلار قۇرئاننى چوڭقۇر بىلمىگەندىكىن، نېمىشقا (بىلمىگەن ئىشىدا ھۆكۈم قىلىپ «قۇرئاندا يۈز يېپىش يوق» دەيدۇ؟
قۇرئان كەرىمدە نامەھرەملەرنىڭ ئالدىدا يۈزنى ۋە ئاياللارنىڭ پۈتۈن ئەزالىرىنى ياپىدىغان پەردىنىڭ (ھىجابنىڭ) ۋاجىپلىقى بايان قىلىنغان. قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە بەش ئايەت كەلگەن بولۇپ، ھەر بىر ئايەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش مەنىنى (يەنى يۈز يېپىشنى ۋە پۈتۈن بەدەننى يېپىشنى) ئىپادىلەيدۇ:

بىرىنچى ئايەت:
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَرْنَ فِي بُيُوتِكُنَّ وَلَا تَبَرَّجْنَ تَبَرُّجَ الْجَاهِلِيَّةِ الْأُولَىٰ﴾ ﴿ئۆيۈڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك تەبەررۇج قىلماڭلار (زىننەتلىرىڭلارنى ئاشكارىلىماڭلار.)﴾ (سۈرە ئەھزاب، 33-ئايەت) «تەبەررۇج» (تەبەررُج) دېمەك — نامەھرەملەرنىڭ ئالدىدا زىننەتلىرىنى كۆرسىتىش دېمەكتۇر. ئەگەر يۈز زىننەت بولمىسا، ئۇنداقتا يەنە قانداق نەرسە زىننەت بولسۇن؟ بۇ ئىنتايىن غەلىتە ئىش، كىشىلەر ھەقىقەتلەرنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ ياكى بىلمەيۋاتىدۇ.

ئىككىنچى ئايەت: (ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 53 – ئايىتى)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَاعًا فَاسْأَلُوهُنَّ مِن وَرَاءِ حِجَابٍ ۚ ذَٰلِكُمْ أَطْهَرُ لِقُلُوبِكُمْ وَقُلُوبِهِنَّ﴾ ﴿ئەگەر سىلەر ئاياللاردىن بىرەر نەرسە سورىساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراڭلار! بۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ قەلبلىرىڭلار ئۈچۈنمۇ، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر.﴾ (سۈرە ئەھزاب، 53-ئايەت)
مادامىكى ئاللاھ تائالا دۇنيادىكى ئەڭ پاكىز ئەۋلاد بولغان ساھابىلەرنى مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرى بىلەن پەردە ئارقىسىدىن سۆزلىشىشكە بۇيرۇغان ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغان باشقىلارغا بۇ ھۆكۈم تېخىمۇ زۆرۈر ئەمەسمۇ؟ (رەببانىي ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: ئاياللارنىڭ يات ئەرلەر بىلەن سۆزلەشكەندە، ئۇلار بىلەن ئېلىم – بېرىم قىلغاندا يۈزى ئوچۇق ھالەتتە بۇنداق قىلىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىدە مۇشۇ ئايەتنىمۇ دەلىل قىلىدۇ، شۇنداقلا ئايەتتىكى «بۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ قەبلىڭلار ئۈچۈنمۇ، ئۇلارنىڭ قەلبى ئۈچۈنمۇ پاكتۇر» دېگەن جۈملىدىن، بۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بارچە ھۆر مۆمىنە خانىم – قىزلار ئۈچۈن پەرز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، ئايەتنىڭ مەنىسىدىن بىلىنگىنىدەك، يات ئەرلەر بىلەن مۇخاتاپ بولغاندا پەردە ئارقىسدا تۇرۇپ مۇخاتاپ بولۇش قەلىب ئۈچۈن پاك، قەلبنىڭ پاك تۇرۇشىدىكى زۆرۈر ۋاسىتە، ئىكەن، قەلبنىڭ پاك بولۇشى پەقەتلا رەسۇلۇللاھنىڭ خانىم – قىزلىرىدىنلا تەلەپ قىلىنىپ، باشقا مۇسۇلمان خانىم – قىزلاردىن تەلەپ قىلىنمايدىغان ئىش ئەمەس؟ بارچە مۆمىنە خانىم قىزلاردىن ۋە ئەرلەردىن قەلبىنى پاك تۇتۇشى ۋاجىپتۇر. نامەھرەمگە يۈزنى ئاچماسلىق قەلبنىڭ پاك بولۇشىدىكى زۆرۈر شەرتتۇر. مانا بۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمىدۇر.- تەرجىماندىن)

ئۈچىنچى ئايەت (سۈرە نۇر، 31-ئايەت):
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ أَوْ آبَاءِ بُعُولَتِهِنَّ﴾ ﴿ئۇلار (ئاياللار) زىننەتلىرىنى (ياتلارغا) كۆرسەتمىسۇن. پەقەت ئەرلىرىگە، ئاتىلىرىغا… (ۋە باشقا مەھرەملىرىگە كۆرسەتسە بولىدۇ.)﴾ ئالىملار بۇ ئايەتتىكى مۇستەسنا قىلىنغانلاردىن (يەنى مەھرەملەردىن) باشقىلارغا زىننەتنى كۆرسىتىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان. ئەگەر كىشىلەر ئۈچۈن بۇ ئايەتنى «تەدەببۇر» (چوڭقۇر پىكىر) قىلىش پۇرسىتى بولسا، بۇنىڭ يۈزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىنتايىن ئېنىق ئايەت ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايتتى.

(يەنى سۈرە نۇرنىڭ 31 – ئايىتىدە زىننەت كەلىمىسى ئۈچ يەردە چىقىدۇ.

باشتا {زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا}«ئوچۇق زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن» دەپ كېلىدۇ. بۇ ھەقتە «ئوچۇق زىننەت يۈز ۋە قولدۇر» دېگەن كىشىلەر، شۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى {وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ} «زىننەتلىرىنى ئاشكارلىمىسۇن، لېكىن ئېرىگە ياكى دادىلىرىغا …. ئاشكارلىكىسا بولىدۇ} دېگەن جۈملىدىكى «زىننەت»نى يەنە «يۈز ۋە قول» دەپ چۈشەندۈرەلەمدۇ؟ ياق ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر ئىككىنچى زىننەتنىمۇ «يۈز ۋە قول» دەپ چۈشەندۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئۇ چاغدا «ئېرىگە، دادىسىغا، ئوغۇللىرىغا…» يۈز ۋە قولىدىن باشقا يېرىنى ئاچسا بولمايدۇ، دېگەن ھۆكۈم چىقىپ قالىدۇ. ئايەتنىڭ داۋامىدا ئۈچىنچى يەردە يەنە «زىننەت» دەپ چىقىدۇ. {وَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِهِنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِن زِينَتِهِنَّ} «زىننەتلىرىدىن يوشۇرۇن تۇرغانلىرىنى بىلنىشىشى ئۈچۈن پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن.» بۇ يەردىكى يوشۇرۇن زىننەت زادى نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ ئاياللارنىڭ پۇتىغا تاقايدىغان بىلەزۈك – خال خاللىرى. جاھىلىيەتتىكى بۇزۇق ئاياللار يات ئەرلەرنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن پۇتىغا تاقىغان، كىيىمىنىڭ ئاستىدا يوشۇرۇن تۇرىدىغان زىننىتىنى جىرىڭ جىرىڭ قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ يات ئەرنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى. ئايەتنىڭ بۇ جۈملىسىدىكى يوشۇرۇن زىننەت ئايال كىشىنىڭ پۇتىغا تاقىغان بىلەيزۈكلىرىنى كۆرسىتىدۇ. قۇرئان قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە. ھازىر ئاساسەن پۇتقا بىلەزۈك تاقايدىغان ئىش يوق. ئۇنداق ئىكەن، ئايال كىشى ئايىقىنىڭ ئىچىگە كەيگەن پايپاق ۋەھاكازالىرىنى يات ئەرگە كۆرسەتسە بولمايدۇ. چۈنكى، پۇتقا تاقىغان بىلەزۈكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشتىن چەكلىگەن ئاللاھ، پۇتنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشتىن، ياكى ئۇنىڭغا كەيگەن جەزبىدار پايپاقلاردىن چەكلىمەمدۇ؟ ئاۋازدىن چەكلىگەن ئاللاھ كۆرۈنۈشتىن چەكلىمەمدۇ؟ ئايال كىشىنىڭ پۇتىغا تاقىغان زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ئاۋازىنى يات ئەرلەرگە بىلنەشتۈرمەسلىكتىن چەكلىگەن ئاللاھ، ئايال كىشىنىڭ ئاۋازىنى، بولۇپمۇ چىرايلىق، يۇمشاق، جەلىپكار ئاۋازىنى يات ئەردىن چەكلىمەمدۇ؟ زىننەت بۇيۇمىنىڭ بىر – بىرىگە ئۇرۇلغان ئاۋازىدىن چەكلىگەن ئاللاھ، ئايال كىشىنىڭ ئەڭ گۈزەل جايى بولغان يۈزىدىن، قاش – قاپاق، لەۋلىرىنى يات ئەرگە كۆرسىتشتىن چەكلىمەمدۇ؟ بۇ ئايەت ئەقىل ئىگىلىرىگە ئەنە شۇنداق خىتاپ قىلىۋاتىدۇ.

بۇ ئايەتتىكى بىرىنچى زىننەت ئاشكارە زىننەتنى بايان قىلىدۇ، ئاشكارە زىننەت — ئاياك كىشى سىرتقا چىققاندا تېىشغا كىيىدىن كىيىم – كېچەكتۇر.
سۈرە نۇرنىڭ 31 – ئايىتىدىكى «كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان زىننەت»نىڭ كىيىم ئىكەنلىكىنى ئىبنى مەسئۇد ۋە باشقا ساھابە، تابىئىنلار بايان قىلغان. بۇ سەھىھ ھۆكۈم بولۇپ، «كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان زىننەت»نىڭ كىيىم ئىكەنلىكى سۈرە ئەئرافنىڭ 31 – ئايىتى ئارقىلىق سابىتتۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ: {يَا بَنِي آدَمَ خُذُوا زِينَتَكُمْ عِندَ كُلِّ مَسْجِدٍ} {ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر نامازدا زىننىتىڭلارنى (يەنى كىيىمىڭلارنى) كىيىڭلار} (ئەئراف سۈرىسى، 31-ئايەتتىن)

ئايەتتىكى ئىككىنچى زىننەت – ئايال كىشىنىڭ يۈزىنى، قولىنى ۋە بويۇن باشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئايال كىشى بۇ زىننەتلىرىنى ئېرىگە، دادىسىغا، ھاممىلىرىغا … كۆرسەتسە بولىدۇ. ئۈچىنچى زىننەت — ئايال كىشىنىڭ ئۈزۈك، ھالقىلىرىنى ۋە شۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان پايپاق، پۇت قاتارلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى يات ئەرلەرگە كۆرسەتسە، ياكى ئۇنىڭ ئاۋازىنى يات ئەرگە ئاڭلاتسا بولمايدۇ. دېمەك، مۆمىنە ئايال كىشىنىڭ پۇتىغا تاقىغان زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ئاۋازىنى يات ئەرگە ئاڭلىتىشتىن توسقان ئاللاھ، ئۇنىڭ يۈزىنى يات ئەرگە كۆرسىتىشتىن ئەلۋەتتە توسىدۇ. ئايەتتىكى ئىككىنچى زىننەتتە ئاللاھ «بۇ زىننىتىنى ئەرلىرىگە، دادىلىرىغا كۆرسەتسە بولىدۇ…» دەۋاتىدۇ. دېمەك ئىككىنچى زىننەت يەنىلا يۈز ۋە قول ئەمەس. بۇنداق بولغاندا، يۈز ۋە قولنىڭ نېرىسىنى ئېرىگە كۆرسەتسە بولمايدۇ دېگەن خاتا مەنە چىقىدۇ. شۇڭا، بۇ ئايەتتىكى زىننەتلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئورنىنى ئايرىماي، ئاشكارە زىننەت يۈز ۋە قول، ئۇنى يات ئەرگە كۆرسەتسە بولىدۇ دېگەنلەر ئېنىقلا خاتالاشتى، شەيتاننىڭ دامىغا چۈشتى. ھىجاپ ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى يۈزنىڭ، قولنىڭ ئوچۇق تۇرغىنىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى ھىجاپ ئايىتدىن كېيىنكى دەۋرلەرگىمۇ دەلىل قىلىپ ئوچۇقتىن ئوچۇق خاتالاشتى.
سۈرە نۇرنىڭ 31 – ئايىتىدىكى «كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئاشكارا زىننەت»نىڭ كىيىم ئىكەنلىكىنى ئىبنى مەسئۇد ۋە باشقا ساھابە، تابىئىنلار بايان قىلغان. بۇ سەھىھ ھۆكۈم بولۇپ، «كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان زىننەت»نىڭ كىيىم ئىكەنلىكى سۈرە ئەئرافنىڭ 31 – ئايىتى ئارقىلىق سابىتتۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ: {يَا بَنِي آدَمَ خُذُوا زِينَتَكُمْ عِندَ كُلِّ مَسْجِدٍ} {ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر نامازدا زىننىتىڭلارنى (يەنى كىيىمىڭلارنى) كىيىڭلار} (ئەئراف سۈرىسى، 31-ئايەتتىن)

بەزىلەر، رەسۇلۇللاھ ئەسما ئانىمىزغا «بالاغەتكە يەتكە ئايال يۈزى بىلەن قولىدىن باشقىسىنى ياتلارغا كۆرسەتسە بولمايدۇ دېگەن»، دېيىشىپ، بۇ ھەقتە كەلگەن ناھايىتى زەئىپ ھەدىسنى دەلىل قىلىۋالىدۇ. ئايەتنى ۋە سەھىھ دەلىللەرنى تاشلاپ، زەئىپ ھەدىسنى دەلىل دەپ ئەگىشىۋېلىش يا جاھىل، ياكى تەرەپباز، نەپسى – خاھىشىغا ئەگىشىدىغان كىشىلەرنىڭلا ئىشىدۇر. بۇ ھەقتىكى ھەدىسنىڭ زەئىپلىكى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنىڭ ئۇلىنىشى ماقالىنىڭ ئاخىرىغا قىستۇرما قىلىندى.

تۆتىنچى ئايەت: (ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 59 – ئايىتى)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُل لِّأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِن جَلَابِيبِهِنَّ ۚ﴾ ﴿ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، ئۇلار جىلباپلىرى (يەنى چۈمپەردىلىرى) بىلەن پۈتۈن بەدىنىنى ياپسۇن.﴾ (سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەت) ئاللاھ «جىلباپلىرىنى كىيسۇن» دېمىدى، بەلكى «ياپسۇن» (يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ) دېدى. بۇنىڭ مەقسىتى كىملىكىنىڭ تونۇلۇپ قالماسلىقىدۇر. ھەممەيلەن بىلىدۇكى، ئىنساننىڭ تونۇلۇشى يۈزى بىلەن بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە پاسپورت، ھەيدەش كىنىشكىسى، كىملىك ۋە باشقا بارلىق ھۆججەتلەردە كىشىنىڭ سۈرىتى (يۈزى) تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا يۈز — ئىنسان تونۇلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئەزادۇر.

بەشىنچى ئايەت (سۈرە نۇر، 60-ئايەت):
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالْقَوَاعِدُ مِنَ النِّسَاءِ اللَّاتِي لَا يَرْجُونَ نِكَاحًا فَلَيْسَ عَلَيْهِنَّ جُنَاحٌ أَن يَضَعْنَ ثِيَابَهُنَّ غَيْرَ مُتَبَرِّجَاتٍ بِزِينَةٍ ۖ وَأَن يَسْتَعْفِفْنَ خَيْرٌ لَّهُنَّ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ﴾ ﴿تۇغۇت يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەن، نىكاھلىنىشنى ئۈمىد قىلمايدىغان (يەنى ئەرگە مەيلى تارتمايدىغان دەرىجىدە قېرىغان) ياشانغان ئاياللارنىڭ زىننەتلىرىنى كۆرسەتمەسلىك شەرتى بىلەن سىرتقى كىيىملىرىنى (يەنى جىلبابىنى) سېلىۋىېتىشىدە گۇناھ يوق.﴾ (سۈرە نۇر، 60-ئايەت)

ئەگەر بۇ ياشانغان، قېرى ئاياللار ھەققىدىكى يەڭگىللىتىش ھۆكمى بولسا، ئۇنداقتا بۇ ھۆكۈمنىڭ سىرتىدىكى ئاياللارنىڭ، ياش ئاياللارنىڭ ھۆكمى نېمە بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ زىننەتلىرىنى ياپىدىغانلىقى تېخىمۇ ئېنىق بىر ھۆكۈمدۇر. (ئايەتتە «زىننەتلىرىنى ئاشكارە قىلماستىن كىيىملىرىنى سېلىۋەتسە بولىدۇ» دەۋاتىدۇ. ئەگەر زىننەت «يۈز ۋە قول» بولسا، ئۇ ھالدا «يۈز بىلەن قولنى ئاشكارە قىلماستىن كىيىمىنى سېلىۋەتسۇن» دېگەن مەنە چىقىپ قالىدۇ. دېمەك، بۇداق مەنە يۈزدە يۈز خاتا مەنە. ئايەت ياشانغان ئاياللار يۈزىنى ئېچىۋەتسە بولىدۇ، دەۋاتىدۇ. كەينىگە ئۇلاپلاپ «ئىپپەتلىكلىك يولىنى تۇتسا ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى» دەپ، يۈزىنى ئاچمىسا، بۇ تېخىمۇ ياخشى، ئىپپەتلىكلىككە تېخىمۇ ئۇيغۇن دەۋاتىدۇ. -ت)
چۈنكى بۇ مەسىلە — ئۈممەتنىڭ نۇمۇسىنى، ئىززىتىنى ۋە شەرىپىنى قوغداش مەسىلىسىدۇر. بىر ئادەمنىڭ چىقىپ «قۇرئاندا پەردە (ھىجاب) يوق» دېيىشى قۇرئانغا قىلىنغان چوڭ بىر تۆھمەتتۇر. مەنچە ئۇنداق ئادەم قۇرئاننى تېخى ھەقىقىي رەۋىشتە ئوقۇمىغان، ھەتتا قۇرئاننىڭ نەدىن باشلىنىپ نەدە تۈگەيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان (قارا قورساق) ئادەمدۇر.» — ئەللامە مۇھەمەمد دۇرەيئى رەھىمەھۇللاھ.

تېما:
يۈز ۋە قولنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكى ھەققىدىكى ھەدىس دەلىلگە يارىمايدىغان بەك زەئىپ ھەدىستۇر
https://www.hedisim.com/2026/06/28/121-5/

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ